ھەقسىز تېلېفون ئۇرغىلى بولىدىغان تور كۆرگۈچ
بۇ مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى تۈنجى ھەقىقى ھەقسىز تېلېفون ئۇرغىلى بولىدىغان تور كۆرگۈچ دىتالى . نۇرغۇن كىشلەر بۇ تور كۆرگۈچىنىڭ ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. يۇقۇرى پەن تېخنىكىنىڭ تۇرمۇشقا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىقىدىن سىزمۇ ھوزۇرلىنىڭ. ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:1. يانفونغا تور كۆرگۈچ v5.5.1 نۇسخىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز ياكى بىۋاستە v5.5.1 دەرىجىگە ئۆستۈرسىڭىز ياخشى بىر ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئەسكەرتىشىنى كۆرىسىز. 2. داڭلىق ماركىلىق يانفونلار ئىتتىپاقىدىكى نومۇرىڭىزغا چىقىپ ياكى بىۋاستە QQ ئارقىلىق كىرىپ، چەكسىز ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىدىن ھۇزۇرلىنىڭ. ئەگەر نومۇر تىزىملىتىپ كىرمىسىڭىز پەقەت بىر مىنۇتلا سىناپ ئىشلىتەلەيسىز. ئادەتتىكى ئابونتلار 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنى قاچىلىغاندىن كېيىن بىۋاستە QQنى ئىشلىتىپ بۇ ئەپكە كىرەلەيدۇ. تېلېفون ئۇرىدىغان ئۈستەليۈزىدىن، نومۇرنى بىۋاستە كىرگۈزسىڭىزلا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز. نومۇرنى ئاللىقاچان ساقلاپ قويغان كىشلەرگە تېلېفون ئۇرماقچى بولسىڭىز، ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇلۇڭدىكى "ئالاقىلاشقۇچى"نى ئىچىپ، ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىدىكى نومۇرنى ئىزدەپ تىپىپ باسسىڭىزلا بولىدۇ.3. يانفون تور كۆرگۈچ بېتىنى ئاچقاندىن كېيىنمۇ بەت يۈزىدىمۇ ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش بەلگىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ بەلگىنى ئاچقاندىن كېيىن بىۋاستە تېلېفون ئۇرغىلى بولىدۇ. ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك.2345 يانفون تور كۆرگۈچىدە ھەقسىز تېلېفون ئۇرغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان سوئاللار:1. 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرسا راستىنلا پۈتۈنلەي ھەقسىزمۇ؟جاۋاب: wifi سىمسىز تور مۇھىتىدا 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنىڭ ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە پۈتۈنلەي ھەقسىز. يانفون كارتىسىنىڭ ئىقىم مىقدارىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا ئازراق ئىقىم سەرپ بولىدۇ، بىر مىنۇتتا تەخمىنەنە 1.2—1.4M قىچە ئىقىم سەرپ بولىدۇ.2. نېمە ئۈچۈن بىر قېتىم ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ؟جاۋاب: 2345 يانفون ئىتتىپاقىغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىنلا تېلېفون ئۇرسا ھەقسىز. ئەگەر نومۇر تىزىملىتىپ كىرمىسە پەقەت بىر قېتىم سىناپ ئىشلىتىش پۇرسىتىلا بار.2. 2345 يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىدا كۆرسەتكەن نومۇر ئۆزىنىڭ نومۇرىمۇ؟جاۋاب: يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىدا ئۆزىنىڭ نومۇرىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئادەتتە چاقىرىش مەركىزىنىڭ نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: نامەلۇم نومۇر ياكى بولمىسا چىڭدۇ قاتارلىق باشقا جايلارنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.3. يانفون تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ تېلېفون ئۇرغاندا،ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قانداق ئىزدەيمىز؟جاۋاب: 2345 يانفون تور كۆرگۈچى يانفوننىڭ ئالاقىلاشقۇچىلار خاتىرىسىدىكى بارىلىق نومۇرلارنى ئاپتوماتىك كىرگۈزىدۇ، تېلېفون ئۇرۇش بېتىنى ئاچقاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇلۇڭدىكى "ئالاقىلاشقۇچى"نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.4. نېمە ئۈچۈن مۇقىم تېلېفون نومۇرىغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرغىلى بولمايدۇ؟جاۋاب: يانفون تور كۆرگۈچى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يانفون نومۇرلىرىنىلا قوللايدۇ، مۇقىم تېلېفون نومۇرلىرىنى قوللىمايدۇ.

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:31كۆرۈلىشى : 1112771 قىتىم

ئىتىبار
ئىتىبار تور تىرمىنالى بولسا شىنجاڭ رايۇنىدىكى كەسىپلەشكەن ئۈچىنچى كەسىپ تەشۋىقاتى ۋە سودا سۇپىسىنى ئاساس قىلغان يانفۇن تىرمىنالى بۇلۇپ،بۇ سۇپا شىنجاڭ رايۇنى بۇيىچە تۇنجى بۇلۇپ قۇرۇلغان ئىستىمال ئۈچىنچى تەرەپ ئۇچۇر سۇپىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ تىرمىنال كەڭ تورداشلارغا رايونىمىزدىكى ھەرخىل يىمەك-ئىچمەك،كۆڭۈل ئېچىش،مۇلازىمەت تىپىدىكى بارلىق ئورۇنلارنىڭ قىسقىچە ئۇچۇرى ،تورداشلار باھاسى ۋە ھەرخىل ئىتىبار كارتىسى ۋە ئەزالىق كارتىسىنى تەمىنلەيدىغان بۇلۇپ ،تۇرمۇشىڭىزغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتقۇسى.بۇنىڭدىن باشقا سۇپىمىزدا ئەڭ تۆۋەن باھادا كوللىكتىپ سېتۋىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدىغان بۇلۇپ،سىز تېلېفۇن ئارقىلىقلا بۇ كوللىكتىپ سېتىۋىلىشتىن بەھرىمان بولالايسىز.تور تىرمىنالىمىز يېڭى قۇرۇلغان بولغاچقا تېخى كۆپ سەۋەنلىكلەرنىڭ ساقلانغان بۇلۇشى مۇقەررەر،دوستلارنىڭ بىزنى ھەرخىل پىكىر-تەلەپلەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:31كۆرۈلىشى : 1114761 قىتىم

ساياھەت تەرجىمان دىتالى
بۇ بولسىمۇ ئاندىرويىد سىستىمىلىق يانفۇنلار(ئالما يانفونلىرىنىڭمۇ بارhttp://www.mafengwo.cn/app/intro/fanyi.php) ئۈچۈن ساياھەت تەرجىمان دىتالى(旅行翻译官)، مەن ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم ئۇيغۇرچە تەرجىمانمۇ باركەن ، تېخى ئۇيغۇرچە تاللاش تۈرىگە شۇنداق چىرايلىق مىللىيچە نەقىشىنى ئىشلىتىپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:31كۆرۈلىشى : 1112051 قىتىم

ياپونچە لۇغەت
بىلكان ياپۇنچە لۇغىتى ياپۇنچە سۆزلۈكنىڭ ھىراگانا ۋە كەنجى شەكلى بىرلىكتە بىرىلدى. لۇغەت ئامبىرى ئەپنىڭ ئۆزىگە قوشىۋىتىلىپ ئەپنى قاچىلىغان ۋاقىتتا ئامبارنى ئۆزلىكىدىن كارتىغا يازىدىغان قىلىندى. بۇ نەشىردە كۆرۈنمە يۈز يېڭىلاندى، ئىزدەش تارىخى ۋە ياقتۇرغان سۆزلەرنى ساقلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى ۋە يەنە بىر قىسىم ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ ئىشلىتىشكە قولايلىقلاشتورۇلدى. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئەپ لۇغەت ئامبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا سىغىمى بىر قەدەر چوڭ. شۇڭا، چۈشۈرگەن ۋاقىتتا بىر قىسىم ئېقىم مىقدارىڭىزنى خورىتىۋىتىشى مۇمكىن. ئامال بار سىمسىز تور(WiFi) دا چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمىز. ئەپنى قاچىلاپ تۇنجى قېتىم ئىجرا قىلغاندا لۇغەت ئامبىرىنى يىشىپ كارتىغا قاچىلايدۇ. بۇنىڭغا ئازراق ساقلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:31كۆرۈلىشى : 1113091 قىتىم

 SMS ئۇچۇر
Go ئۇچۇرنىڭ Android 4.0 ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:31كۆرۈلىشى : 1111281 قىتىم

ھەقسىز تېلىفۇن
تېلفۇنىڭىزدا مۇقىم كارتا بولسا تىزىملىتىش ئۈچۈن بىر چېكىپلا تىزىملىتىسىز، ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز تور كارتا بولسا قول سېلىپ تىزىملىتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ تىزىملىتىسىز. تىزىملاتىسىڭىز60مىنوت سۆزلىشىش ۋاقتى سوۋغا قىلىدۇ. كۈندە يوقلىمىدىن ئۆتۈش ئارقىلىق 3مىنوتتىن10مىنوتقىچە سۆزلىشىش ۋاقتىغا ئىگە بولىسىز. تور سۈرئىتىڭىز تېز بولسا ياكى سىمسىز تور بولسا تور تېلفۇنى ئارقىلىق تېلفۇن ئۇرىسىز، ئەگەر تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا قايتۇرما چاقىرىش ئارقىلىق تېلفۇن ئۇرسىز، بۇنداق ئۇرغاندا ئاۋاز سۈپىتى يۇقىرى، سۈزۈك بولىدۇ. ئىشقىلىپ سەللا ئاۋارچىلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەقسىز تېلفۇن ئۇرۇپ ئىشلىتىسىز، مەيلى قايتۇرما چاقىرىش شەكلىدە ئۇرۇڭ، مەيلى تور ئارقىلىق ئۇرۇڭ سىزنىڭ مۇقىم كارتىڭىزدىن ئوشۇق پۇل تۇتمايدۇ. قېنى ئەمسە سىزمۇ ھەقسىز تېلفۇن ئۇرۇپ سىناپ بېقىڭ.

