• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • گۇمپا فىلىم چولپىنى جىن زىدەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-07 19:01:17
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    01.jpgNNNئاقيول تور بىكىتى


    ئۆزىنىڭ ‹‹جىڭۋۇ سارىيى››، ‹‹گۇۋاچىنى قەستىلەش››، ‹‹بۆرە رىۋايىتى››، ‹‹غالجىر بۆرىنى يوقۇتۇش›› قاتارلىق بىر قاتار نادىر فىلىملىرى بىلەن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق گۇمپا فىلىم چولپىنى جىن زىدەن 1963- يىلى گۇاڭجۇدا تۇغۇلغان. ئىككى يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن شياڭگاڭغا كۆچۈپ بارغان. 11 يېشىدا ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ بوستوندا ئولتۇراقلاشقان.
    جىن زىدەننىڭ ئانىسى مېي باۋچەن خەلقئارادا نامى بار جانباز ۋە تەيجى ماھارەت ئۇستىسى بولۇپ، داڭلىق ‹‹جۇڭگو گۇمپا تەتقىقات ئورنى››نى قۇرغان. جىن زىدەن ئانىسىنىڭ يىتەكچىلىكى بىلەن جانبازلىق ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن ھەمدە مۇستەھكەم ئاساس تىكلىگەن.
    جىن زىدەن جانبازلىققا كۈچلۈك مۇھەببەت باغلاپ، داڭلىق جانباز ھەم كىنو چولپىنى لى شياۋلوڭنى غايىۋانە ئۇستاز تۇتقان. ئوغلىنىڭ جانبازلىققا بۇنچە ئىشتىياق باغلىغىنىدىن ھەم خوشال بولغان ھەم ئەنسىرىگەن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە بېيجىڭدىكى بىر جانبازلىق مەكتىۋىگە ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. 1982- يىلى ئامېرىكىغا قايىتقان جىن زىدەن، ئامېرىكىدىكى رايونلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن جانبازلىق مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقئارا جانبازلىق ساھەسىدە نام قازىنىشقا باشلىغان.
    NNNئاقيول تور بىكىتى

    01.jpgNNNئاقيول تور بىكىتى


    NNNئاقيول تور بىكىتى

    جىن زىدەن 80- يىللاردا شياڭگاڭدا تۇرغان مەزگىلىدە، داڭلىق گۇمپا فىلىم ئۇستىسى يۈەن خېپىڭنىڭ دىققىتىنى تارىتقان. 1984- يىلى ئۇ ‹‹قىزىقارلىق تەيجى›› فىلىمىدە باش رول ئېلىپ داڭ چىقارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ‹‹مۇھەببەت رەقىبلىرى››، ‹‹ئالاھىدە ساقچى››، ‹‹گۇۋاچىنى قەستلەش››، ‹‹پۇل يۇيۇش›› قاتارلىق فىلىملەردە ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ چولپان بولۇش ئاساسىنى تىكلىگەن. 1992- يىلى داڭلىق رىژىسسور شۈكىنىڭ تەكلىپى بىلەن ‹‹يېڭى لوڭمىن سارىيى››، ‹‹خۇاڭ فېيخۇڭ›› قاتارلىق فىلىملەرگە قاتناشقان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش ۋە جانبازلىق قىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن لى شياۋلوڭ، چىڭ لوڭ، لى ليەنجيې، خۇڭ جىنباۋدىن كىيىنكى ئەڭ ئۈمىدلىك جانباز چولپان دەپ قارالغان. 1995- يىلى ئۇ باش رول ئالغان ‹‹جىڭۋۇ سارىيى›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى زور شۆھرەت قازىنىپ، جىن زىدەننىڭ چولپانلىق ئورنى رەسمىي مۇستەھكەملەنگەن.
    ‹‹بەدەن ساپايىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قاچان رىقابەتكە تەييار تۇرالىسىڭىزلا، ھەقىقىي جانبازغا ئايلىنالايسىز. سىز مۇھەببەت باغلىغان گۇمپا قايسىلا خىلغا تەۋە بولسۇن، بەدەن ساپاسى ئۇنىڭ ئاساسىدۇر. ياخشى بولغان بەدەن ساپاسى ئۇزۇن مەزگىللىك چېنىقىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتىن كېلىدۇ›› دەيدۇ جىن زىدەن.
    جىن زىدەن جانبازلىقتا سۈرئەتنىڭ تېز، زەربىنىڭ ئەجەللىك، ھەرىكەتلەرنىڭ سەنئەتلىك بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى بۇ ئالاھىدىكىلەر بىلەن جانبازلىق چولپانلىرى ئىچىدە ئۆزگىچە بىر ئوبراز ياراتقان.NNNئاقيول تور بىكىتى

