تىلىفۇن نومۇرلىرىياردەم مەركىزىپايدىلىق ئۇچۇرلار

تېلفۇنسىت قوبۇل قىلىش ئېلانى

ساقلىۋىلىش ئەۋەتىش پاش قىلىشئۇچۇر نومۇرى: 1845 يوللانغان ۋاقتى:2014年07月17日 23:36:13 كۆرۈلىشى:

ئۈرۈمچى دىلرازى سودا چەكلىك شىركىتى كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مۇناسىۋىتى 5 نەپەر تېلىفۇنىت مۇلازىمەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ. ئاساسلىق تەلەپ: 1) ۋاراڭ چۇرۇڭدىن خالى بولغان ئورۇن. 2) تور سۈرئىتى تىز بولغان ئاندىروئىت تېلىفۇن. 3) تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتېر 4) ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان، تىلى راۋان، ئىنكاسى تىز، گەپ سۆزى جايىدا بولۇش. 5) تېلىفۇنىت مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنى چۈشىنىدىغان ياكى شوغۇنلىنىپ باققان بولۇش. 6) يېشى 18 دىن يۇقىرى 50 ياشتىن تۆۋەن ئايال كىشى بولۇشى. 7) شىركەتنىڭ پەسىلدە ياكى قەرەرلىك تۈردە ئۆتكۈزىدىغان يىغىن ۋە باشقا ئاممىۋىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشالايدىغان بولۇش. شۇغۇنلىنىدىغان خىزمىتى شىركەتنىڭ بىر تۇتاش مۇلازىمەت تېلىفۇنى 4008761005 نىڭ تېلىفۇن ئۇرۇش يۇمشاق دىتالىنى تېلىفۇنىغا قاچىلاپ، شىركەت تەمىنلەپ بەرگەن نىشانلىق خېرىدارنىڭ ئىسمى، ئاساسلىق ئەھۋالى، تېلىفۇن نومۇرى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈش ئارقىلىق شۇ خېرىدارغا شىركەتنىڭ نۆۋەتتە يولغا قويىۋاتقان مۇلازىمەت تۈرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ تېلىفۇن ئۇرىدۇ. (تېلىفۇن قوبۇل قىلمايدۇ) تېلىفۇن ئۇرغان كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىنى خاتىرلەپ شىركەتكە يەتكۈزۈپ بىرىدۇ. مائاش تەمىناتى شىركەت تەمىنلىگەن نىشانلىق خېرىدارلارغا تېلىفۇن ئۇرۇپ، ئەڭ قىسقا بولغاندا ئىككى مىنۇتدىن يۇقىرى ئەھۋاللاشقان بولسا بىردانە تېلىفۇن نومۇر ئۈچۈن 1.2 يۈەندىن ھەق ھىساپلاپ بىرىلىدۇ. تېلىفۇن ئۇرغان نىشانلىق خېرىدارلارغا 499 يۈەن قىممىتىدىكى‹يېڭىچە ئىگلىك تىكلەشنى ئۆگىنىش ئاۋازلىق دەرسلىكى› نى ھەم شىركەتنىڭ ۋاكالىتەن مال سېتىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ساتسا ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 30 يۈەندىن ھەق ھىساپلاپ مۇكاپات بىرىلىدۇ. مائاشى ئايدا بىر ھىساپلىنىدۇ. شىركىتىمىز نۆۋەتتە يولغا قويىۋاتقان تۈرنى چۈشەندۈرۈپ تېلىفۇن ئۇرۇش ئۇسۇلى (مىسال) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئۈرۈمچى دىلرازى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 3-نومۇرلۇق تېلىفۇنىت مۇلازىمەتچىسى. شىركىتىمىز ھازىر ھەرقايسى جايلاردىن ۋاكالىتەن مال ساتقۇچى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. شىركەت مال ساتقۇچى خادىمغا ئايدا بىر 11 خىل كەسپى ساھەدىكى 56 دانە بازارلىق مەھسۇلاتنىڭ (كومپىيۇتېر ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇم، ماتورلۇق ماتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى، بەش خىل مىتال، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كىيىم كىچەك، مەدەنىيەت تەنتەربىيە بۇيۇملىرى، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى) رەسىمى، توپ ۋە پارچە سېتىلىش باھاسى (ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ بازار باھاسى بويىچە) مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى (تور ئادرىسى www.sodigarlar.cn/xx گە ئوخشاش ياكى ئۆزىنىڭ تور نامى ۋە بوشلۇقى بولسا شۇ نام بويىچەwww.xxx.com) تور بەتكە چىقىرىپ، تېلىفۇن نومۇرى، ئادىرىسى قاتارلىقلارغا ۋاكالىتەن مال ساتقۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. شىركەت تور بىتىنى ۋاكالىتەن تەشۋىق قىلىپ، مال ساتقۇچىنىڭ تورىغا چىقارغان56 پارچە مەھسۇلات ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ تەشۋىقات ۋارىقىنى ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىدۇ. ۋاكالىتەن مال ساتقۇچى چ چ، ئۈندىدار، تەشۋىقات ۋارىقى، دوست بۇردەر، يىقىن يۇرۇق ۋە توردىكى كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ياكى مالنى دۇكانغا سېلىش ئارقىلىق خېرىدار تاپسا شىركەت شۇ كىشىگە ۋاكالىتەن مالنى ئۈرۈمچىدىن توپ باھا بويىچە تەمىنلەپ بىرىدۇ. ئوتۇرىدا شەكىللەنگەن پايدىنى مال ساتقۇچى ئالىدۇ. مالنىڭ سۈپىتىگە شىركەت كاپالەتلىك قىلىدۇ. شىركەتنىڭ ۋاكالىتەن مال سېتىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇنلىنىش ئۈچۈن باشقا ھەق تاپشۇرۇش ياكى مەلۇم رەسمىيەت ئۆتەش ھاجەتسىز. بىراق شىركىتىمىزنىڭ ئومىمىي كەسىپ ئەھۋالى ھەم ئۆيدە ئولتۇرۇپلا، تېلىفۇن ۋە تور ئارقىلىق سودا سېتىق بىلەن شوغۇنلىنىشنى ئۆگىتىدىغان ‹يېڭىچە ئىگلىك تىكلەشنى ئۆگىنىش ئاۋازلىق دەرسلىكى› نى سېتىۋېلىش شەرەت. (بۇ دەرسلكنى سېتىۋالماي ۋاكالىتەن مال سېتىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇنلانسىمۇ بولىدۇ. دەرسلىكنى كۆرۈپ چىققانلار يېڭى بىلىملەرنى ئىگەللەپ ئۆزىنى ھەم شىركەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياردىمى بولغانلىقى ئۈچۈن شىركىتىمىز چوقۇم سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. سىتىۋالسىمۇ ياكى سېتىۋالمىسمۇ ئوخشاش ھەق ئېلىنىدۇ) دەرسلىك باھاسى 499 يۈەن بولۇپ، دەرسلىكنى توردىن چۈشۈرىۋالسىمۇ ياكى ئوپتىك دىسكىسىنى ھاۋالىلىك مال يۆتكەش ئورۇنلىرى ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالسىمۇ بولىدۇ. كۆپ سۆزلەپ سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم. سىز ھازىر قانداقراق ئويلاۋاتىسىز؟ شىركىتىمىزنىڭ بۇ خىل كەسىپ تۈرى سىزگە مال كەلگىدەكمۇ؟ (خېرىدارنىڭ ئىنكاسىنى يازىمىز) شىركەت خادىملىرى تېلىفۇنىڭىزغا ئالاقىلىشىدىغان نومۇرلارنى يوللاپ بىرىدۇ. ئۇچۇردىكى نومۇرلار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. ( ئەسكەرتىش: مەن سىزگە تېلىفۇن ئۇرغان بۇ 04008761005 گە تېلىفۇن قايتۇرماقچى بولسىڭىز ئالدىدىكى 0 نى ئېلىۋېتىپ 4008761005 گە ئۇرارسىز. سىزگە كۆپ رەخمەت. خەيرى خوش. شىركەتنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە سىزگە تەمىنلىمەكچى بولغان دەرسلىكنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇپ چىقماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ. ‹مەرھەمەت› http://dilrazi.com/egilik
رايون: ئۈرۈمچى ئادىرىسى: ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايۇنى

يىڭى ئىنكاسلار (ئىنكاسلار پەقەت يوللىغۇچىلارنىڭ كۆز قارىشا ۋەكلىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق!)

بىكىتىمىز ئىقتىدارلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ ھەمدە كىرىڭ.

يىڭى ئۇچۇرلار

تەۋسىيە ئۇچۇرلار