تۈرمىدىن قېچىش : ‹‹越狱››، ‹‹Prison Break››
مايكول بىلەن لىنكىننىڭ ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، دادىسى ئىز دېرەكسىز غايىپ بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاكا-ئىنى ئىككەيلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ ياشاپ كەلگەن. لىنكىن گەرچە بىر كوچا لۈكچىگى بولسىمۇ، لېكىن ئىنىسىنىڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇپ، ئوبدان تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن جازانىخورلارغا 90 مىڭ دوللار قەرز بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئىنىسىغا بۇ پۇللار ‹‹ئانامنىڭ سۇغۇرتا پۇلى›› دەپ قويىدۇ. مايكول بۇ پۇللار بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ داڭلىق ئارخىتىكتور بولىدۇ ھەمدە يۇقىرى قاتلامغا يۈرۈش قىلىدۇ. لىنكىن بولسا قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن، بىر ناتونۇش ئەرنىڭ تەلىپى بويىچە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بېرىشكە ماقۇل بولىدۇ. لىنكىن پىلان بويىچە ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلگەن چاغدا، نىشاننىڭ ئاللىقاچان ئوق يەپ قازا قىلغانلىقىنى بايقايدۇ ۋە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ئۆيىگە قېچىپ كېلىدۇ. ساقچىلار ناھايىتى تېزلا ئۇنى تېپىپ قولغا ئالىدۇ. بۇ چاغدا لىنكىن بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغانلىقىنى بايقايدۇ. مايكول ئاكىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى بىر دوستىدىن ئاڭلايدۇ ۋە ئاكىسىغا قىلغان بىھۆرمەتلىكى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. تەكشۈرۈش داۋامىدا، مايكول ئاكىسىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ۋە باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى، لىنكىنغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ ھۆكمەت ئەمەلدارلىرىدىن ئارقا تېرىكى بارلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ باققان بولسىمۇ، ئاكىسىنى ئاقلاشقا ئامالسىز قالىدۇ. لىنكىن مايكول قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئۆزگەرتىشكە قاتناشقان ‹‹تۈلكە دەريا تۈرمىسى››جازا ئۆتۈشكە بۇيرىلىدۇ.. مايكول بىر يىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، ئاكىسى قامالغان تۈرمىگە كىرىدۇ ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ لىنكىننى قۇتقۇزۇپ چىقىماقچى بولىدۇ. لىنكىننىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ۋىرونىكا بىر قابىل ئادۋۇكات بولۇپ، ئۇ لىنكىننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. تەكشۈرۈش داۋامىدا، ۋىرونىكا بۇ دىلونىڭ ئاددىلا قاتىللىق دىلوسى ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن داڭلىق شەخىسلەرنىڭ پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ مۇرەككەپ مۇناسىۋەت قاتلىمىدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنىڭ سايىسى بارغانسىرى روشەنلىشىدۇ. گۇۋاھچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. لىنكىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. ۋىرونىكانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان سىرلىق كىشى فىدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەخپىي رازۋىدتچىكى بولۇپ چىقىدۇ. مايكول تۈرمىدا قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئاكىسى بىلەن تۈرمىدىن قېچىشقا تەييارلىنىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا ئۇلىشىپ كىشى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىدۇ...
‹‹تۈرمىدىن قېچىش›› فوكىس شىركىتى ئىشلىگەن ئەڭ نادىر فىلىملەرنىڭ بىرى، 2005- يىلى 8- ئايدا 1- قىسىمى قويۇلغاندىن تارتىپ جەمئىي 4 بۆلۈم 81 قىسىم ئىشلەندى.
فىلىمدىكى كىشى قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان پېرسوناژلاردىن مايكول، لىنكىن، تىبەگ، فېرناندو سۇكرى، سارا، ماھون قاتارلىقلار بار.
بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىمۇ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئېزىقىش ‹‹迷失››، ‹‹Lost››
ئوكيان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئاۋىستىرالىيەنىڭ سىدنى شەھىرىدىن ئامېرىكا نيۇيوركقا قاراپ ئۇچقان 815 – نۆۋەتلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى جەنۇبىي تىنىچ ئوكياندىكى بىر سىرلىق ئىسسىق بەلباغ ئارىلىدا پاچاقلىنىپ كېتىدۇ. بۇ فىلىمدە موشۇ ئايروپىلان ۋەقەسىدە ھايات قالغان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشى ھېكايە قىلىنغان بولۇپ، فىلىم جەك ئىسىملىك بىر دوختورنىڭ نەزىرى ئارقىلىق قانات يايىدۇ. ئايروپىلان ۋەقەسىدە ھايات قالغان 48 نەپەر يولۇچى ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭكىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان كەچۈرمىشلىرى، بۇ سىرلىق ئارالدىكى كىشىنى ۋەھىمە سالىدىغان ئاجايىپ ۋەقەلەر، ئارالنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بىلەن ۋەقەگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت قاتارلىق مەزمۇنلار كۆرۈرمەنلەرنى ‹‹ئېزىقتۇرۇپ›› قويىدۇ. بۇ فېلىم ئىسمى جىسمىغا لايىق ‹‹ئېزىقىش››تۇر.
