بۇ ئەپ ئۈرۈمچى زىلبىلىگ ئېلىكتىرون تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياسىغان ئەپ بولۇپ، بۇ ئەپ ئارقىلىق مەملىكىتىمىزدىكى 480 دىن ئارتۇق شەھەر-ناھىيە ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى 87 ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى ئۈچ كۈندىكى ھاۋارايى مەلۇماتىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا خەۋەردار بولالايسىز. مەزكۇر ئەپتە شىنجاڭدىكى ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ ھاۋارايىنى كۆرستىپ بېرىشتىن تاشقىرى يەنە شۇ جاينىڭ شۇ كۈنلۈك كۈن چىقىش ۋاقىتى ۋە كۈن پېتىش ۋاقتى كۆرسىتىلىپ بېرىلدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتىكى پائالىيەتلىرىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىنتايىن قولايلىق. ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم بولۇپ، ھەر خىل ھاۋارايى ۋە كېچە - كۈندۈزلۈك ۋاقىتقا ئاساسەن ئوخشىمىغان گۈزەل ئارقا كۆرۈنۈشلەر سەپلەنگەن . چۈشۈرۈش ئادىرسى :hawa123.com
يوللانغان ۋاقتى : 2014-11-28 18:39:22كۆرۈلىشى : 1116671 قىتىم