• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • سەلبى ئوبراز بىلەن داڭ چىقارغان جانباز چولپانلار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-05 16:44:51
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    سەلبى ئوبراز بىلەن داڭ چىقارغان جانباز چولپانلار
     زۇ جاۋلوڭ
    01.jpg
    1967- يىلى تەيۋەننىڭ گاۋيا شەھىرىدە تۇغۇلغان، 5 يېشىدىن باشلاپ گۇمپا ئۈگەنگەن. 1979- يىلىدىن باشلاپ، ‹‹سىياقداش ئارتىس››سالاھىيىتى بىلەن كىنوچىلىق ساھەسىگە قەدەم باسقان. 1985- يىلى، خۇڭ جىنباۋ رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹بار كۈچى بىلەن قاڭقىش›› ناملىق فىلىمدە باش رولغا چىققان. 20 يېشىدا خۇڭ جىنباۋنى ئۇستاز تۇتۇپ، شياڭگاڭغا كەلگەن ھەمدە خۇڭ جىنباۋ توپىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان. نۇرغۇن داڭلىق چولپانلارغا سىياقداش بولۇپ،جانبازلىق فىلىملىرىغا قاتناشقان. ‹‹مۇجياۋنىڭ بەرپاچىسى››، ‹‹جۇڭنەيخەينىڭ قوغدىغۇچىسى››، ‹‹دادىغا يېزىلغان خەت››، ‹‹تەۋەككۇلچى›› ‹‹گۇمپا شاھى›› قاتارلىق فىلىملەردە لى ليەنجېينىڭ رەقىبى بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان. ئۇنى كىشىلەر ‹‹گۇمپا فىلىم چولپىنى بولۇش ئارزۇسى بارلارنىڭ يولىنى توسۇپ ياتقان يولۋاس›› دىيىشىدۇ. كىمكى موشۇ ساھەدە چولپان بولۇشنى ئويلىسا، ئۇنى يېڭىشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئوبراز ياراتقان فىلىملىرىدىن ‹‹كىچىك مەنسەپدار››، ‹‹جۇڭنەيخەينىڭ قوغدىغۇچىسى››، ‹‹پىلتە››، ‹‹گۇمپا شاھى›› قاتارلىقلار بار.
    جى چۈنخۇا
    02.jpg
    ‹‹جۇڭگودىكى سەلبىي ئوبراز يارىتىشقا ماھىر ئەڭ قالتىس ئارتىس›› دىگەن نامغا ئىگە جى چۈنخۇا 1961- يىلى جېجياڭدا تۇغۇلغان. ئۇ خېلى قالتىس جانباز؛ ئېغىر كېسەللىك سەۋەبىدىن چاچلىرى چۈشۈپ كەتكەن. ئۇ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى گۇمپا ماھارەت ئەترىتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئۇ ئەترەتتىكى دوستلىرى يوقلاپ كەلگەن بىر كۈنى ‹‹شاۋلىن ئىبادەتخانىسى›› ناملىق فىلىمگە ئارتىس تاللاۋاتقان رېژىسسورنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالىدۇ ھەمدە مەزكۇر فىلىمگە تاللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جى چۈنخۇانىڭ سەلبىي ئوبراز يارىتىش سەپىرى باشلىنىدۇ. ئۇ يىگىرمە نەچچە يىللىق ئىكران ھاياتىدا نۇرغۇن سەلبىي ئوبرازلارنى ياراتقان. ئۇنىڭ چىراي تۇرقىدىكى ئۆزگىچىلىك، تاقىر بېشى ھەمدە ياۋۇز چىرايى سەلبىي ئوبراز يارىتىشتىكى كەم تېپىلىدىغان بايلىقى بولۇپ قالغان. ئۇ ئىكران ھاياتىدا 50 تىن ئارتۇق فىلىمدە خىلمۇ-خىل ئوبرازلارنى يارىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن.
    جۇ بىلى
    03.jpg
    خەلقئارا دەرىجىلىك بوكىسچى ھەم جامبازلىق فىلىم چولپىنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل سالاھىيەتكە ئىگە جۇ بىلى 1958- يىلى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان. ئۇ بوكىس سەھنىسىدە رەقىبلىرىنى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يەر چىشلەتكەن. 1985- يىلى، ئەركىن ئېلىشىش تۈرى بويىچە دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان ھەمدە ھازىرغا قەدەر بۇ تۈردە دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان بىردىنبىر جۇڭگولۇق بولۇپ قالغان. 1980- يىللىرىدىن باشلاپ، شياڭگاڭنىڭ جانبازلىق فىلىملىرىدە رولغا چىققان ھەمدە فىلىمنىڭ گۇمپا يىتەكچىسى بولغان. ئۆز ئىسمىدا جانبازلىق كۇلۇبى ئاچقان. ‹‹شەرق بۈركۈتى››، ‹‹ئۇچقۇر ئەزىمەت››، ‹‹مۆجىزە››، ‹‹جىڭۋۇ سارىيى››، ‹‹تۆمۈر مايمۇن›› قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان ھەمدە لى ليەنجيې، چىڭ لوڭ، جىن زىدەن قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بىلەن ‹‹تۇتۇشقان››.
     يۈ گۇاڭرۇڭ
    04.jpg
    جىڭجۈي تىياتىرى ئارتىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان يۈ گۇاڭرۇڭ 1958- يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان. 11 يېشىدىن باشلاپ گۇمپا ئۈگەنگەن. 1982- يىلى، ‹‹پاختا كاسايا›› ناملىق فىلىمدە رولغا چىقىپ ئىكران ھاياتىنى باشلىغان. 90- يىللاردىن باشلاپ شياڭگاڭ كىنوچىلىق ساھەسىگە قەدەم باسقان ھەمدە بۇ يەردە 50 كە يېقىن فىلىمدە رول ئالغان. 2009- يىلى گاۋ شىشى رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە›› دە گۈەن يۈنىڭ رولىنى ئالغان. ‹‹ساقچى ھېكايىسى››، ‹‹يې ۋىن››، ‹‹گۇمپا چۈشى›› قاتارلىق فىلىملىرىدە چىڭ لوڭ، جىن زىدەن قاتارلىق چولپانلار بىلەن ھەمكارلاشقان.
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سەنئەت ئۇچۇرلىرى