مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنى 13– ، 14– ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى.ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلدى. لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇل تېشى، پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ يولى بولۇپ، ئۇنىڭغا مىليونلىغان ئائىلىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئاۋۋال مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بىز 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۇق.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، مىللەت ساپاسىدىكى رىقابەت. مائارىپ خەلقنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پەن – تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە نېگىزلىك رول ئوينايدۇ. مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي ۋە ئىناق، سوتسىيالىستىك، زامانىۋى دۆلەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
خۇ جىنتاۋ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىيتەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق بەش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مائارىپنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدە ئالدىن راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىدا مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، مالىيە مەبلىغىدە مائارىپ سېلىنمىسىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش، ئاممىۋى بايلىقتا مائارىپ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن قامداشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئاساس قىلىنغان، كۆپ يوللار ئارقىلىق مائارىپ خىراجىتى يىغىلىدىغان تۈزۈلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتى سىستېمىسىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باش تېمىسى، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپى، ئۇنىڭ يادروسى قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيلەشتىن ئىبارەت چوڭ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش، ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتكە، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، دادىل ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تىكلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بولغان ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىدا خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىسىدىكى مېخانىزملىق توسالغۇلارنى تېخىمۇ تۈگىتىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا ماس كېلىدىغان جۇشقۇن، ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق مائارىپ تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مائارىپنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرى ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي مائارىپ سىياسىتى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ۋە قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەش بولۇپ، جامائەت مائارىپ بايلىقىنى ئادىل تەقسىملەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزا، رايونلار ئارىسىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. بەشىنچى، مائارىپ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يادرو قىلىنغان مائارىپ تەرەققىياتى قارىشى تۇرغۇزۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى قىلىنغان باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۆلەم بىلەن سۈپەتنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ خاس مەزمۇنىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئېتىبار بېرىپ، مەكتەپلەرنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىش كېرەك.
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ پىلانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئاساس. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نېگىزلىك خىزمەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا تولۇق ئىشىنىپ ۋە يېقىندىن تايىنىپ، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ئېسىل، كەسىپكە پىشقان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، جۇشقۇن، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ھوقۇقىنى قوغداپ، تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك. جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەكتەپ رەھبەرلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى، تەربىيەچى، سىنىپ مەسئۇلى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قوشۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئاچقۇچ. ››مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى‹‹ نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيە ۋە جەمئىيەت ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىر تۈزۈپ، سېلىنمىنى زورايتىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ‹‹مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى››نى ھەقىقىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
ۋېن جياباۋ سۆزىدە مەركەزنىڭ ‹‹مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى››نى تۈزۈشتىكى ئاساسىي ئويلىرى ۋە بېكىتىلگەن مائارىپ خىزمىتى فاڭجېنىنى شەرھلىدى. ئۇ ‹‹مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى›› دا 2012 – يىلىغىچە مائارىپ مالىيە خاراكتېرلىك چىقىمىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 4 ىگە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ‹‹مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى››نى يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. بىرىنچى، مائارىپ ئادىللىقىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، مائارىپ بايلىقىنى يېزىلار، ئىنقىلابىي كونا رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت رايونلار، نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئۈسكۈنە، كىتاب، مەكتەپ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشى تەقسىملەشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ كۆلىمى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى زورايتىشى كېرەك. سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپلەردە مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ياتاقلىق مەكتەپلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىدا قالغان بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، مېيىپ بالىلارنىڭ باراۋەر تەربىيەلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، مائارىپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسپىي مائارىپنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ كەسپىي مائارىپنى جانلاندۇرۇش كېرەك. ئالىي مائارىپتا مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە قويۇش؛ ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىش؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان كۆپ خىل ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەكتەپ قۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپ ۋە ئەڭ ياخشى پەن قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 2020 – يىلىغىچە خەلقئارادا داڭلىق بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپلەرنى قۇرۇشقا تىرىشىپ، بىر قانچە ئالىي مەكتەپنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ياكى يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك. مەملىكىتىمىزنىڭ شەھەر، بازارلىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مەكتەپ قۇرۇش بىلەن شەخسلەر مەكتەپ قۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ‹‹پەرزەنتلەرنى يەسلىگە بېرىش قىيىن بولۇش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئىدىيەسى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەخلاق تەربىيەسى، ئەقلىي تەربىيە، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت مەكتەپلەرگە قارىتىلغان مەمۇرىي تەستىق، بىۋاسىتە ئارىلىشىشنى ئازايتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن – تۈزۈم، سىياسەت، ئۆلچەم، جامائەت مالىيەسى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى كۆپرەك قوللىنىش ئارقىلىق مائارىپ تەرەققىياتىنى يېتەكلىشى ۋە قوللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مائارىپنى مائارىپ قانۇنىيىتى بويىچە باشقۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر مائارىپنى مائارىپ قانۇنىيىتى بويىچە يولغا قويۇشى كېرەك. بەشىنچى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئارزۇسى ۋە كەسپىي ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. پېداگوگىكا مائارىپىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش بولۇپمۇ يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، ئۈنۈم مائاشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ياخشى تۈزۈپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى پائال ياخشىلاش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئىستىلنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتىكى ئەڭ ھۆرمەت قىلىنىدىغان، ئەڭ ھەۋەس قىلىنىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە. ‹‹مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى›› نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پەقەت يېڭى باشلىنىش. مائارىپنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش. ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەنئەنىۋى كۆز قاراش ۋە تۈزۈلمە – مېخانىزمنىڭ ئاسارىتىدىن دادىل قۇتۇلۇپ، جايلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تەجرىبە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مائارىپ تەرەققىياتىنى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىغا، خەلقنىڭ مائارىپقا بولغان سەمىمىي تەقەززاسىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
ماقالە ئەسلى مەنبەسى : ئۇچۇر تورى
 |