تىرىك مۇردىلار ‹‹行尸走肉››، ‹‹The Walking Dead››
بىر قېتىملىق جىنايەتچىلەر بىلەن ئېلىشىش داۋامىدا ئوق تىگىپ ھۇشىنى يوقاتقان رىك دۇختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ھۇشىغا كېلىدۇ. لېكىن ئۇ ھۇشىغا كەلگەندە كۆرگەن مەنزىرىلەرگە ئىشەنمەي قالدى. بۇ چاغدا شەھەر ئادەمسىز ھالەتتە قالغان بولۇپ، تىرىك مۇردىلار ھەممىلا يەردە ئولجا ئىزدەپ يۈرەتتى. ئايالى ۋە ئوغلىنىڭ ھاياتلىقىغا ئۈمىد باغلىغان رىك ئۇلارنى ئىزدەش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ... ۋەقەلىك مانا مۇشۇنداق راۋاجلىنىدۇ.
بۇ فىلىم 2010- يىلى 10- ئايدا 1- قىسمى قويۇلغاندىن باشلاپ 2014- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە جەمئىي 4 بۆلۈم 41 قىسىم ئىشلەندى. فىلىمدىكى باش قەھرىمانلاردىن رىك جرمىس، لورى جرمىس، كارل جرمىس، شان ۋالىش، ئانجۈرىيا، دايىل ھورۋاچ، گلېن، دىريل دېكسون، مەگى، ھېرشىل قاتارلىقلار بار.
نىكىتا ‹‹尼基塔››، ‹‹Nikita››
ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن نىكىتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. جازا ئىجرا قىلىنىدىغان چاغدا ئۇ ‹‹تەشكىلات›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاسوسلۇق ئورگىنى تەرىپىدىن قۇتقۇزىۋېلىنىدۇ. بۇ ئورگان نىكىتانى ناھايىتى قابىل بىر قاتىل قىلىپ تەربىيلەيدۇ. نىكىتا ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالغان بۇ ئورگان ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەيدۇ. لېكىن ھالقىلىق پەيىتتە ‹‹تەشكىلات›› ئۇنى سېتىۋىتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن نىكىتا ‹‹تەشكىلات›› چىكىنىدۇ ھەمدە 3 يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرغا چىقىپ، ‹‹تەشكىلات››نى ۋەيران قىلىش ئىرادىسى بىلەن قىساس يولىغا قەدەم قويىدۇ...
بۇ فىلىم 2010- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە جەمئىي 4 بۆلۈم 73 قىسىم ئىشلەندى. فىلىمنىڭ باش قەھرىمانلىرىدىن نىكىتا، مايكول، ئالېكىس، بىركوف، پرسىي، ئامەندا قاتارلىقلار بار.
قانخورنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ‹‹吸血鬼日记››، ‹‹The Vampire Diaries››
بۇ فىلىمدە قانخورلار، ئىنسانلار ۋە بۆرە ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت – نەپرەت، ئۆچ-ئاداۋەت ھەمدە ئىنتىقام-ئۆچ ئېلىش، ھەسەت ۋە ھەۋەس قاتارلىقلار ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
بۇ فىلىم 2009- يىلى 9- ئايدا تۇنجى قىسمى قويۇلغاندىن ھازىرغىچە 5 بۆلۈم 111 قىسىم ئىشلەندى. 6- بۆلۈمى داۋاملىق ئىشلەنمەكچى؛ فىلىمدىكى باش قەھرىمانلاردىن ئېلىنا، كەسىرىن، ستېفىن، دېيمىن، كارولىن، مەت، تايلور، بانى، جېرمى، ئالارىك، نىكولائۇس، رۈبېكا، ئېلىيا قاتارلىقلار بار.
ئىنتىقام ‹‹复仇››، ‹‹Revenge Season››
بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئامەندا كىلارك ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش كۈرەشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ھىلە-مىكىر، قاتمۇقات سۈيقەسىت، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا، ئامەندا كىلارك بۇرۇن بىرگە تۈرمىدا ياتقان دوستى ئېمىلى بىلەن ئىسىم ئالماشتۇرۇپ گىرويسىن جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى قاراقوللار بىلەن كۈرەش قىلىدۇ.
بۇ فىلىم 2011- يىلى 9- ئايدىن 2013- يىلى 9- ئايغىچە 3 بۆلۈم 67 قىسىم ئىشلەندى. فىلىمدىكى تىپىك ئوبرازلاردىن ئامەندا كىلارك (ئۆزگەرتكەن ئىسمى ئېمىلى)، ۋىكتورىيە گىرويسىن، كونراد گىرويسىن، دانىيەل گىرويسىن، شارلوت گىرويسىن، نولەن روس، جەك پورتىر، دىكلەن پورتىر، ئاشىلى دىۋىنپورت، داۋىد كىلارك، مارگارىتا لىۋىۋا، ئىدىن ماتىس قاتارلىقلار بار.
(داۋاملىق يوللىنىدۇ)
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>