تىما : قانداق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بۇلىدۇ ؟
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
UID نومۇرى: 50
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 104
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە104دانە
جۇغلانما: 111
پۇلى: 104
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 32(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-29 14:55

قانداق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بۇلىدۇ ؟

قانداق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بۇلىدۇ ؟

.1.ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەن كىشىلەر .
 
تاماكا بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ . ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدۇ .


2.دائىم ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەر
ئىسپىرىت جىگەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتا ، يەنە تالنى زەخمىلەندۈرىدۇ . بۇنىڭ سالامەتلىككە تەسىرى ئىنتايىن چوڭ .

    3.ھەسەتخور كىشىلەر .
     ھەسەتخور كىشىلەرنىڭ كۆڭلى دائىم تىنجخمايدۇ ، مىجەزى چۇس بۇلىدۇ ، بۇ ئادەت دەۋاملىشىۋەرسە ، بەدەندە كۆپ خىل      كىسەللىكلەر پەيدا بۇلىدۇ .

     4.تۇرمۇشى قانۇنيەتسىز كىشىلەر .
     تۇرمۇشى قانۇنىيەتسىز كىشىلەر كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بۇپقالىدۇ .

    5  .دورا يىيىشكە ئامراق كىشىلەر .  
    بەزى كىشىلەر ئازراقلا مىجەزى بولمىسا دورا ئىچىشكە ئادەتلىنىپ قالغان ، بۇنداق بۇلىۋەرسە دورىلار بەدەنگە ئەكىس تەسىر      كۆرسىتىپ كېسەللىك ئېغىرلىشىپ كىتىشى مۇمكىن . 
6.كېسەل بولسىمۇ داۋالاتمايدىغان كىشىلەر .
كېسەل بولغاندىن كىيىن ۋاقتىدا دوختۇرغا كۈرۈنمىگەندە كېسەللىك تەرەققى قىلىپ ، جىددى خارەكتىردىن ئاستا خاراكتىرگە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ ، ھەتا ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشى مۇمكىن .

7.دائىم غەمكىن يۈرۈيدىغان كىشىلەر .
دائىم غەمكىن يۈرۈيدىغان كىشىلەر غەم قايغۇ ئىسكەنجىسىدە قالىدۇ سەم ھىچقانداق ئىشقا قىزىقمايدۇ ، نەتىجىدە ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بۇلۇش پۇرسىتى ئېشىپ كىتىدۇ .

8.يالغۇز كىشىلەر .
باشقىلار بىلەن ئارلىشىپ ئۈتۈشنى خالىمايدىغان ، سىردىشىدىغان دوستى يوق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كىتىشى مۇمكىن .

9.ھۇرۇن كىشىلەر .
كونىلار : ھاياتلىق ھەرىكەتتە ، دەپ توغرا ئېيىتقان ، جىسمانى ئەمگەككە قاتنىشىشنى خالىماسلىق _ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

 
<< شىنجاڭ رادىئو - تېلىۋىزىيە گېزىتى >> دىن ئېلىندى
-سىز كۆرۋاتقان تىما قانداق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بۇلىدۇ ؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: