دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

UID نومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 220
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە220دانە
جۇغلانما: 115
پۇلى: 226
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-29 12:45

ئۇيغۇر تىلى‎

ئۇيغۇر تىلى‎
ئۇيغۇرچە‎ / ئۇيغۇر تىلى‎ Uyghurche / Uyghur tili
Uyƣurqə / Uyƣur tili
Уйғурчә / Уйғур tили
قوللىندىغان دۆلەتلەر
قوللىندىغان كىشى سانى 10 مىليۇن
دۇنيادىكى تەرتىپى 76
تىل سېستىمىسى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى
رەسمى ئەھۋالى
رەسمى تىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئورگان
تىل كودلىرى
ISO 639-1 ug
ISO 639-2 uig
ISO 639-3 uig
ئىزاھات
Contents
[hide]
[Uzgartish] ئۇيغۇر تىلى
[Uzgartish] قوللىنىلىش دائىرىسى (تېرىتورىيىسى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (ج خ ج) ياكى (چىن)نىڭ شىنجاڭ/شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى، ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيىتى،پاكىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە بەزى يېقىن ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەزى مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاغىزاكى ۋە يازما تىلدا قوللىنىلىدۇ.
[Uzgartish] بۇ تىلنى قوللانغۇچىلار ئاھالە نوپۇسى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېرىتورىيى ئىچىدەياشىغۇچى 11 مىليون ئۇيغۇر ۋە ئاھالىي نوپۇسى ئېنىڭ بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپادا ياشىغۇچى باشقا ئۇيغۇرلار.
[Uzgartish] يېزىق
ئۇيغۇرلار تارىختا قاچاندىن باشلاپ يېزىق بىلەن خاتىرىلىنىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ئۆزبەكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق تېرىتورىيىلەردە سىلاۋيان يېزىقىدا،تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە تۈرك يېزىقىدا، جوڭو/چىن مەملىكىتىدە ئەرەب يېزىقى،لاتىن يېزىقى ۋە خەنزۇچە/خىتايچە/چىنچە يېزىقلاردا خاتىرىلىنىدۇ. تىلشۇناسلار كۆپىنچە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا خاتىرىلەيدۇ. مەسىلەن:
ئۇيغۇرتىلى بولسا تۈركىي تىللارنىڭ ئىچىدىكى تەرەققىي قىلغان باي تىللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا تەئەللۇق بولۇپ ھازىر دۇنيادا 10مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇشۇ تىلنى ئىشلىتىدۇ. ئۇندىن
[Uzgartish] تىلنىڭ تەۋەلىكى
ئۇيغۇر تىلى ئۇرال- ئالتاي تىللىرىى سېستىمىسى、 تۈركىي تىللار ئائىلىسى、شەرقىي تۈرك تىلى تارمىقى، ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى توپلىمى ،ئۇيغۇر تىلى بولۇپ تۈركىي تىللاردىن ئۆزبەك تىلى ئەڭ يېقىن تىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىككىلىسى چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ بەئزى ئالىملار تەرىپىدىن ئەينەن بىر تىل دەپ قارىلىدۇ.
[Uzgartish] دېئالىكىت ۋە شىۋىلەر
چوڭ جەھەتتىن مەركىزىي دېئالىكىت، خوتەن دېئالىكتى ۋە لوپنۇر دېئالىكتى قاتارلىق ئۈچ ۋارىيانتى بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئاساسلىق مەركىزىي دىئالىكىتتىن مەنبە ئالىدۇ. كىتابىي تىل ياكى يېزىق تىلى ئاغزاكىي تىل ياكى خەلق تىلى بىلەن ئاساسەن يېقىن ياكى بىر ئاز پەرىقلىق، خالاس. مەتبۇئات، خەت -چەك ئالاقە، كىنۇ - فىلىم، سەھنە ياكى ئۇچۇر-ئاخباراتلاردا ئەدەبىي تىل قوللىنىلىدۇ ۋە قوللىنىلىشى شەرت.ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى قانۇنىي يېزىق بولۇپ،ئۆزگەرتىش ياكى قىسقارتىپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەركىزىي دېئالىكىت: ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل،غۇلجا،ئاقسۇ،ئاتۇش،قەشقەر، گۇما، كورلا شىۋىلىرى
خوتەن دېئدلىكتى: خوتەن شىۋىسى
لوپنۇر دېئالىكتى: لوپنۇر شىۋىسى
[Uzgartish] ئۇيغۇر تىلى
NoKona YéziqYéngi YéziqUyghur latin yéziqiCyrillic yéziqiIPA
01اaaаa
02ەəeәɛ
03بbbбb
04پppп
05تttт
06جjcҗʤ
07چqchцʧʼ
08خhxхx
09دddдd
10رrrрr
11زzzзz
12ژʐzhжʒ
13سssсs
14شxshшʃ
15غƣghғʔ
16فffфf
17قqқ
18كkkкk
19گggгɡ
20ڭngngңŋ
21لllлl
22مmmмm
23نnnнn
24ە‍hһh‍
25وooоo
26ۇuuуu
27ئɵöөø
28ۈüüүy
29ۋw/vvвv
30ېeéеe
31ىiiиi
32يyyйj
Hemme adem zatidinla erkin, izzet-hörmet we hoquqta babbarawer bolup tughulghan. ular eqilghe we wijdan'gha ige hemde bir-birige qérindashliq munasiwitige xas roh bilen muamile qilishi kérekھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلگە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك
[Uzgartish] يېزىق
قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يېزىقلار:
ھازىرقى رەسمى ئىشلىتىلىۋاتقان يېزىق: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى
[pre] ئويغان![/pre]