‹‹ئېزىقش››نىڭ 1- قىسمى 2004- يىلى 9- ئايدا ئامېرىكىدا قويۇلغاندىن تارتىپ، جەمئىي 6 بۆلۈم 123 قىسىم ئىشلەنگەن.
فىلىدىكى تىپىكلەشتۈرۈلگەن ئوبرازلاردىن دوختۇر جەك، كېتى ئاۋىستىن، سەيىد جەرراھ، پاك سۇنۋا، ھېرلېي، جېيمىس، ۋون جىنسو، جون لاك، چارلى، جەكوب، ‹‹قارا تۈتۈن››، جۇلىيېت، بېنجىمان قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېر ۋە مۇرەككەپ ھېكايىلىرى كۆرۈرمەنلەرنى قاتتىق جەلپ قىلىدۇ.
24 سائەت ‹‹24小时››، ‹‹24››
‹‹تارىختىن بۇيان ئىشلەنگەن ئەڭ قالتىس، ئەڭ مۇكەممەل ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى›› دەپ تەرىپلەنگەن بۇ فىلىممۇ فوكىس شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى. بۇ فېلىمنىڭ ھەر بۆلۈمى 24 قىسىمدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، بىر بۆلۈمدىكى 24 قىسىمدا ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن مەلۇم تېرورلۇق ۋەقەسىنى پاش قىلىش ئۈچۈن كەتكەن بىر كۈن (24 سائەت) تەسۋىرلەنگەن.
فىلىمدىكى باش قەھرىمان ‹‹جەك باۋىر›› تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى (CTU)دىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مۇرەككەپ دىلولارنى پاش قىلىدۇ. تىرورچىلارنىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرى، ئەڭ يېقىن دوسىتلىرىنىڭ خائىنلىقى، خەۋپ ئاستىدا قالغان ئائىلىسى، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن دۆلەت مەنپەئەتى ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر جەك باۋىر بىلەن ئۇنىڭ دوسىتلىرى ئالدىغا قاتمۇقات توساقلارنى پەيدا قىلىدۇ...
بۇ فىلىم 2001- يىلى 11- ئايدا ئامېرىكىدا 1- قىسمى قويۇلغاندىن 2014- يىلى 7- ئايغىچە جەمئىي 9 بۆلۈم 193 قىسىم ئىشلەندى. فىلىمدىكى باش قەھرىمانلاردىن جەك باۋىر، كلوئى ئوبرايىن، تونى ئالمېدا قاتارلىقلار بار.
چوڭ پارتىلاش ‹‹生活大爆炸››، ‹‹The Big Bang Theory››
قەشقەرنىڭ سېسسىق گەپلىرى دەپ گەپ باشلايدىغانلار بۇ فىلىمنى كۆرسە سېسسىق گەپ ئەسلى مايەردىكەن دەپ قالىدۇ. بۇ فىلىمدىكى لىناردنىڭ مۇھەببىتى، شالدىننىڭ ھاكاۋۇر ھەم زىللىقى، راجنىڭ تەلەپپۇزى، ھاۋىردنىڭ پوچى ھەم بىچارىلىكى، پەنىينىڭ ئوچۇق يورۇق ھەم لۈكچەك مىجەزى، بىرنادەتنىڭ ئاچچىقى يامان ھەم پاكارلىقى، ئەيمىينىڭ ھاياجان ۋە تومپايلىقى... ئىشقىلىپ سەت كۈلىۋىتىسىز!
‹‹چوڭ پارتىلاش›› ناملىق بۇ فىلىم 2007- يىلى 9- ئايدىن ھازىرغىچە 8 بۆلۈم 149 قىسىم ئىشلەندى، داۋاملىق ئىشلىنىۋاتىدۇ. فىلىمدە فىزىكا ساھەسىدىكى تالانت ئىگىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان شالدىن، لېنارد، ھاۋىرد، راج ئىسىملىك تۆت نەپەر ياش ۋە ئۇلارنىڭ قىز دوسىتلىرى ھېسابلىنىدىغان ئەيمى، پەنىي، بىرنادەت ھەمدە بۇلارنىڭ خىزمەت، ئۈگىنىش، تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك بېسىم ۋە ئىدىيەلىرى ناھايىتى قىزىقارلىق ۋەقەلىك ھەم دىئالوگلار ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بېرىلگەن.
(داۋامى بار)