• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-07 19:10:40
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:

    523.jpgtjPئاقيول تور بىكىتى

    ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسىنىڭ 3- پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا، روك ئۇسلۇبىدىكى ناخشىچىمىز پەرھات خالىق ئۆزگىچە ئاۋاز تۈسى ۋە سەمىمىي تۇيغۇلىرى بىلەن يىتەكچى ئۇستازلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
    بۇ  ماقالە 2012- يىلى ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە دىيارىمىزدىمۇ ‹‹يىپەك يولى ساداسى›› نامىدىكى تەقلىدى پىروگرامما ئىشلىنىش خىزمىتى باشلانغان بولغاچقا، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ ‹‹ناۋا تورى›› دا ھەمبەھىرلىدۇق.

    ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسى زادى قانچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتى؟

    ليۇ يۈچىن

    ھاجىبەگ تەرجىمىسى
    ئىلاۋە:
    ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسى – جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى بىلەن شىڭكوڭ (يۇلتۇزلۇق ئاسمان) مەدەنىيەت تارقىتىش گۇرۇھىغا تەۋە سەنشىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى ھەمكارلىشىپ روياپقا چىقارغان، ناخشا-موزىكىنىڭ كەسىپلىشىشىگە ئىلھام ۋە باھا بېرىش مەقستىدە تەسىس قىلىنغان، مۇسابىقە شەكلىدە ماھىر تاللاش ئۇسۇلىدا ئۆتكۈزىلىدىغان چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش پىروگىراممىسى. بۇ پىروگرامما ئەڭ بۇرۇن گوللاندىيىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، ‹‹گوللاندىيدىكى ياڭراق ئاۋاز›› نامىدا جاھانغا تارالغان.
    سەنشىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى 3مىلىيون 500 مىڭلىق باھا بىلەن بۇ پىروگراممىنىڭ ئۈچ پەسىللىك جۇڭگوچە نەشىر ھوقوقىنى سېتىۋالغان. 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى، بۇ پىروگراممىنىڭ 1- سانى تارقىتىلغان. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تارقىتىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن قوشۇلغاندا 1- پەسىلدە جەمئىي 15 سان ئىشلەنگەن.
    ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› تارقىتىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا غايەت زور كۆلەمدە ‹‹ياڭراق ئاۋاز قىزغىنلىقى›› شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا قالتىس ئالقىشلانغان. كۆرۈلۈش نىسبىتى جەھەتتە 2- سانىدىن باشلاپ، ئوخشاش ۋاقىتتا قويۇلىدىغان پىروگراممىلار ئىچىدە بىرىنچى رەتكە ئۆتكەن. پىروگىرامما گۇرۇپپىسىغا غايەت زور پايدا كەلتۈرگەن شۇنداقلا كەڭ كۆلەمدىكى ئىقتىساد زەنجىرى ۋە كەسىپ زەنجىرى ھاسىل قىلغان.
    -    تەرجىماندىنtjPئاقيول تور بىكىتى


    tjPئاقيول تور بىكىتى

    523.jpgtjPئاقيول تور بىكىتى



    بۇ يىل يازدا  ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىرىنىڭ قىممىتى 800 مىڭ يۈەنگە يىتىدىغان تۆت ئورۇندۇق تاماششىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇياقتىن – بۇ ياققا ئايلىنىپ تۇردى. (بۇ يەردىكى تۆت ئورۇندۇق جۇڭگودا زور تەسىر كۈچكە ئىگە ليۇخۇەن، نايىڭ، يۈ چىڭچىن، ياڭ كۈن قاتارلىق تۆت داڭلىق ناخشىچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار بۇ پىروگراممىدا سەنئەت يىتەكچىسى ۋە باھالىغۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە باشتىن –ئاخىرى ئاپتوماتىك ئايلىنىدىغان ھەشەمەتلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان - تەرجىماندىن ) كۆزلەرنى چاقنىتىدىغان تۆت ئۇستاز ناخشىچى، ئۆزلىرىنىڭ غايىلىرى ئۈچۈن بار ئاۋازى بىلەن ناخشا توۋلاۋاتقان سەنئەت ھەۋەسكارلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. شۇنداق، بۇ يىل يازدا ‹‹ئۇ›› ئەڭ قىززىق پاراڭ تىمىسىغا ئايلاندى.  ئۇ دەل - ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسىدۇر. ‹‹گوللاندىيدىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى رەسمىي يوسۇندا سېتىۋېلىش ئارقىلىق روياپقا چىققان بۇ پىروگراممىنىڭ 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇنجى سانى تارقىتىلغان چاغدىكى %1.477 لىك كۆرۈلۈش نىسبىتى، ئارىدىن پەقەت بىر ئايلا ۋاقىت ئۆتۈپ 5- سانىغا كەلگەندە ئوخشاش ۋاقىتتا تارقىتىلىدىغان باشقا سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىدىن %3.302 ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا پىروگرامما تارقىتىلىپ ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەن چاغدا، جېجياڭ سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيىسى پىروگرامما تەننەرخىنى قايتۇرۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.
    بۇ خىل ھالەتكە دۇچ كەلگەن چاغدا، بىز شۇنداق سورىماي تۇرالمايمىزكى، شۇ قەدەر ئىنچىكە پىلانلانغان، ئەتراپلىق تەشكىللەنگەن، سودا پائالىيىتى ۋە تارقىتىش مەشغۇلاتى مۇجەسسەملەنگەن، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسى زادى قانچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتى؟
    جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى: زور مەبلەغ ئارقىلىق رازى بولغۇدەك پايدا يارىتىش
    جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ئىنتايىن نادىر بولغان بىر پىروگراممىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىش، سېتىۋېلىش، تەييارلاش، ئىشلەش ئارقىلىق تاماششىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، جەمئىيەتتە زور تەسىر پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن پۇل تاپىدىغان ئوبدان پۇرسەت ئۆزىنى كۆرسەتتى.
    بىر پىروگرامما ناھايىتى تېز سۈرئەتتە قىزغىن ئالقىشلاندى. 2012- يىلى  7- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇنجى سانى قويۇلغاندىن تارتىپ 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى ئاخىرقى مۇسابىقىگىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسى تېلېۋىزىيەدە تارقىتىلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى ئارىسىدىكى بىر يېڭى يورۇق نۇقتىغا، بىر مۆجىزىگە ئايلاندى.
