ساقلىۋىلىش ئەۋەتىش پاش قىلىشئۇچۇر نومۇرى: 345 يوللانغان ۋاقتى:2013年07月13日 14:32:01 كۆرۈلىشى:
خارۋارد (HARVARD) كارخانىچىلار تەرەققىيات پروگراممىسى
خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت ياقۇپ يېتەكچىلىكىدىكى ئەرقال كاپىتالى، خارۋارد سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ كارخانىچىلار تەرەققىيات پروگراممىسىنى دىيارىمىزغا ئېلىپ كىرىپتۇ. بۇ پروگرامما ئىككى قاتلامغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرى «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش پروگراممىسى»، يەنە بىرى «رەھبەرلىك كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىسى» ئىكەن.
بۇ پروگراممىلار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن:
مۇتەخەسىسلەر: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق دۇنياۋى مائارىپ ئورگانلىرى، مەبلەغ سېلىش ۋە كارخانا تەشكىلاتلىرىدىن تەكلىپ قىلىنىپتۇ.
ئەندىزە: خارۋارد سودا ئىنىستىتۇتى ئوقۇتۇش ئەندىزىسى، ئەسلى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ۋە تىپىك كارخانىچىلىق ئەمەلىي مىساللىرى ئەندىزە قىلىنىپتۇ.
مۇھىت: بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك كارخانىچىلار كۇلۇبى (ئامېرىكىچە ئالىي قەھۋەخانا، كۈتۈپخانا، چېنىقىش زالى ۋە چوڭ-كىچىك مۇنبەر زالى قاتارلىقلار)
قاتناشقۇچىلار: شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايون ۋە ساھەلىرىدىن كەلگەن كارخانىچى، مەبلەغ سالغۇچى ۋە سودا ساھەسىدىكى شەخسلەر قاتناشسا بولىدىكەن.
بۇ پروگرامما 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 17-،18-كۈنلىرى بىرىنچى قېتىملىق دەرس باشلىنىپ، ئايدا بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى كۈن داۋاملىشىپ، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-،20-كۈنلىرى ئاخىرلىشىدىكەن.
ئالاقىلىشىش ئادرىسى:
ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى (ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 389- نۇمۇر خەلقئارا تاشقى سودا ئالىي مېھمانسارىيى 4-قەۋەت)
ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 2887000-0991
تور ئادرىسى: www.erqal.com
course@erqal.com
رايون: ئۈرۈمچى ئادىرىسى: www.erqal.com