نۇرغۇن ئاياللار ‹‹ئارتۇقچە ماي ›› نى چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرىدۇ . ھالبۇكى ، تەن ئېغىرلىقى 400 قاداق (تەخمىنەن 181 كىلوگىرام) كېلىدىغان Ulanda Williams نىڭ بەدىنىدىكى ئارتۇقچە مايلار ھالقىلىق پەيتتە ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى ـــ ئۇ يەتتە باسقۇچ پەلەمپەيدىن يىقىلىپ ، بىر يەر ئاستى ئۆيگە چۈشۈپ كېتىپمۇ ، جېنى ئامان قالدى . ھەتتا ئۇلاندا ئۆزىمۇ ھەيران قىلىپ مۇنداق دېدى : ئەگەر بىر زىلۋا ئايال مۇشۇنداق تاسادىپىي ھادىسىگە ئۇچرىغان بولسا، گەپ يوق ئۆلگەن بولاتتى .
ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 13-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە ، 32 ياشلىق ئۇلاندا 11-يانۋار كەچتە مانخاتتاننىڭ شەرقىي رايونىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ سىرتىدا يامغۇردىن دالدىلىنىۋاتقاندا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ يەرگە يىقىلىپ كېتىپ، يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈپ ، بىر يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپ كەتكەن . ئۇنىڭ بىلىكى ئىككى يەردىن سۇنغان. كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كران بىلەن ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىققان .
دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ، ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېگەن : ‹‹ تەڭرىگە مىڭ شۈكۈر ، سېمىز بەدىنىم مېنى قۇتقۇزۇپ قالدى ›› .
ئۆتمۈش بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشقا يۈزلەنگەن ئافغانىستان ئاياللىرى
بىر ئائىلىدىكى ئون بالىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاكا-سىڭىل بىلەن قاپلانچاقنىڭ ئورتاق تۇرمۇشى
ھۆسن تۈزەشكە خۇمار كورېيەلىك مودېل چىرايىنى بۇزۇۋالدى
ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن مەھبۇسلارنىڭ تىياتىرچىلىق ھاياتى
زەھەر چېكىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى سېلىشتۇرما سۈرەتلەر
2013-يىللىق ‹‹دۆلەت جۇغراپىيەسى›› فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر
مېڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى
يولنى بىر سائەت توساپ ياتقان كەركىدانلار
چوققا دەرىجىلىك مېھمانسارايلاردىكى شارقىراتمىلىق سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى
ئۈرۈمچىدە پىراۋىسى بارلار 600 مىڭدىن ئاشتى
ئۆتمۈش بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشقا يۈزلەنگەن ئافغانىستان ئاياللىرى
چېخدا ياسالغان ‹‹ئۇچار ۋېلىسپىت››
‹‹قوش ماكانلىق›› ھەشەمەتلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلى
A4 قەغەزدىن ياسالغان نەپس بەدىئىي ئەسەرلەر
غەلىتە كەشپىياتلار
كارامەت ئىجادىي كەشپىياتلار
كۆپ ئىقتىدارلىق نوسىلكا
ئەمالار يانفونى
ئەمالار يېزىقى كۆزەينىكى