    بۇ پىروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغاندىن سىرىت، قالتىس ئالقىشقا ئېرىشتى. پىروگراممىنىڭ تەشۋىقات نازارەتچىسى لۇ ۋېي مۇنداق دېدى: ‹‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز› پىروگرامىسىنىڭ 9- ئاينىڭ 7- كۈنى تارقىتىلغان 1- پەسىل 9- سانى ئاخىرلاشقان چاغدا، جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ جۈمە كۈنى ئالتۇن ۋاقىتتىكى 15 سىكونتلىق ئېلان ھەققى بۇرۇنقى 136مىڭ يۈەندىن 360 مىڭ يۈەنگە ئۆستى ھەمدە كۆرۈلۈش نىسىبىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ داۋاملىق ئۆسۈش ھالىتىدە بولدى››. ھەر ساندىكى 22 مىنۇتلىق ئېلان ۋاقىتىنىڭ، ھەر 15 سىكونتلىق ئېلان ھەققىنى 360 مىڭ يۈەندىن ھېسابلايدىغان بولساق، ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسىنىڭ ئېلان كىرىمى 30 مىلىيون يۈەندىن ئاشىدۇ. جيادوباۋ گۇرۇھى پىروگرامما تېخى تەسىس قىلىنماي تۇرۇپلا، مۇستەقىل ئىسىم قويۇش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش قارارىغا كەلدى ھەمدە 60 مىلىيون يۈەنلىك زور مەبلەغ سېلىنمىسى ئارقىلىق، ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز››غا مۇستەقىل نام بېرىش ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. ئەمەلىيەت ئارقىلىق، بىز بۇ پىروگراممىغا جيادوباۋ گۇرۇھى بىلەن جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلغانلىقىنى كۆردۇق.
    ئېلان ھەققى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ پىروگراممىنىڭ تورنەشىرىنىڭ سېتىلىش ھەققىدۇر. ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› تارقىتىلىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن سىنتورلىرى بۇ پىروگراممىغا ئانچە بەك قىزىقمىغان ئىدى. پىروگراممىنىڭ تەسىر كۈچى نۇقتىسىنى چىقىش قىلغان پىروگرامما گۇرۇپپىسى ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز››نىڭ توردا تارقىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھا ئارقىلىق ھەرقايسى چوڭ سىن تورىلىرىغا  تەڭ سېتىش قارارىنى چىقاردى. ئادەمنى ھېلىقى يىغلاتسا ھېلى كۈلدۈرىدىغان ئېسىل ئاۋازلارنىڭ ياڭىرىشى، ماھىرلارنىڭ پىشىپ-يىتىلىشى ۋە كۈچلىنىشى بىلەن تېخىمۇ ئالقىشلىنىۋاتقان بۇ پىروگرامما ئارقىدىنلا ‹‹ئاۋازىم پەيزى›› نامىدىكى يەنە بىر پىروگراممىنى تەسىس قىلدى. بۇ ئۇچۇر تارقىلىشى بىلەن، ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز››نى يالغۇز ‹‹مونۇپول قىلىش›› پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئەيچىيى سىن تورى بۇ قېتىمقى ‹‹ئاۋازىم پەيزى›› پىروگراممىسىنىڭ توردا مۇستەقىل تارقىتىش ھوقۇقىغا چىڭ يېپىشتى. بۇ نۆۋەتتىكى بىراقلا ھۆددىگە ئېلىش سودىسى جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنى ئوبدانلا پايدىغا ئېرىشتۈردى.
    زور مەبلەغ سېلىنمىسى بىلەن ‹‹يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز››غا چىققان بۇ يېڭى پىروگرامما قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىگە غايەت زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتى. ئۇلار تاماششىبىنلار ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى ‹‹زىياپەت سورۇنى›› ھازىرلىغان بولسا، جاۋاب تەرىقىسىدە ئېرىشكىنى ئېقىپ تۈگىمەيدىغان ئىقتىسادىي قىممەت بولدى. بىزنىڭ ھازىر كۆرگىنىمىز پەقەتلا غايەت زور ئىقتىسادىي زەنجىرنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىككىنە بىر بۆلەك، خالاس!
    ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن سىن تورلىرى
    دەسلىپىدە ھىچقانداق بىر سىن تورىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشەلمىگەن ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز››، ئامالسىزلىقتىن توردا تارقىتىش ھوقۇقىنى كۆپلىگەن سىن تورلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن بۇ پىروگراممىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى. ئۇنىڭ توردا چىكىلىش قېتىم سانى كىشى ئويلاپ يىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئېشىپ ماڭدى.
