بوللىۋودتىكى بىرگە قادىر كۆپكە ماھىر سەنئەتكار – ئامىرخان
ئۇ ھىندىستاندىكى ‹‹دۆلەت گۆھىرى›› دەرىجىلىك شەخىس، 8 يېشىدىلا كۆپكە تونۇلغان، 2011- يىلى ‹‹پادىشاھ ئاشۇكا›› زالىدا ھىندىستان پىرىزدىنتى پرادىبھا پاتىل ئۇنى ‹‹نىلۇپەر ئوردىنى›› بىلەن تارتۇقلىدى. ئۇنىڭ ‹‹ئەپقېچىش ئۇسۇلى›› ئارقىلىق روياپقا چىققان نىكاھى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى دىنى ۋە ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش تەشەببۇسىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان. ئۇ ھىندىستان كىنوچىلىقىدا باشلامچىلىق بىلەن ئوسكار مۇكاپاتىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە قولغا كەلتۈرگەن بىر چولپان، ئۇنىڭ ھەر بىر كىنوسى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، يىغلىتىدۇ، كۈلدۈرىدۇ...
ئۇ ھىندىستاندىكى يەتتە يەشتىن يەتمىش ياشقۇچە ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر چولپان.
2007-2010- يىللىرى بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ خەلقئارالىق بىلەت كىرىم تەرتىپى ۋە دۆلەت ئىچى بىلەت كىرىم تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغىنى دەل ئامىرخاندۇر.
ئاكتىيۇر، سىنارىست، رىژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، موزىكا سەپلىگۈچى، ناخشىچى... مانا بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ناملىرى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىرگە قادىر كۆپكە ماھىر سەنئەتكار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ روللارنىڭ ھەممىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغۇچى. ئەگەر ئوسكار مۇكاپاتىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلى كىنوسى دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن ‹‹نامراتلار كەپىسىدىن چىققان مىلىيونىر›› دىگەن كىنودىن كېيىن ئۇ فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە باش رولچى بولغان ‹‹يەرشارىدىكى يۇلتۇزلار››، ‹‹ئۈچ ئەخمەق›› دىگەن كىنولارنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئىختىيارسىز ھالدا ‹‹ۋاھ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تالانت ئىگىسىكەن›› دىمەي قالمايسىز!
ئامىرخاننىڭ تېگى-تەكتى ئافغانىستاندىن بولۇپ، سىياسىيون ۋە زىيالىي جەمەتنىڭ پەرزەنتىدۇر. ئامىرخاننىڭ ھاياتى كىنوچىلىق بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇنىڭ دادىسى تاھىر ھۈسەيىن ۋە تاغىسى ناسىر ھۈسەيىنلەر بوللىۋودتىكى داڭلىق سىنارىست ۋە رىژىسسورلاردىن، ئامىرخاننىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بوللىۋود كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ياخشى تىمىلارنىڭ بىرى.
ئامىرخان 8 ياشقا كىرگەندە، تاغىسى ئىشلىگەن كىنو‹‹مەپە››دە تۇنجى رەت رولغا چىققان ھەمدە داڭ قازانغان. كىنو مەستانلىرى بۇ بالا چولپاننىڭ مەيدانغا چىقىشىدىن ئەسەبىيلەشكەن ۋاقتىدا، ئامىرخان كىنو ساھەسىگە ئارلاشماسلىق ھەققىدە چىڭ تۇرىۋالغان ھەمدە سېتكا توپقا ئىشتىياق باغلىغان. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئىپادىسىمۇ ناھايىتى قالتىس بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ماھارارا شىتاتى بويىچە چىمپىيۇنلىققا ئېرىشكەن.
موشۇ چاغلاردا ئامىرخان قوشنىسىنىڭ رىنا ئىسىملىك گۈزەل قىزىغا ئاشىق بولغان. 21 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدا ئامىرخان رىناغا توي تەكلىپى قويغان ھەمدە رىنانىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشكەن. ئامىرخاننىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان جەمەتى بىلەن رىنانىڭ ھىندى دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان جەمەتى بۇ تويغا قەتئىي رازىلىق بەرمىگەن. بۇ چاغدا ئامىرخان مەشۇقىنى ئېلىپ قېچىش يولى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن.
