• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • جانبازلىق فىلىم چولپىنى جېيسىن ستاتھىم

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-12-05 16:23:51
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    جانبازلىق فىلىم چولپىنى جېيسىن ستاتھىمmNvئاقيول تور بىكىتى

    fcfaaf51f3deb48f6e812428f01f3a292cf57858.jpgmNvئاقيول تور بىكىتى


    جېيسىن ستاتھىم (Jason Statham)1967- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان. ئۇ بىر ناخشىچى بىلەن تىككۈچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى؛ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كېيىن قاراڭغۇ بازار تىجارىتسىگە ئايلاغان. جېيسىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان، لوندوندىكى ئوكىسفورد كوچىسىغا جايلاشقان ‹‹كوچا تىياتىرخانىسى››دا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ‹‹كوچا تىياتىرخانىسى›› ئەمەلىيەتتە قانۇنسىز سوا بىلەن شۇغۇللىناتتى.mNvئاقيول تور بىكىتى

    fcfaaf51f3deb48f6e812428f01f3a292cf57858.jpgmNvئاقيول تور بىكىتى


    جېيسىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدا مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا قاتناشقان. 1990- يىلى، جېيسىن  ‹‹لوندون كىرىستال ئوردا دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەركىزى››دە چېنىقىۋاتقان چاغدا، ۋاستىچىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنغان ھەمدە كېيىن ئەنگلىيەدىكى مودا ماركىلارنىڭ مودىلى بولغان، ئېلانلارغا قاتناشقان.mNvئاقيول تور بىكىتى

    fcfaaf51f3deb48f6e812428f01f3a292cf57858.jpgmNvئاقيول تور بىكىتى


    جېيسىن ستاتھىم ئەنگلىيەنىڭ دۆلەتلىك سۇغا سەكرەش ئەترىتىدە 12 يىل تۇرغان، 1992- يىلى، ئۇ ئەنگلىيىگە ۋاكالىتەن ‹‹دۇنيا سۇغا سەكرەش چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى››گە قاتنىشىپ، 12- بولغان.
    1998- يىلى، ئەنگلىيىلىك رېژىسسور گاي رىچ جېيسىننى ‹‹ئىككى چىلىم›› فىلىمىدىكى باش رولچىلارنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغان. 2000- يىلى، جېيسىن يەنە گاي رىچ بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹بۇلاڭ-تالاڭ›› ناملىق كىنونى ئىشلىگەن. بۇ كىنو 80 مىلىيون دوللارلىق بىلەت كىرىمى ياراتقان. شۇنىڭدىن باشلاپ جېيسىن ستاتھىم ھوللىۋودنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرىگە قاتنىشىپ مۇھىم روللارنى ئوينىغان.
    2002- يىلى، رېژىسسور ھەم سىنارىست لۇك بېيسىن مەخسۇس جېيسىنغا ئاتالغان ‹‹خەتەرلىك تېز يوللانما›› ناملىق يۈرۈشلۈك فىلىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 2003- يىلى، جېيسىن ‹‹نەيرەڭۋازلىق›› ناملىق فىلىمدە ھەندسوم روبنىڭ رولىنى ئوينىغان.mNvئاقيول تور بىكىتى

    fcfaaf51f3deb48f6e812428f01f3a292cf57858.jpgmNvئاقيول تور بىكىتى


    جېيسىن شۇ يوسوندا ‹‹رېۋولۋېر››، ‹‹قەھىر –غەزەپ››،  ‹‹جانغا زامىن ماشىنا›› قاتارلىق كىنولاردا باش رولچى بولغان. 2008- يىلى، ئۇ سايلۋېستىر سىتاللون قاتارلىق داڭلىق كىنو  چولپانلىرى قاتناشقان ‹‹پىدائىيلار-1››دە رول ئالغان. 2012- يىلى ‹‹جاننى ئالقانغا ئېلىپ قوغلاش››، ‹‹مىخانىك ››، ‹‹پىدائىيلار-2›› قاتارلىق كىنولاردا باش رول ئوينىغان. 2013- يىلى، ‹‹پارك››، ‹‹سۈرئەت ۋە قايناق ھىسسىيات-7›› قاتارلىق كىنولارغا قاتناشقان. 2014- يىلى، ‹‹ئائىلە مۇداپىئەسى››، ‹‹پىدائىيلار-3›› قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالغان.mNvئاقيول تور بىكىتى

    2f738bd4b31c87010387e855257f9e2f0708ff54.jpgmNvئاقيول تور بىكىتى


    2010- يىلى 4- ئايدا، جېيسىن ستاتھىم داڭلىق مودىل روسى خانتىڭتون بىلەن مۇھەببەتلەشكەن.
    2013- يىلى 8- ئايدا، ئەنگلىيىلىك مودىل كېللى بروك ئۆزىنىڭ جېيسىن بىلەن 7 يىل مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئاشكارلىغان.mNvئاقيول تور بىكىتى

    0eb30f2442a7d9334d74b3c0af4bd11372f001a0.jpgmNvئاقيول تور بىكىتى


    جېيسىن ستاتھىم 1988- يىلى، كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە سۇغا سەكرەش تۈرى بويىچە مىس مىدالغا ئېرىشكەن؛
    1992- يىلى، 12- نۆۋەتلىك دۇنيا سۇغا سەكرەش چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 12- بولغان؛
    2013- يىلى، ‹‹ھوللىۋودتىكى گۈزەل بەدەنلىك ئەر چولپانلار ›› قاتارىدا 1- ئورۇنغان تىزىلغان.mNvئاقيول تور بىكىتى

    fcfaaf51f3deb48f6e812428f01f3a292cf57858.jpgmNvئاقيول تور بىكىتى


    ‹‹ئەرلەر ساغلاملىقى›› ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ جېيسىنغا بەرگەن باھاسى:
    جېيسىن ستاتھىم 21- ئەسىردىكى ئەڭ نوچى جانبازلىق فىلىم چولپىنى، ئۇنىڭ ئوبرازى ئىكرانلاردىلا شۇنداق قاۋۇل ھەم قاملاشقان بولماستىن، ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ ‹‹ساغلام ھەم گۈزەل بەدەن››نىڭ ۋەكىلى!mNvئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سەنئەت ئۇچۇرلىرى