    ‹‹يوۋكۇ سىن تورى››دا 1- پەسىللىك 15 سان پىروگراممىنىڭ چىكىلىش قېتىم سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون مىليۇن قېتىمدىن كۆپرەك بولدى. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تارقىتىلغان ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› 13 مىلىيون 240 مىڭ قېتىم چىكىلىپ ئەڭ كۆپ چىكىلىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
    ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز››نىڭ توردا تارقىتىش ھوقۇقىنى تەڭلا سېتىلىۋالغان كۆپ ساندىكى سىن تورلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاز سوممىلىق مەبلەغ ناھايىتى كۆپ پايدا ياراتقان. ئۇلار دەسلەپتە بۇ سېلىنمىنىڭ بۇنچىۋالا زور پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەن.
    ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز››نىڭ داۋامى بولغان ‹‹ئاۋازىم پەيزى›› پىروگراممىسىنىڭ توردا تارقىتىش ھوقۇقى مۇستەقىل سېتىۋالغان ئەي چى يى سىن تورى، تېلېۋىزوردا پەقەت 10 مىنۇتلۇق قىسقارتىلغان نۇسخسى قويۇلىدىغان ‹‹ئاۋازىم پەيزى››نىڭ، 30 مىنۇتلۇق تولۇق نۇسخىسىنى مۇستەقىل ھالدا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنالايدۇ. بۇ پىروگىراممىنى توردا مۇستەقىل تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئەي چى يى سىن تورىنىڭ چىكىلىش نىسبىتى ئاشتى، تورداشلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىگە سازاۋەر بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تور بېكەت ئېلانى قويۇش، ھەقلىق كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەردە پايدا يارىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
    ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› رەڭلىك قوڭغىراق كەسپىدىمۇ سىھرى كۈچىنى نامايەن قىلدى
    ئىنكاسى تېز تاماششىبىنلار ھەر سان ‹‹ياڭراق ئاۋاز››دا ماھىرلارنىڭ ناخشىسىنى رەڭلىك قوڭغىراق قىلىشقا دائىر كۆرسەتمە ۋە ئۇچۇرلارنىڭ بېرىلگەنلىكىگە چوقۇم دىققەت قىلدى. ماھىرلار ئوقۇغان ھەرقانداق ناخشىنى تور ئارقىلىق رەڭلىك قوڭغىراققا چۈشۈرۈش ئۇسۇلى پىروگرامما گۇرۇپپىسى ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن كەسىپ ھالقىلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئەسلىدە گوللاندىيىنىڭ ‹‹ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسى قوللانغان ئەنئەنىۋى سودا شەكىللىرىنىڭ بىرى ئىدى.
    گوللاندىيەنىڭ ‹‹ياڭراق ئاۋاز›› پىروگىراممىسىغا تەقلىد قىلىنغان ‹‹ئەنگلىيە ئاۋازى››، ‹‹ئېرلاندىيە ئاۋازى››، ‹‹ئامېرىكا ئاۋازى›› قاتارلىق پىروگراممىلارمۇ ناخشا-موزىكىلارنى رەڭلىك قوڭغىراق شەكلىدە تارقىتىش ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز››مۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. پىروگرامما گۇرۇپپىسى پىروگرامما تارقىتىلىشتىن بۇرۇنلا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ‹‹سىمسىز موزىكا كۇلۇبى›› بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ماھىرلارنىڭ ناخشىلىرىنى رەڭلىك قوڭغىراق شەكلىدە تارقىتىش سۇپىسى ھازىرلىغان. سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىپ ھېسابلايدىغان بولساق، ئەگەر ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› رەڭلىك قوڭغىراق چۈشۈرۈش نىشانىغا ئايلانغان چاغدا يىتەكچىلەر، ماھىرلار ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئېرىشىدىغان پايدا قوشۇلغاندا مۆلچەرىي قىممىتى 320 مىلىيون يۈەن بولغان رەڭلىك قوڭغىراق بازىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ غايەت زور سومما ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز››نىڭ ئۈچ ئاي ئىچىدە پىروگرامما گۇرۇپپىسىغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    ماھىرلارنىڭ كىرىمى ۋە ئىستىقبالى
    ‹‹جۇڭگۇدىكى ياڭراق ئاۋاز››نىڭ رەڭلىك قوڭغىراق شەكلىدە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى ھەققىدە سۆزلىگەن چېغىمىزدا، ئۇنىڭ پەقەتلا پىروگىرامما گۇرۇپپىسىغا پايدا كەلتۈرمەستىن، يەنە تېخى يىتەكچىلەر ۋە ماھىرلارغىمۇ باغلىنىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. نۆۋەتتىكى يانفون ئابونتلىرى 900 مىلىيونغا يەتكەن جۇڭگو جەمئىيىتىدە، ھەقلىق رەڭلىك قوڭغىراق بازىرى غايەت چوڭ بازار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ‹‹ياڭراق ئاۋاز›› ماھىرلىرىنىڭ ناخشا-موزىكىلىرى بۇ بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، رەڭلىك قوڭغىراق نىشانىغا ئايلانغان چاغدا، پىروگرامما گۇرۇپپىسى پايدىنى يىتەكچىلەر بىلەن بۆلىشىدۇ، يىتەكچىلەر بولسا ماھىرلار بىلەن بۆلىشىدۇ.
    بىر ماھىر يىتەكچىسىنى توغرا تاللىيالىغان، ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن زور بولسا، شۇنداقلا رەڭلىك قوڭغىراق بازىرىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشەلىسە، مۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە بۇ پۇل ئارقىلىق يېڭى موزىكىلارنى ئىشلەش شارائىتىغا ئېرىشەلەيدۇ.
    پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› پىروگراممىسى ئېلىپ كېلىدىغان بىر قىسىم پايدىدىن سىرىت، باش ئىشتابى شىياڭگاڭغا جايلاشقان، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھېسابلىنىدىغان ‹‹يۇلتۇزلۇق ئاسمان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش گۇرۇھى›› يېقىندا ‹‹ياڭراق ئاۋاز›› موزىكا شىركىتى قۇرۇپ، ماھىرلار بىلەن ئوچۇق شەكىلدە خىزمەت توختامى ئىمزالايدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر خىل كېچىلىك ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىشىگە ياردەم بېرىدىكەن. خۇددى 10- ئايدا گۇاڭجۇدىكى چاڭلۇڭ شاتلىق دۇنياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› سەييارە سەنئەت كېچىلىكىگە ئوخشاش؛ بۇ كېچىلىكتە بېلەتلەر يىتىشمىدى، ‹‹ياڭراق ئاۋاز›› مەستانلىرىنىڭ گۈلدىراس ئالقىشلىرى ئۈزۈلمىدى، ‹‹ياڭراق ئاۋاز›› ماھىرلىرى كەلگۈسى ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىدى. دەرۋەقە، پايدا غايىنى كۈچەيتىدۇ، پايدا كەلگۈسىنى نۇرلاندۇرىدۇ.
    ماھىرلارنىڭ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان ناخشىلىرى، ئۇستاز دەرىجىسىدىكى يىتەكچىلەرنىڭ مەردانىلىقى، رىياسەتچىنىڭ ئېلان ئوقۇش سۈرئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز››نىڭ بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگودىكى كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرىنىڭ يېڭى قائىدىسىگە ئايلاندى.
    ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، پىروگىراممىنىڭ شەكىل ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش، ئۇنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى ئىشلەش، يەرلىك مەدەنىيەتنى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئايلاندۇرۇش ۋە پىروگرامما گۇرۇپپىسى ئېرىشكە پايدىدىن ئېبارەت موشۇ تۆت مۇھىم نۇقتىغا نىسبەتەن، بۇ يىل يازدا روياپقا چىققان ‹‹جۇڭگودىكى ياڭراق ئاۋاز›› يازدىنمۇ بەكرەك قىزىپ كەتتى. لېكىن 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى بىۋاستە تارقىتىش داۋامىدا ۋاقىتلىق ئېلان قىستۇرۇش، سودا پۇرىقىنىڭ بەك كۈچلۈك بولۇشى، پىروگراممىنىڭ  زىيادە سوزۇلۇپ كېتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بەس-مۇنازىرىلەر نۇقتىسىدىن، ‹‹پايدىنى ئاساس قىلىش›› ئەندىزىسىنى يەنە بىر مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
                                                                (تۈگىدى)tjPئاقيول تور بىكىتى

    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سەنئەت ئۇچۇرلىرى