• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قورقۇنۇچلۇق مېتېئورولوگىيە ئاپەتلىرى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-11-19 19:07:47
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى نۇرغۇن پەۋقۇلئاددە مېتېئورولوگىيە ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى. Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    1952-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە لوندوندا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىش ھادىسىسى، يەنى تۇمان قاپلاش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ 4700 نەچچە ئادەم نەپەس يولى كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن، تۇمان تارقالغاندىن كېيىن يەنە 8000 دىن كۆپرەك ئادەم ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن؛ 1997-يىلى يازدا، 800 مىڭ ئاپتوموبىل چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودا فوتوخىمىيەلىك تۇمان پەيدا قىلغان، ھۆكۈمەت جىددى تەدبىر قوللانغان بولسىمۇ، چىلى پايتەختى بىر مەزگىل «يېرىم پالەچ» ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    قويۇق تۇمان ئاپىتى.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    2009-يىلى 11-ئايدا ئېلىمىزنىڭ شەرقىي بىلەن غەربىي جەنۇبىي رايونلىرىنىڭ شەرقىدە كۆپ قېتىم كەڭ دائىرىلىك، كۈچلۈك، ئۇدا داۋاملاشقان زور تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن، بېيجىڭ، خېبېي، نىڭشيا، شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردا تۇمان سەۋەبلىك كۆپ قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    سوغۇق ئېقىم.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    1985-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنگلىيەدە ئۇدا بىر ھەپتە داۋاملاشقان سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايى سەۋەبلىك 14مىڭ 754 ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن؛ 1999-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى پولشانىڭ شەرقىي شىمالىدا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 27 سىلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، 132 ئادەم توڭلاپ ئۆلگەن؛ 2001-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى موسكۋادا نۆلدىن تۆۋەن 32 سىلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، 297 ئادەم ئۆلۈپ، 2503 ئادەم يارىلانغان.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    كۈچلۈك جۇدۇن-چاپقۇن. 2008-يىلى 1-ئايدا كىلىماتى ئىللىق، دەپ ئاتىلىدىغان ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئاز كۆرۈلىدىغان كۈچلۈك جۇدۇن-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. شۇ چاغدا ئىراقتا 100 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قار ياغقان، سۈرىيە بىلەن لىۋان چېگرالىنىدىغان يەردىكى كۈلتۈك قارنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىردىن ئاشقان، نەچچە ئون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ناچار ھاۋارايى تاغلىق رايونلاردا قار كۆچۈشنى پەيدا قىلغان، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، قاتناش ھادىسىلىرى كۆپەيگەن.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار-يامغۇر ئاپىتى.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    2007-يىل 1-ئايدىن 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار بىلەن غەربىي شىمال رايونلىرىنىڭ شەرقىدە تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار-يامغۇر كۆرۈلگەن. بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، 129 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، 485 مىڭ ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق دولقۇن.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    1987-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى گىرېتسىيەدە ئىسسىق دولقۇن كۆرۈلۈپ، ئافىنادا تېمپېراتۇرا ئۇدا ئون كۈن 45 سىلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن، بۇ سەۋەبلىك 650 نەچچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 400دىن كۆپرەك بالا سۇسىزلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    تىروپىك بەلباغ كۈچلۈك سىكلونى. 2005-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى «كاتىلىنا» بورىنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى ئورلېئان شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، نەچچە مىليون ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان، ئاز دېگەندىمۇ 1185 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان؛ 2008-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بېنگال قولتۇقىدا شەكىللەنگەن تىروپىك بەلباغ كۈچلۈك شتورمى(بورىنى) «نارجىس» 240 – 190 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن بىرمىغا ھۇجۇم قىلىپ، نەچچە ئونمىڭ ئادەمنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    قارا يامغۇر.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    1969-يىل 9-، 10- ئايلاردا، تۇنىستا 38 كۈن ئۇدا يامغۇر يېغىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %80 يېرىنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن، كەلكۈن ئاپىتىدە 542 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 100 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان؛ 2008-يىلى 5-، 6- ئايلاردا ئۇدا ئالتە ھەپتە داۋاملاشقان يامغۇرلۇق ھاۋارايى ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا، ئىللىنوئىس قاتارلىق ئىشتاتلىرىدا ئالاھىدە زور كەلكۈن پەيدا قىلغان.Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
    Z4wئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    • مىھمان سالاھىتىدە يوللايمەن

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى غەلىتە ئىشلار
    • ئامېرىكىدىكى ھاشارەت ‹‹يېگۈچى››
    • ئامېرىكىدىكى ھاشارەت ‹‹يېگۈچى››
    • ئامېرىكا رودېئارىلى ئىشتاتىنىڭ پروۋىدېنستا ياشايدىغان بىر ئەر 11 يىل ئىچىدە 5000 دىن ئارتۇق ھاشارەتنى يېگەن. 47 ياشلىق بۇ ئەر ئامېرىكا TLC قانىلى ‹‹My Crazy Obsession ›› پىروگراممىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىدە كىشلەرگە ئورمانلىقتىن ق