تىما : كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام......
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 3
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
جۇغلانما: 4
پۇلى: 7
تۆھپىسى: 1
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 5(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-30
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-22 22:45

كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام......

كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام. ( گۈلۈم پەرىدە گە بېغىشلايمەن )
ئەسكەرتىش،.... شىېرىمدىكى  پەرىدە  ئاقيول چايخانىسىدىكى  پەرىدە  ئەمەس جۇما......خاتا  چۈشىنىپ قالماڭلار.... 

       ياقۇپجان ( ئىلچى )

كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
كۆزلىرىمگە كەلمەيدۇ ئۇيقۇ.
خىيال بىلەن مۇڭلىنىپ ياتسام،
 چۈشلىرىمدە ئەجايىپ تۇيغۇ.
 
كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
كىرەرسەنمۇ چۈشۈمگە تاتلىق.
چۈشلىرىمدە كۆرسەم ۋىسالنى،
يۇرەكلەردە ئوينايدۇ شاتلىق.
 
كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
تارتىنماستىن كىرگىن چۈشۈمگە.
ئوڭلىرىمدا سۆيەلمىسەممۇ،
سۆيۈۋالاي سېنى چۈشۈمدە.
 
كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
چۈشلىرىمدە قويغىنا سۆيۈپ.
يۈرەك ئاتەش يانىدۇ شۇتاپ،
بىر ساڭىلا قالغاچقا كۆيۈپ.
 
كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
چۈشلىرىمدە بەرگىن ۋىسالنى.
قېچىپ كەتمە چۈشۈمدىن جانان،
كۆرۈپ تۇراي تاتلىق خىيالنى.
 
كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
كەلدى ئىلھام يازدىم شىېرنى.
مەيلى ئىشەن، ياكى ئىشەنمە،
سۆيەر قەلبىم پەقەت بىر سېنى.
 
كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
سۇنۇپ قويغىن خىيالى شاراپ.
شاراپ بىلەن مەس بولاي شۇدەم،
كەتمىسىمۇ يېنىمدىن ئازاپ.
 
كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
سەنمۇ مېنى قىلامسەن خىيال.
دەرتلىرىڭدە ئۆلسەم ناۋادا،
ئويلاپ باققىن بولمامدۇ ئۇۋال..؟؟؟ 
 
كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
كۆز ياشلىرىم ئاقىدۇ تارام.
سۆيۈپ قويساڭ لېۋىمگە تاتلىق،
ساقىياتتى مېنىڭ << دىل يارام >>.
 
ئىلچى خاتىرسىدىن پارچە....قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.  2002-يىلى،21-سېنتەبىر. خوتەن.
[ بۇ يازمىنىilqiدە2010-07-23 00:45قايتا تەھرىرلىدى ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام......,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 114
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
جۇغلانما: 7
پۇلى: 14
تۆھپىسى: 4
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 3(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2010-07-23
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-22 23:22

كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
سەنمۇ مېنى قىلامسەن خىيال.
دەرتلىرىڭدە ئۆلسەم ناۋادا،
؟؟
بىر مىسرا يوللاش جەريانىدا چۈشۈپ قالدىمۇ ياكى مۇشۇنداق يېزىلغانمۇ ؟  شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ خاتىرەمگە خاتىرلەپ قويغان قايسىدۇر بىر شائىرنىڭ ماۋۇ شېئىرى يادىمغا كېلىپ قالدى .

تەققازا بوپ سىغىنغىنىمدەك ،
سىغىندىڭمۇ نىگارىم مېنى ،
ئارمانلىرىم ئۈنلەر دەمدەردەك ،
ئاققاچ دىلدا سۆيگۈ كەلكۈنى .
ۋىسال تىلەپ سەندىن ئارامسىز ،
تەقەتلىرىم تاق بولدى ھامان .
شۇنداقتىمۇ ئۈزمىدىم ئۆمۈد ،
ئۇچرىشارمىز بولساق دەپ ئامان .
ئەقىدەمدىن بىنا ئەتتىم باغ،
كەلسەڭ سېنى مېھمان قىلغىلى .
بەڭۋاش ھېسلار قالدى مۇڭ بىلەن ،
مۇشكۈل بولغاچ ئاشىق مەنزىلى .
گەر سىغىنغان بولساڭ سەن مېنى ،
خەۋەر بەرگىن پۇرسەتلىرىڭدە .
ئەنسىزلىكتە قالدۇرما ئەسلا،
سىغىنىشنى ساقلاپ ئىچىڭدە .
سالامىڭدىن ياشارسۇن يۈرەك ،
يوق بوپ كەتسۇن دىلدىكى مانان.
سىغىنىشنىڭ تەكرارلىقىدا ،
سۆيگۈ كۆكلەپ بارار ھەرزامان .
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 3
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
جۇغلانما: 4
پۇلى: 7
تۆھپىسى: 1
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 5(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-30
2تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-23 00:44

كېچە سېنى سېغىنىپ ياتسام،
سەنمۇ مېنى قىلامسەن خىيال.
دەرتلىرىڭدە ئۆلسەم ناۋادا،
ئويلاپ باققىن بولمامدۇ ئۇۋال..؟؟؟  

مۇشۇ بىر  كوپلىت  نىڭ  بىر  مىسراسى  چىقماپتۇ  . بولسا  تەھرىرلەپ قويساڭلا  بوپتىكەن.