    01.jpgNNNئاقيول تور بىكىتى


    ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر فىلىملىرى بىلەن كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، شۇنداقلا رولغا چىقىش باھاسىمۇ كۈنسىرى ئۆرلەپ ماڭغان. دۆلەت ئىچىدىن تەرەققىي قىلىپ خەلقئارا يۈزلەنگەن. ئۇ ھازىر خەلقئارادا نامى بار جانبازلىق فىلىم چولپىنى، گۇمپا فىلىم يىتەكچىسىگە ئايلاندى.
    جىن زىدەن ئۆزى قاتناشقان فىلىملەردە نۇرغۇن داڭلىق چولپانلار بىلەن ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ مۇنەۋۋەر رىقابەتچىم لى ليەنجېي دەپ قارايدۇ. جىن زىدەن بىلەن لى ليەنجېي ‹‹خۇاڭ فېيخۇڭ››، ‹‹قەھرىمان›› ناملىق ئىككى فىلىمدە ھەمكارلاشقان. لى ليەنجيې ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر، جىن زىدەن قورال ئىشلىتىكە پىششىق بولمىغاچقا بۇ خىلدىكى ئېلىششنى ئادالەتسىزلىك، مەن ئۆز ماھارىتىمنى تولۇق نامايەن قىلالمىدىم دەپ قارايدۇ. لېكىن ئۇ لى ليەنجېي بىلەن ھەمكارلاشقان فىلىملەرنى ‹‹ھەقىقىي پۇخادىن چىققان فىلىم›› دەپ قارايدۇ. چىڭ لوڭغا كەلسەك، جىن زىدەن چىڭ لوڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ فىلىم ئىشلەشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ‹‹چىڭ لوڭنىڭ فىلىملىرىدە ماھارەتلىك كۆرۈنۈشلەر كۆپ، لېكىن بىۋاستە يۈزمۇ-يۈز ئېلىشىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئاز بولغاچقا پۇخادىن چىقالمايدىكەن››.
    NNNئاقيول تور بىكىتى

    01.jpgNNNئاقيول تور بىكىتى


    NNNئاقيول تور بىكىتى

    جىن زىدەن 1993- يىلى دوسىتلىرىنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن لياڭ جىڭسى ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشقان ھەمدە شۇ يىلى 12- ئايدا توي قىلغان. لېكىن بۇ نىكاھ بىر يىلغا توشمايلا ئاخىرلاشقان. جىن زىدەن بۇ ھەقتە توختالغاندا: ‹‹توي قىلغاندىن كېيىن بىز مىجەزىمىزنىڭ كېلىشەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇق. لېكىن مەن بار تىرىشچانلىقىم بىلەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. گەرچە ئاجىرىشىپ كەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلەلمەيدىغان يېرىم يوق›› دىگەن. جىن زىدەن بۇ ئايالىدىن بىر ئوغوللۇق بولغان، ھەمدە ئىزچىل ھالدا ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن.
    ‹‹جىڭۋۇ سارىيى›› ناملىق فىلىمدە چىن جىننىڭ مەشۇقى بولغان ياپونلىق قىزنىڭ رولىنى ئالغان ۋەن چىۋىنغا يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن جىن زىدەن 1995- يىلى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا قولىغا گۈل ئېلىپ، ۋەن چىۋىننىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان. ۋەن چىۋىنمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن ھەمدە ‹‹بۇ ئۆمرۈمدە جىن زىدەندىن باشقا ئەرگە تەگمەيمەن›› دىگەن.
    2000- يىلىغا كەلگەندە شياڭگاڭدىكى ئىشلىرىدىن تازا رازى بولمىغان جىن زىدەن ئامېرىكىغا بېرىپ تەرەققىي قىلماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى ئاخىرلاشتى. ۋەن چىۋىن شۇ يىلى چىن شىسەن ئىسىملىك بىر سىنارىست بىلەن مۇھەببەتلەشتى ھەمدە ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتۈپلا ئۇنىڭغا تېگىۋالدى.
    2003- يىلىغا كەلگەندە جىن زىدەن تورونتۇ گۈزىلى بولۇپ سايلانغان ۋاڭ شىشى بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئىككەيلەن بىر مەزگىل ئارلاشقاندىن كېيىن مىجەزىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كېلدىغانلىقىنى بىلىپ توي قىلىشقا پۈتۈشتى.NNNئاقيول تور بىكىتى

    01.jpgNNNئاقيول تور بىكىتى


    ھازىر جىن زىدەن ۋاڭ شىشى بىلەن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار.
    جىن زىدەن ئۆزى ئىشلىگەن فىلىملىرى بىلەن 20 نەچچە قېتىم ھەر تۈرلۈك كىنو-فىلىم مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.
    ھەر بىر چولپاننىڭ كەينىدىن گەپ تارقالغانغا ئوخشاش، جىن زىدەننىڭ كەينىدىمۇ نۇرغۇن گەپ-سۆزلەر تارقالغان. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تارقالغان گەپلەرنىڭ كۆپ قىسمى ‹‹مىجەزى ئوسال››، ‹‹ھەمكارلاشقىلى بولمايدۇ››، ‹‹ئۆزۈمنىڭلا راسىت دەيدۇ››، ‹‹باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ›› دىگەن مەزمۇنلاردا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ باققانلار بۇنداق سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىدۇ. مەسىلەن، خۇڭ جىنباۋ، جاۋ ۋىنجو دىگەندەك داڭلىق چولپانلارمۇ موشۇ سەۋەبلىك جىن زىدەن بىلەن قاتتىق رەنجىشىپ قالغان.NNNئاقيول تور بىكىتى


    NNNئاقيول تور بىكىتى

    01.jpgNNNئاقيول تور بىكىتى
    NNNئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سەنئەت ئۇچۇرلىرى