• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئامېرىكىنىڭ مودا ناخشا خانىشى لېيدى گاگا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-05 16:41:10
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    g1.jpgWqxئاقيول تور بىكىتى

    لېيدى گاگا 1986- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئامېرىكا مانخاتىندىكى بىر ئىتالىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى جوسىف جىرماناتا بىر تور كارخانىچىسى، ئانىسى سىنتيا ئالاقە خادىمى ئىدى. گاگا ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ناتالى ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار.
    گاگا تۆت يېشىدىن باشلاپ پىئانىنو چېلىشنى ئۈگەنگەن، 11 ياشقا كىرگەندە مانخاتىندىكى جۇلىيا مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ كېيىن كاتولىك دىنى مەكتپىدە ئوقۇغان. 13 يېشىدا تۇنجى موزىكىسىنى ئىشلىگەن، 14 يېشىدىن باشلاپ كەچلىرى ئويۇن قويغان. گاگا 17 ياشقا كىرگەندە، نيۇيورك ئۇنۋېرستىتى سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان ھەمدە شۇ يەردە موزىكا ئۈگەنگەن. ئۇ ئىتوت، نەسىر ۋە بەزى ئانالىز خاراكتېرلىك دوكلاتلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ موزىكىلىرىدىكى سەنئەت، دىن ۋە سىياسىي تىمىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. كېيىن ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن چېكىنىپ، پۈتكۈل زىھنىنى موزىكىغا قاراتقان. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، نيۇيوركنىڭ شەرقى رايونىدا مىكىن پۇلىسفىر قاتارلىقلار بىلەن ئويۇن قويغان.
    g5.jpg
    g5.jpg
    [CropImg]g3.jpg
    g5.jpg
    لېيدى گاگا 2008- يىلى 10- ئايدا، ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى ‹‹شان-شەرەپ›› (The Fame)نى تارقاتقان؛ 2009- يىلى 11- ئايدا ‹‹شەرەپلىك مەخلۇق›› (The Fame Monster) ناملىق پىلاستىنكىسىنى، 2011- يىلى 5- ئايدا ‹‹تۇغۇلۇش شۇنداق›› (Born This Way) ناملىق پىلاستىنكىسىنى، 2013- يىلى 11- ئايدا ‹‹سەنئەت مودىسى›› (ARTPOP) ناملىق پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان.
    g5.jpg
    2010- يىلى، لېيدى گاگا ‹‹دەۋر››ژورنىلى تەرىپىدىن  ‹‹دۇنيادىكى 100 تەسىرچان شەخىس››نىڭ بىرى قىلىپ باھالانغان. 2011- يىلى 6- ئايدا، ‹‹فۇربىس›› ژورنىلى تەرپىدىن ‹‹دۇنيادىكى 100 داڭلىق شەخىس››نىڭ بىرى قىلىپ باھالانغان. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى يەر شارى مىقىياسىدا 25 مىلىيوندىن ئارتۇق سېتىلغان. كۆپ قېتىم تۈرلۈك موزىكا مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن، گىراممىي موزىكا مۇكاپاتىنىڭ بەش تۈرىنى قولغا كەلتۈرگەن.
    لېيدى گاگا مەكتەپلەرگە، ئەيدىزنى داۋالاش تۈرلىرى، يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى قاتارلىق ئاپەتلەرگە ئۇچرىغان جايلارغا كۆپ قېتىم ياردەم قىلغان.
    g2.jpg
    لېيدى گاگاغا بېرىلگەن باھالار:
    ‹‹ئۇ بىر قالتىس ناخشىچى، ئاۋازى ناھايىتى چىرايلىق، موزىكا سەۋىيىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى››             - بېت مىدىلىف
    ‹‹ئۇنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئاۋازى ئۆزگىچە، مول ئىجادىيەت كۈچىگە ئىگە››                  - ئاكون
    ‹‹لېيدى گاگا ناھايىتى قالتىس بىر ناخشىچى، بۇ موشۇ دەۋرنىڭ مادونناسى! ئۇنىڭ موزىكىلىرى بەك ئېسىل، ئىجادىيەت كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ كېيىنىشلىرى، ھەرىكەتلىرى قارىماققا ئەسەبىيدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇستەقىللىقى كۈچلۈك ھەم جەلىپكار بىر شەخىس!››                  - ‹‹غەربلىك بالا››
    g6.jpg
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سەنئەت ئۇچۇرلىرى