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:31كۆرۈلىشى : 1113231 قىتىم

روھلان تورى
بۇ قېتىملىق روھلان مۇنبىرى ئاندىرويىد (Android) يانفۇن تېرمىنالى 1.2 نۇسخىسىدا تۈزىتىلگەن ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان يارقىن نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:1. ئەپ قوزغىلىش كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئىككى دانە قارا چېكىت يوقىتىلدى .(كىچىككىنە خاتالىققىمۇ يول قويمىدۇق )2. ئىلگىرىكى ئەپ قوزغالغاندا يانفۇننىڭ پۈتۈن ئىكرانىنى ئېگەللەپ، ئۈستىدىكى سائەت، سىگنال بەلگىسى، باتارىيە توك قالدۇقى،... قاتارلىقلارمۇ كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار تۈزىتىلىپ، باشقا يانفۇن ئەپلىرىگە ئوخشاش قولايلىقلاشتۇرۇلدى.3. ئۇيغۇرچە ئىسىمدا تىزىملاتقانلارنىڭ يانفۇن نۇسخىسىدا ئىسىم يېزىپ كىرەلمەسلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، تىزىملىتىش، كىرىش كۆزنىكىگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.4. تېما، ئىنكاس يوللىغاندا ئۇيغۇرچە ۋە ULY ئوتتۇرسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا مەزمۇن رامكىسىنى بىر قېتىم تاللاشتىن ئىبارەت ئاۋارىچىلىق تۈزىتىلىپ، ئۆز ئارا ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ بىۋاستە يازغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.5. يانفۇندا چۈشۈرۈش ئادرىسى قاتارلىق تور ئادرىسلىرىنى قوشقاندا ئۇلانماي ئادەتتىكىدەك چىقىۋالىدىغان، كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ بىر قېتىم تەھرىرلىۋەتمىسە ئۇلانما ئىشلىمەيدىغان ئەھۋال تۈزىتىلپ، يانفۇندىمۇ بىۋاستە ئۇلانما قوشقىلى بولىدىغان، يوللىغان ئادرىس ئۆزلىكىدىن كۈچكە ئېگە بولىدىغان قىلىندى.6. يانفۇندا يوللىنىدىغان تېما ، ئىنكاس چەكلىمىسى ئىلگىرىكى 1000 ھەرىپتىن 3000 ھەرىپكە كۆتۈرۈلدى، يانفۇندىمۇ كۆپ مەزمۇننى يوللاش ئەمەلگە ئاشتى.7. سۇئال بەلگىسى تەتۈر كۆرۈنىدىغان مەسىلە ھەل قىلىنىپ، ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلدى.

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:31كۆرۈلىشى : 1111281 قىتىم

شوپۇرلۇق ئىمتاھانى
شوپۇرلۇق ئىمتاھان يىتەكچىسى شوپۇرلۇق نەزىرىيە ئىمتاھانى ئۈچۈن ياخشى يىتەكچى بۇلالايدۇ .

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:31كۆرۈلىشى : 1110871 قىتىم

يانفۇن نۇمۇرى،كىملىك تەكشۈرگۈچ
يانفۇن نۇمۇرى تەكشۈرگۈچبۇ يانفۇن نۇمۇرى ۋە كىمىك نۇمۇرى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئەپ بولۇپ ، ياقتۇرۇپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە كۆرۈلگەن خاتالىقلار ۋە رەھمىتىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:16كۆرۈلىشى : 1111911 قىتىم

تىببىي جەۋھەر
يېقىندا شىنجاڭ تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئېلان بۆلۈم خادىملىرىنىڭ ئۈچ ئايلىق زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيىسى،دورىگەرلىك ئىلمى،داۋالاش ئۇسۇللىرى،رېتسىپ-تەجىرىبىلىرى،تەتقىقات ۋە تەجىربىلىرى،كېسەللىك ئىلمى،مەزمۇن،رەسىم ۋە فىلىم شەكلىدە تۈرلەش ئارقىلىق تۈزۈپ ئېلان قىلىندى.بۇ تۇنجى نەشىرى ۋە تۇنجى قېتىملىق ئەمگىكىمىز بولغاچ خاتالىق ۋە كەمتۈكلەردىن خالىي ئەمەس.دوستلارنىڭ تېلېفۇن،تور،ئۇندىدار ۋە ئەپ ئارقىلىق بىزگە تەكلىپ پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 17:42:16كۆرۈلىشى : 1113891 قىتىم

بىكەت تەۋسىيېسى