باشبەت
>
يانفۇن قانىلى
>
يانفۇن بىلىملىرى
> مەزمۇنى
قايتىش
بېسىپ چىقىرىش
يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونغا iPhone air دەپ ئىسىم قويۇلىدىكەن
يوللانغان ۋاقتى: 2013-12-24 14:25:58
يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەر قېتىم دىگۈدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلدى، بولۇپمۇ توختىماي تارقالغان خەۋەرلەر ۋە مىش-مىش پاراڭلار ئۇنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈۋىتەتتى. يىقىندا ئالما شىركىتىنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلاد يانفونى بولغان iPhone 6 نىڭ كېلەر يىلى ئىككىنچى پەسىلدە رەسمىي تۈردە مال تەمىنلەشنى يولغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن، ھەرقايسى مىكروبىلوگلاردا يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone 6 غا iPhone air ۋە iPhone 6C دەپ ئىسىم قويۇلىدىغانلىقى ئىچكى جەھەتتىن بېكىتىلىپ بولۇنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان. ئۇچۇردا يەنە iPhone 6 نىڭ ھازىر سىناق باسقۇچىدا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا iOS7.1 Sochi ناملىق يېڭى نەشىردىكى سىستېما قاچىلىنىدىغانلىقى شۇنداقلا يېڭى سىستېمىنىڭ نۆۋەتتە يانفون ئويۇنلىرى ۋە سىستېما ئەپلىرىگە بولغان قوللاش دەرىجىسىنىڭ سىناق قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئىلىنغان.