تىما : ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۇۋاقلىرىنى دائىملىق تەكشۇرۇشتىكى ئاددى ئۇسۇلى....................شەيدادېل
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 54
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 44
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
جۇغلانما: 34
پۇلى: 44
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 11(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-29 14:56

ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۇۋاقلىرىنى دائىملىق تەكشۇرۇشتىكى ئاددى ئۇسۇلى....................شەيدادېل

       ھەممىمىزگە مەلۇم،ئۇيغۇرلار بۇۋاق بالىلارنى بۈشۇككە بۇلەپ بىقىشقا ئادەتلەنگەن.بىز ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ-
بۇۋاقلارنى بۈشۇكتىن يەشكەندىن كىيىن،بۈشۇك ئۇستىگە بىر-ئىككى قىتىم يىنىك دەسسىتىپ قويۇپ ئاندىن  -
كىيىملىرىنى كىيگۇزىدىغانلىغىنى ،ياكى باشقا ئورۇنغا يۈتكەپ ياتقۇزىدىغانلىغىنى كۆپ  كۆرگەن.نىمە ئۇچۇن-
شۇنداق قىلىدۇ؟بۇنىڭ تىگى تەكتىنى تازا ئىنىق بىلىپ كىتمەيدىغان ئانىلار--تاڭەي مۇشۇنداق شەرتى بار -
ئىكەنغۇ دەپ جاۋاپ بەرسە،بەزىلىرى شۇنداق قىلساق ،بالىلارنىڭ ئايىغى بالدۇر چىقارمىش دەپ ئاددىلا جا -
ۋاپ بىرىشىدۇ.مىنىڭچە  كىيىنكى جاۋاپ ئانچە خاتا ئەمەس بولسىمۇ،لىكىن ئەمىلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئاددى -ئەمەس.بۇنىڭغا بىر قىسىم تەجرىبىلىك ئانىلىرىمىز  بولسا جىددى قىلىپ ،شۇنداق قىلىشىمىزدىكى سەۋەپ،......
بۇۋاقلارنى بۈشۇكتىن يەشكەندىن كىيىن بۈشۇك ئۇستىگە يىنىك دەسسىتىش ئارقىلىق بىر خىل ئاددى تەكشۇرۇش-
ئۇسۇلىنى تاماملايمىز دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.شۇڭا ياش ئانىلار بۇ ھەقتىكى ساۋاتلارنى چوقۇم بىلىۋىلىشى كېرەك.
بۇۋاق بالىلارنى بۈشۇك ئۇستىگە بىر-ئىككى قىتىم يىنىك دەسسىتىپ بىقىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى مەقسەتلەرگە-
يەتكىلى بولىدۇ.
     1.دەسسىتىپ بىقىش جەريانىدا بۇۋاقنىڭ روھى -كەيپىياتى ۋە دەسسەش ئەخھۋالىنى كۇزىتىش ئارقىلىق بۇۋاقنىڭ شۇ كۇندىكى
ياكى شۇ چاغدىكى تېنىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىگىنى دەسلەپكى قەدەمدە پەرەز قىلىۋالغىلى بولىدۇ.ئەگەر بۇۋاقنىڭ تېنى
ساغلام ،روھى  كۆتىرەڭگۇ بولسا   بۈشۇكنى كۇچەپ دەسسەيدۇ،بۇنىڭغا قاراپ ئانا << بۇۋىقىم ساغلام ئىكەن>> دىگەن يەكۇننى
چىقىرىدۇ.ئەگەر بۇۋاقتا بىرەر ئاغرىق ئالامەتلىرى بولسا بۇۋاق دەسسەشتىن ئۈزىنى قاچۇرۇپ ئاچچىق يىغلايدۇ،ياكى ئومۇمەن-
 دەسسىتىلگەن چاغدىكى ھالىتى سۇس بولىدۇ.
    2.بۇ  يەنە بۇۋاق ئۇچۇن بىر قىتىملىق ئاددى ئەمما زورۇر تەنتەربىيە ھەركىتى بولۇپ ،   ئۇزاق بۈشۇكتە ياتقان بالىنىڭ سالامەتلىگىگە ئىنتايىن پايدىلىق.
    يىقىندا 2 ياشقا كىرىپ قالغان بىر ئوغۇل بالا 2 قىتىم ئوپىراتسىيە قىلىنغان.ئەسلىدە بۇ بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئوتمەيلا بىر پۇتى-
يانپىشىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئاتا -ئانا بولغۇچى بىرىنچىدىن مەدىنىيەت سەۋيەسى تۆۋەن،ئىككىنچىدىن ياش ھەم تەجرىبىسىز بولغانلىغى ئۇچۇن،بۇۋاقنى بۈشۇككە بۈلەش ۋە  بۇشۇكتىن يىشىپ دەسسىتىش جەريانىدا بۇۋاق دائىم تىلىقىپ -
ئاچچىق يىغلىسىمۇ بالىمىز چەتنەپ قالغان ئوخشايدۇ،شامالداپ قالغان  ئوخشايدۇ...دىگەندەك قاراشلار بىلەن بالىنى دوختۇر-
خانىغا ئاپىرىپ باقماي ئەكسىنچە دەم سالدۇرۇش، داخانغا .ئوقۇتۇش......قاتارلىق قىلچە ئىلمى ئاساسى بولمىغان خۇراپى-
ئۇسۇللار بىلەن <داۋالاپ>كەلگەن.نەتىجىدە ئۇلار ئۈز يۇرەك پارىسىنى ئىككى يىلغا يىقىن <دوزاق ئازابى>دا قىينىغان.
    شۇڭا  مەن  بۇ  ماقالە ئارقىلىق ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بەزى بالا بىقىش ئادەتلىرىنىڭ ئىلمى-
تەرەپلىرىنى بىلىۋىلىشىنى <بۇ دىگەن كونىلىق> دەپلا يۇزەكى قاراشتا بولماسلىغىنى  سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن.




-سىز كۆرۋاتقان تىما ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بۇۋاقلىرىنى دائىملىق تەكشۇرۇشتىكى ئاددى ئۇسۇلى....................شەيدادېل,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 54
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 44
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە44دانە
جۇغلانما: 34
پۇلى: 44
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 11(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2010-07-28
1تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-29 15:00

way towa   ahiri ozligidin  kiqiklap kitiptigu..............................astahpurulla..........................