![[CropImg]145.jpg](../../d/file/hawar/ent/c807fab3d2d43d215a77425b71787520.jpg)
بوللىۋود – ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە جايلاشقان، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كىنو سانائەت بازىسىدۇر. ھىندىستانلىقلار ئامېرىكىدىكى كىنوچىلىق مەركىزى ھوللىۋود (Hollywood) نىڭ نامىدىكى باش ھەرپ «H» نى بومباي (Bombay) نىڭ باش قىسمىدىكى «B» غا ئالماشتۇرۇپ، بوللىۋود (Bollywood) دەپ ئاتىغان. گەرچە تىل ساپلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان نۇرغۇن كىشى بۇنداق ئاتاشقا قارشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن بوللىۋود دېگەن بۇ نام ئوكېسفورد لۇغىتىگە رەسمىي سۆزلۈك سۈپىتىدە قوشۇلۇپ بولدى. ھىندىستاندا بوللىۋودتىن باشقا كىنو بازىلىرىمۇ بار، لېكىن تەسىر دائىرىسى ۋە نوپۇز جەھەتتىن بوللىۋود يەنىلا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
يۈكلىنىلىۋاتىدۇ ...
بوللىۋودتا ئىشلىنىدىغان كىنولار ئاساسىي جەھەتتىن ناخشا-ئۇسسۇللۇق كىنولار بولۇپ، ناخشا، ئۇسسۇل، ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەت، كومېدىيە ۋە باتۇرلۇق ئاساسىي تېما قىلىنىدۇ. بوللىۋودتا كىنوچىلىق جەمەتلىرى خېلى كۆپ ساندا بولۇپ، كۆپلىگەن شىركەتلەر جەمەتلەر كونتىرولىقىدا بولىدۇ. بۇلاردىن داڭلىقلىرى: «كاپور جەمەتى» (پىرىتىۋىراج كاپور، راج كاپور، شاممى كاپور، شاشى كاپور، راندىر كاپور، رىشى كاپور، راجۋ كاپور، كارىشما كاپور، كارىننا كاپور قاتارلىقلار)، «دىئول جەمەتى» (تۋىنكىل كاننا، رىنىك كاننا، راجەش كاننا، دىمپىل كاپادىيا قاتالىقلار)، «دۇت جەمەتى» (نەرگىس دۇت، سۇنىل دۇت، سانجاي دۇت قاتارلىقلار)، «ھۈسەيىن جەمەتى» (تاھىر ھۈسەيىن، ئامىرخان، فايسالخان قاتارلىقلار)، «خانلار جەمەتى» (سەلىمخان، ھېلىن، سالمانخان، ئەربازخان، سۇھەيىلخان قاتارلىقلار)، «سامارتىس-مۇككەرجى جەمەتى» (شوباننا سامارتىس، نۇتان، تانۇجا، مۇھەننىش بېل، تانىشا، كاجول، دىبراشى راي، رام مۇككەرجى، رانى مۇككەرجى قاتارلىقلار)، «باچچان جەمەتى» (ئامىتاب باچچان، ئابشەك باچچان قاتارلىقلار) بار.
يۈكلىنىلىۋاتىدۇ ...
بوللىۋود فىلىملىرى ھىندىستان تەۋەسىدىلا ئەمەس، ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىمۇ ناھايىتى ئالقىشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تاماشىبنلىرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بوللىۋود بىلەن ھوللىۋود ھەمكارلىشىپ بىر قىسىم فىلىملەرنى ئىشلىدى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.
پولات ئەلەمدارنىڭ ئوغلى ئەلى نادىر شاشمازنىڭ رەسىمى ئاشكارلاندى
«سېھىرىلىك قارا ئورمانلىق» ناملىق فىلىم لوندوندا تۇنجى قويۇلدى
سوفى ماغسونىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى
ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى
2015-يىلى قويۇلىدىغان قالتىس بوللىۋود فىلىملىرىغا نەزەر
پۈتۈن دۇنيا كىنوچىلىقىدا قانچە [-ۋود]بار؟
جۇڭگودىكى سېمىز ئون ئايال چولپانغا نەزەر
ئالتۇن شار مۇكاپاتى 12-يانۋار تارقىتىلىدۇ
«ئادانالىق» تىكى مىرزى ئەلىنىڭ رولىنى ئالغان مەھمەتنىڭ قىز دوستى
بۇراك ئۆزچىۋىت بىلەن نەسلىخان ئاتاگۈل يېڭى فىلىمدە رول ئالماقچى
خوشخەۋەر:ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
پولات ئەلەمدارنىڭ ئوغلى ئەلى نادىر شاشمازنىڭ رەسىمى ئاشكارلاندى
«سېھىرىلىك قارا ئورمانلىق» ناملىق فىلىم لوندوندا تۇنجى قويۇلدى
سوفى ماغسونىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى
ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى
2015-يىلى قويۇلىدىغان قالتىس بوللىۋود فىلىملىرىغا نەزەر
پۈتۈن دۇنيا كىنوچىلىقىدا قانچە [-ۋود]بار؟
جۇڭگودىكى سېمىز ئون ئايال چولپانغا نەزەر
ئالتۇن شار مۇكاپاتى 12-يانۋار تارقىتىلىدۇ
«ئادانالىق» تىكى مىرزى ئەلىنىڭ رولىنى ئالغان مەھمەتنىڭ قىز دوستى