تويدىن كېيىن ئامىرخان بىلەن رىنا ناھايىتى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن، 1988- يىلى ئامىرخاننىڭ ‹‹رەڭگارەڭ دۇنيا››ناملىق كىنوسىدا، رىنا ‹‹ئەھە دەپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغان›› بىر ئوبراز بىلەن جامائەتچىلىككە كۆرۈنۈپ قويغان. كىنودا، ئامىرخان ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ناخشا ئوقۇۋاتقاندا قىزىل كۆينەك كىيىپ ئامىرخاننىڭ ئىڭىكىنى سىلاپ قويغاچ ناخشا ئوقۇغان قىز دەل رىنا ئىدى. ئامىرخان بىلەن رىنا جۈنەيد ئىسىملىك بىر ئوغول، ئىرا ئىسىملىك بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان، ئۇلارنىڭ نىكاھى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندى دىنى مۇخلىسلىرىنى چىقىشىپ ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىدىغان بىر ئۈلگە بولۇپ قالغان ئىدى.
2002- يىلى، ئامىرخان بىلەن رىنانىڭ 15 يىللىق بەخىتلىك نىكاھى ئاخىرلاشتى. 2004- يىلى، ئامىرخاننىڭ ئەنگلىيىلىك قىز دوستى ئۇنىڭغا بىر نىكاھسىز بالا تۇغۇپ بەردى. 2005- يىلى 12- ئايدا، ئامىرخان كۆڭلى چۈشۈپ قالغان كىران راۋنى ئەمرىگە ئالدى، كىران ئامىرخانغا ياردەملىشىپ مۇئاۋىن رىژىسسورلۇق بىلەن شۇغۇللاندى.
2009- يىلى قويۇلغان ‹‹ئۈچ ئەخمەق›› كىنوسى جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئەللەرگە ئامىرخاننى ھەقىقىي تونۇتتى ۋە ‹‹ئامىرخان قىزغىنلىقى››نى بارلىققا كەلتۈردى. ئامىرخاننىڭ ‹‹سىرلىق ئۆلۈم››، ‹‹يەرشارىدىكى يۇلتۇزلار››، ‹‹ھىندىستاندىكى ئىشلار›› ۋە باشقا بىر قىسىم ۋەكىل خاراكتېردىكى فىلىملىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاشتى. بۇ چاغدا ئامىرخان ھىندىستاندىكى ھەر قانداق كىشى تونۇيدىغان ‹‹دۆلەت گۆھىرى››گە ئايلانغان ئىدى. 2011- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، ھىندىستان پىرىزدىنتى پرادىبھا پاتىل ‹‹پادىشاھ ئاشۇكا›› زالىدا ئۇنى ‹‹نىلۇپەر ئوردىنى›› بىلەن تارتۇقلىدى
سېتكا توپ ماھىرىدىن كىنو چولپىنىغا ئايلىنىش ئامىرخان ئۈچۈن ئېيىتقاندا ۋۇجۇدىدىكى تەبئىي ئويغىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامىرخاننىڭ دەسلەپكى قىزىقىشى كىنوچىلىقتىكى ئوبراز يارىتىش ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشى مەنسۇرخاننىڭ مەسلىھەتى بولمىغان بولسا، بوللىۋود بەلكى بۇ ‹‹ھىندىستانلىق تام كىروس››تىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتى. مەنسۇرخان ئامىرخاننىڭ كەسىي جەھەتتىكى ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ، ئامىرخان ئۇنىڭغا باھا بەرگەندە ‹‹مەنسۇرغا ئۆزۈمدىنمۇ بەكرەك ئىشىنىمەن›› دىگەن. 1988- يىلى كىنو رىژىسسورلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەنسۇرخان بىر فىلىم ئىشلىمەكچى بولىدۇ ھەمدە ئامىرخاننى باش رولچى بولۇشقا قايىل قىلىدۇ. ئامىرخان موشۇ فىلىم بىلەن قاتتىق نام چىقىرىدۇ ھەمدە ‹‹ھىندىستاننىڭ ئەتۋارلىقى›› بولۇپ قالىدۇ.
ئاكىتىيورلىقتىن ئىبارەت موشۇ بىرلا كەسىپتىن ئېيىتقاندىمۇ ئامىرخان يەنىلا بىرگە قادىر كۆپكە ماھىر ئارتىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ سەركىلىرىدىن سانىلىدىغان ‹‹ئۈچ خان››نىڭ بىرى بولغان ئامىرخان (ئۈچ خان ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامىرخان، شاھرۇھخان ۋە سالمانخانلارنى كۆرسىتىدۇ)نىڭ رول ئېلىش تالانتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. ئۇ مۇھەببەت فىلىملىرى، كومىدىيلىك فىلىملەر، ھەرىكەتلىك فىلىملەر ياكى ھەجىۋى فىلىملەردە بولسۇن ھەرقانداق رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىيالايدۇ. ئادەتتىكى پۇقرا، مۇسكۇل ئەپەندىسى، مۇئەللىم ۋە ياكى قانداقلا ئوبراز بولسۇن ئامىرخاننىڭ ۋۇجۇدىدا نامايەن بولالايدۇ. ئۇ ھەتتا 44 ياشقا كىرگەن چېغىدىمۇ ‹‹ئۈچ ئەخمەق›› فىلىمىدە 20 ياشلىق سىتودىنت ئوبرازىنى ناھايىتى جانلىق ياراتقان.
2001- يىلى، ئامىرخان فىلىم ئىشلىگۈچى ھەم باش رولچى بولغان ‹‹ھىندىستاندىكى ئىشلار›› فىلىمى ئوسكارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلى فىلىم تۈرىدە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ بوللىۋود كىنوچىلىقى تارىخىدا قولغا كەلگەن ئوسكارنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى ئىدى. فىلىم بەش ئاپپارات ئارقىلىق ماس قەدەمدە سۈرەتكە ئېلىنغان، قاتناشقان ئاممىۋى ئارتىسلار ئون مىڭدىن ئاشقان، ئەلنەغمە ۋە دىنىي قەسىدىلەر باش تىما قىلىنغان، ناخشا-ئۇسسۇل مەيدانى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا دائىرىسىدە بىر مەھەل ھىندىستان ناخشا-ئۇسسۇل قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتكەن.
2009- يىلى ئامىرخان فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان ‹‹نامراتلار كەپىسىدىن چىققان مىلىيونىر›› ناملىق كىنو 81- نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىم››، ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىس›› قاتارلىق 8 تۈرلۈك مۇكاپاتقا نائىل بولغان ھەمدە ئامىرخاننىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى يەنە بىر بۆسۈش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
ئامىرخان ئەزەلدىن دۆلەت ئىچىدە تارقىتىلغان مۇكاپاتلارنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇ يەنە لوندوندىكى ‹‹تۇسائۇدىس خانىم مۇم ھەيكەل كۆرگەزمىخانىسى››نىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان.
ئامىرخان مۇكەممەلىكنى زىيادە قوغلىشىدۇ، ئۇ بىر ئارتىسنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە فىلىمگە قاتنىشىشىغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ؛ بىر ياقتىن فىلىم ئىشلەپ، بىر ياقتىن سىنارىيە يېزىش بوللىۋودتا ناھايىتى نورمال ھېسابلىنىدىغان خىزمەت ئىستىلى، لېكىن ئامىرخان سىنارىيە پۈتمەي تۇرۇپ ھەرگىز فىلىم ئىشلىمەيدۇ ھەمدە ئىككى فىلىمنى تەڭ قوبۇل قىلمايدۇ.
كىنوچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان 20 نەچچە يىل داۋامىدا، ئامىرخان سانسىز قېتىم ھىندىستان كىنو مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىملىرىغا قاتناشمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ‹‹ھىندىستاندىكى كىنوچىلىق مۇكاپاتلىرى ئىشەنچىسىز›› ئىكەن. 2007- يىلى، لوندوندىكى ‹‹تۇسائۇدىس خانىم مۇم ھەيكەل كۆرگەزمىخانىسى›› ئامىرخاننىڭ ھەيكىلىنى كۆرگەزمىخانىغا قويۇش تەكلىپى بەرگەندە ئۇ قەتئىي رەت قىلغان. ‹‹بۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم ئىش ئەمەس. كىشىلەر مەن ئىشلىمەكچى بولغان كىنونى كۆرمەكچى بولسا تەبئىيلا كۆرىۋىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئۇنچىۋالا كۆپ ئىشلارغا باش قاتۇرغىدەك ۋاقتىممۇ يوق. مېنىڭ ‹دولقۇنىمنىڭ كەڭلىكى› پەقەت شۇنچىلىك›› دەيدۇ ئامىرخان.
‹‹تۇغۇلۇشىمىز بىلەنلا كىشىلەر بىزگە، تۇرمۇش دىگەن مۇسابىقىگە ئوخشايدۇ، چاققانراق يۈگۈرمىسەڭ دەسسىلىپ كېتىسىەن؛ ھەتتا تۇغۇلىشتىن بۇرۇنمۇ 300 مىلىيون ئۇرۇق بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن ئىدىڭ، دەيدۇ››
ئامىرخان ناھايىتى ھىسىياتچان، ئۇ ئۆز تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەتتىن ھىس قىلغانلىرىنى كىنولىرىغا مۇجەسسەملەيدۇ. يۇقارقى بايان ئۇنىڭ ‹‹ئۈچ ئەخمەق›› دىگەن كىنوسىدا تۆككەن دەرىتلىرى. ئامىرخان نۇرغۇن كىنولىرىدا موشۇنىڭغا ئوخشاش بايانلارنى بەرگەن بولۇپ، ‹‹جاڭگال قائىدىسى›› بويىچە ياشاش ئۇسۇلىغا بولغان قارشىلىقى ۋە ئىسىيانىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ دۇنيا تەبىئەت فۇندى تەشكىللىگەن ‹‹يەرشارى-سائەت›› پائالىيىتىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەلچىسى.
‹‹مېنىڭچە بىز دائىم دىگۈدەك ئۆزىمىزدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئېتىبار بەرمەيمىز. بىز زادى يەرشارىدا نىمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ھاياتنىڭ ماھىيىتى زادى نىمە؟ قايسى ئىشلار بىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم؟... موشۇلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلغۇدەك ۋاقتىمنىڭ بولغىنىغا شۈكرى!›› دەپ يازىدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ بلوگىغا.
كىچىكىدىنلا سېتكا توپقا ئىشتىياق باغلىغان ئامىرخان شىۋىتسارىيىلىك داڭلىق سېتكا توپ ماھىرى روجىر فىدىرىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى روجىرنىڭ ناھايىتى قالتىس بىر ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ‹‹پەقەت ئۇلا ھەر قېتىم يەڭگەندىن كېيىن خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلايدىغان›› بىر ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈندۈر. ئۇنىڭدىن باشقا ئامىرخان ‹‹ھەر قېتىم بىر فىلىم ناھايىتى ياخشى سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقىتتا، ئۆزىنى باسالماي تېلىقىپ يىغلاپ كېتىدىغان›› بىر كىشىدۇر. ئامىرخاننىڭ مىجەزى شوخ ۋە كەپسىز بولۇپ، ھەرپ تىزىش ئويۇنى دىگەندەك ئويۇنلارنى ئويناشقا ئامراق. ئۇ بۇ ھەقتە بلوگىدا ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ئەگەر ئويۇن كۆڭلىدىكىدەك ئاخىرلاشمىسا تور بىكەتلەرنىڭ تېخنىكىسىدىن ئاغرىنىپ قويىدۇ.
2011- يىلىدىكى بىر قېتىملىق فىلىم تەشۋىقاتى پائالىيىتىدە ئامىرخان يۇرتىغا قايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىنو مەستانلىرى بىلەن ‹‹مۆكۈشمەك›› ئوينىدى. يەنى توردا ئۆزىنىڭ ‹‹غايىپ›› بولىدىغان ۋاقتىنى ئاشكارلىغاندىن كېيىن، باشقىچە ياسىنىپ كوچىغا چىقتى ۋە باشقىلارنىڭ تونۇپ قېلىشى ياكى تونۇيالماسلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. ئامىرخاننىڭ مۇنداق قىزىقارلىق ئويۇنلىرى دائىم مەستانلىرىنى خۇشال قىلىۋىتىدۇ.
‹‹مەيلى مەن نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللىناي، مەيدانىم ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ››دەيدۇ ئامىرخان.
ئامىرخان جەمئىيەتكە ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتىدىغان بىر كىشى، ئۇ بۇرۇن ‹‹كىنو ئىشلەش بىراۋنىڭ رايى بىلەن بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئۆز دۆلىتىگە تەنقىدىي پىكىر بىرەلەيدىغان بىر فىلىمنى پۈتتۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى زور بولىدۇ. شۇڭا ئۆزىگە ۋە دۆلىتىگە تەنقىد بىرىش بىزنىڭ تۇنجى قەدىمىمىز بولۇشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى چىراق نۇرى ئاستىدا نۇمۇسقا قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق، نۇمۇسقا تېگىشلىك بولغىنى دۆلەتنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى كەمچىلىكى›› دىگەن.
ئۇ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ئۇ ھىندىستاندىكى ‹‹ئۆسمۈرلەرگە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› تەشۋىقاتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى، ھىندىستان‹‹ مەكتەپ مۇھىتى ۋە دىموكراتتىك ئىسلاھات تەشكىلاتى››نىڭ ئوبراز ئەلچىسى، ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدىغانلىقىنى ۋە ھەق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ھەر تۈرلۈك زورۋانلىقلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە قەتئىي ئەيىپلەيدۇ ھەمدە بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ياشلارنىڭ ‹‹چولپان››ى بولۇشتىن نۇمۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ چىرىكلىك قاتارلىق يامان ئىستىلىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ، ئۇ بۇ ھەقتە ھەتتا باش مىنىستىر سىنگىغا بىۋاستە خەت يازغان. 2011- يىلى ئامىرخان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەندى ھەمدە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا ئۆسمۈرلىرى ھەققىدىكى مۇنبەرگە قاتناشتى.
