تىما : ساغلاملىققا پايدىلىق بىر نەچچە مىنۇتلۇق ھەرىكەتلەر
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 34
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 51
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە51دانە
جۇغلانما: 59
پۇلى: 52
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-24
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-22 23:42

ساغلاملىققا پايدىلىق بىر نەچچە مىنۇتلۇق ھەرىكەتلەر

            ساغلاملىققا پايدىلىق بىر نەچچە مىنۇتلۇق ھەرىكەتلەر
    1. بارماقلار بىلەن چاچنى بىر مىنۇت تاراپ بېرىش : ئىككى قولنى يېيىپ، بارماق بىلەن پىشانىدىن ئارقىغا قارىتىپ چاچنى تاراپ بەرگەندە، باش قىسمىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
     2. قۇلاقنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاپ بېرىش : قۇلاقتا پۈتۈن بەدەنگە تۇتىشىدىغان ئۇششاق تومۇر توپلانغان بولۇپ، باش بارماق بىلەن قۇلاقلارنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، تومۇرلار راۋانلىشىپ، قۇلاق غوڭۇلداش، كۆز تورلىشىش، ئۇنۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
     3.  كۆز قارچۇقىنى بىر مىنۇت مىدىرلىتىپ بېرىش : كۆزنىڭ گۆھىرىنى ئۆز رېتىمى بىلەن ئوڭ - سولغا قارىتىپ مىدىرلىتىپ بەرگەندە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
     4 .  بۇرۇننى بارماق بىلەن بىر مىنۇت سىلاپ بېرىش : ئىككى بارماق بىلەن بۇرۇننى يۇقىرىدىن - تۆۋەنگە قارىتىپ سىلاپ بەرگەندە، ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا سوغۇقتىن پەيدا بولغان بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇندىن سۇ كېلىش ۋە زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
     5. بىر مىنۇت چىشىنى چاكىلدىتىپ، تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈش : چىشنى يېنىك چاكىلدىتىپ بەرگەندە، چىش يىلتىزى ۋە چىش ئارىلىقلىرىدىكى قاننى جانلاندۇرۇپ، چىشنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. تىلنى ھەرىكەتەندۈرۈپ بەرگەندە، تىلنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تىل سېزىمىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
     6. كىندىكنى بىر مىنۇت يەڭگىل سىلاپ بېرىش : ئىككى ئالقان بىلەن كىندىكنى يەڭگىل سىلاپ بەرگەندە، شامال تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    7. بىر مىنۇت قورساقنى ئىچىگە تارتىپ، سوڭىنى چىقىرىش : قورساقنى قايتا - قايتا ئىچىگە تارتىپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوۋاسىر كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    8  . پۇت - قوللارنى بىر مىنۇت سۇنىۋېلىش : بۇنداق قىلغاندا، قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىشىپ، يۈرەك، مېڭىگە يېتەرلىك ئوكسىگېن ۋە قان يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاستا ۋە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك، مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، قول - پۇتلاردىكى ئۇششاق بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    9   . تاپان مەركىزىنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاپ بېرىش : ئىككى تاپاننى جۈپلەشتۈرۈپ سۈركەپ ئۇۋۇلىغاندا، بەدەندىكى قانلارنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تالنى ساغلاملاشتۇرغىلى، يۈرەكنى كۈچەيتىپ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرغىلى بولىدۇ.
-سىز كۆرۋاتقان تىما ساغلاملىققا پايدىلىق بىر نەچچە مىنۇتلۇق ھەرىكەتلەر,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 114
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
جۇغلانما: 7
پۇلى: 14
تۆھپىسى: 4
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 3(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2010-07-23
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-23 00:12

ساغلاملىققا پايدىلىق ھىكمەتلەر

بوۋام بىر كۈنى بىزگە تەربىيە قىلىپ شۇنداق دېدى ؛
---ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ،ھەرقانداق كىشى مۇنۇ 5 خىسلەتنى ئۆمۈرنىڭ سەرمايىسى ۋە يول جابدۇقى قىلسا ، قەيەرگە بارسا غەرىزى ھاسىل بولىدۇ ۋە ئۆزىگە مۇھەببەت تېپىپ ئىززەتلىك بولىدۇ ؛

‹1› بەتقىلىقتىن يىراق بولماق
‹2› ياخشى ئىش قىلىدىغان بولماق
‹3› تۆھمەت ۋە زىيان قىلىدىغان ئىشلاردىن پەرھىز قىلماق
‹4› ياخشى خۇيلۇق بولماق

‹5› ھەممە ۋاقىتتا ئەل بىلەن ياخشى چىقىشماق ۋە ئەدەب ساقلىماق .
بوۋام يەنە شۇنداق دېدى ؛
---3 خىل كىشى ھامان ھالاك بولىدۇ ،
‹1› ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىگە چەكسىز ئىشىنىپ كېتىدىغانلار
‹2› تائام ۋە شاراپنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ‹3› ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار .
بوۋام يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ؛

3--- خىل كىشى مەڭگۈ غەم – ئەندىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ ،‹1› ھەمىشە يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەنلەر ‹2›قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغانلار

‹3›نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ئاخىرىدا ھەسرەتتە قالغان كىشلەر .
بوۋام سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نۇرلۇق ۋە ئۆتكۈر كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكتى .بىز بوۋامنىڭ سۆزلىرىدىكى ئۆلمەس ھەقىقەت ۋە چۇڭقۇر .