جۇڭگو شياڭگاڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، ئالاھىدە ماھارەت پىلانلىغۇچى چېڭ لوڭ 65 فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1996-يىلى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن فىلىم «خوڭفەن رايونى» نى سۈرئەتكە ئالغاندا ھېچقانداق سۇغۇرتا شىركىتى ئۇنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن قوشۇمچە ئارتىس ئىشلەتمەي بارلىق ئالاھىدە ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئورۇندىغان.
1983-يىلى چېڭ لوڭ ئۆزى رېژىسسورلىق قىلغان ۋە باش رول ئالغان فىلىم «A پىلانى» نى ئىشلىگەن. 1985-يىلى يەنە ئۆزى رېژىسسۇرلىق قىلغان ۋە باش رول ئالغان فىلىم «ساقچىنىڭ ھېكايىسى» ئىشلىگەن، بۇ فىلىم نيۇيورك كىنو بايرىمىدا قويۇلغاندا بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.
1987-يىلى چېڭ لوڭ ئۆز ئالدىغا كىنو-فىلىم شىركىتى قۇرغان. ئۇ 1988-يىلى «ساقچىنىڭ ھېكايىسى» نىڭ داۋامىنى ۋە «تەڭداشسىز ئەزىمەت» فىلىمىنى ئىشلىگەن.
1996-يىلى ئۇ «چاقماق ئۇچقۇنى» فىلىمىنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ فىلىم ئامېرىكىدىكى 1500 دىن ئارتۇق كىنوخانىدا قويۇلغان. بۇ فىلىم تۇنجى قويۇلغان ھەپتىسىلا بېلەت كىرىمى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇ يىلى چېڭ لوڭ ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، دۇنيا خاراكتېرلىك ئاخبارات پېرسوناژىغا ئايلانغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېڭ لوڭ ئامېرىكا، شياڭگاڭ، چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «مەن كىم»، «پىداكار ئاشپەز» قاتارلىق فىلىملەرنى ئىشلەپ كىنو ساھەسىدە داۋاملىق ئۇتۇق قازانغان. ئامېرىكا ئارتىس ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى چېڭ لوڭنى پەخرىي ئەزالىققا قوبۇل قىلغان، ياپونىيە كىنوچىلىق ژورنىلى «ئاشكارا قويۇش» تا چېڭ لوڭ 10 چوڭ چولپاننىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
چېڭ لوڭ كۈچلۈك ئىجاتچانلىق روھىغا ئىگە. ئۇ ھەر بىر كىنو فىلىمىدە كىشىلەر قىياس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە خەتەرلىك ۋە قىيىن ھەركەتلەرنى ئورۇندىغان، ھەتتا مۇشۇ سەۋەپتىن بىر قانچە قېتىم يارلىنىپمۇ قالغان . شۇڭا، ئۇ كىنو ساھاسىدىكى «ئالاھىدە ماھارەت »ئۇستىسى دەپ نام ئالغان.