ئامىرخان 2012- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ ‹‹ھەقىقەت ھەممىدىن ئۈستۈن›› ناملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنى ئىشلىگەن ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ پىروگرامما ھىندىستان جەمئىيىتىدە ناھايىتى زور زىلزىلە پەيدا قىلغان ھەم ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. بۇ پىروگىراممىنىڭ ھەر بىر سانىدا جەمئىيەتتىكى ئېتىبارغا ئېلىنمايۋاتقان ناھايىتى زىل ۋە قاراڭغۇ ئامىللار ئوتتۇرغا تاشلانغان بولۇپ، ئامىرخان ۋە ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ پىروگرامما ئۈچۈن توپتوغرا ئىككى يىل جەمئىيەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.
بىرىنچى سان پىروگراممىدا ھىندىستان جەمئىيىتىدە ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قىز ھامىلىلەرنى چۈشۈرۋېتىش مەسىلىسى ئوتتۇرغان قويۇلغان بولۇپ، ئامىرخان موشۇ تىما ئاستىدا زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ئانىلارنى تاماششىبىلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىققان ھەمدە بۇ خىل قىلمىشنى ناھايىتى قاتتىق ئەيىپلىگەن. پىروگرامما تارقىتىلغاندىن كېيىن ناھايىتى زور غۇلغۇلە پەيدا قىلغان، بوللىۋودتىكى ھەرساھە زاتلار ئامىرخاننىڭ ئىرادىسى ۋە غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامىرخان يەنە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالغان. 27 دوختۇر ۋە 4 نەپەر كىشى موشۇ سەۋەبلىك قاماققا ئېلىنغان ۋە جازالانغان. 2005- يىلىدىن باشلاپ بېسىپ قويۇلغان 274 دىلو قايتا قوزغىتىلغان.
ئىككىنچى سان پىروگراممىدا بالىلارنىڭ جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ئوتتۇرغا تاشلانغان ھەمدە 5- ئاينىڭ 23- كۈنى موشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن پارلامىنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن.
ئۈچىنچى سان پىروگراممىدا تويلۇق مەسلىسى تۇتقا قىلىنغان بولۇپ، ھىندىستانكى قىزلار تويلۇق بېرىدىغان ئادەت ۋە بۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ھەر خىل پاجىئەلەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە سۇنۇلغان.
يۇقارقىلاردىن باشقا ئامىرخان يەنە دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى تەسىرى بار بىر شەخىس، ئۇ ئوباما ۋە ھىلارى قاتارلىق ئامېرىكا رەھبەرلىرى ۋە باشقا ئەل رەھبەرلىرىنىڭ ھىندىستان زىيارىتىدە كۆرۈشۈپ ئۆتىدىغان شەخىسلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئامىر ھۈسەيىن خان – 1965- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى، بومبايدىكى بىر دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بويى 1.68 مېتىر، ئېغىرلىقى 71 كىلوگرام كېلىدۇ. ئامىرخان ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ. دادىسىنىڭ ئىسمى تاھىر ھۈسەيىن، ئانىسىنىڭ ئىسمى زىننەت ھۈسەيىن؛ ئۇنىڭ تۆت قېرىندىشى بار بولۇپ، ئىنىلىرى فەيزەل ۋە ھەيدەر ئەلىخان، ئاچىسى نىخات ۋە سىڭلىسى فەرھاد قاتارلىقلار. ھازىرقى ئايالى كىران راۋ؛ ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بار، ئۇلار ئوغوللىرى جۈنەيدخان، ئازاد راۋخان، قىزى ئىراخان قاتارلىقلار. ئامىرخان لىۋ تولىستوينىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. موزىكا ئاڭلاشقا ۋە تەنھەرىكەت تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئامراق. ۋەكىللىك خاراكتېردىكى فىلىملىرىدىن ‹‹يەرشارىدىكى يۇلتۇزلار››، ‹‹دەريا بويىدىكى كىر يۇيغۇچى››، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى قەھرىمان››، ‹‹ئۇنتۇلماس مۇھەببەت››، ‹‹مۇھەببەت ۋەيرانى››، ‹‹ھىندىستاندىكى ئىشلار››، ‹‹سىرلىق ئۆلۈم››، ‹‹ئۈچ ئەخمەق››، ‹‹ئىنتقام مەشئىلى››، ‹‹ئۇچقۇر ئوغرى-3›› قاتارلىقلار بار.
-قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆز خۇشاللىقىمنى مەنبە قىلغان،- دەيدۇ ئامىرخان.