[[ئاپتورى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
1921-يىل، تۇرپان


ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،
ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.


قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ!
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.


ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟


كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،
كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.


ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،
سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.
كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،
ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!


كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
«خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،
شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن.]]

رەسمى بولمىغان، ئەمما توردا كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان يېزىق:ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
[[Oyghan
Aptori : Abduxaliq Uyghur
1921-Yil, Turpan




Hey, péqir uyghur, oyghan, uyqung yéter,
Sende mal yoq, emdi ketse jan kéter.
Bu ölümdin özengni qutqazmisang,
Ah, séning haling xeter, haling xeter.


Qop! dédim, béshing köter, uyqungni ach!
Reqibning bishini kes, qanini chach!
Köz échip etrapqa obdan baqmisang,
Ölisen armanda, bir kün yoq ilaj.


Hélimu jansizgha oxshaydu téning,
Shunga yoqmu anche ölümdin ghéming?
Chaqirsam qimirlimayla yatisen,
Oyghanmay ölmekchimu sen shu péting?


Közüngni yoghan échip etrapqa baq,
Öz istiqbaling heqqide oylan uzaq.
Ketse qoldin bu ghenimet, pursiti,
Kilechek ishing chataq, ishing chataq.


Échinar könglüm sanga, hey uyghurum,
Sebdishim, qirindishim, bir tuqqunum.
Köyünüp halinggha oyghatsam séni,
Anglimaysen zadi, néme bolghining?!


Kélidu bir kün pushayman qilisen,
Tektige gepning shu chaghda yétisen.
"Xep" déseng shu chaghda ülgürmey qalur,
Shunda, uyghur, sözige ten bérisen.]]


قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان رەسمى يېزىقى:ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى

[[Ойған! Автори : Абдухалиқ Уйғур 1921 – жил, Турпан.
Һәй, пеқир уйғур, ойған, уйқуң йетәр, Сәндә мал йоқ, әмди кәтсә жан кетәр. Бу өлүмдин өзәңни қутқазмисаң, Аһ, сениң һалиң хәтәр, һалиң хәтәр.
Қоп! дедим, бешиң көтәр, уйқуңни ач! Рәқипниң бешини кәс, қанини чач! Көз ечип әтрапқа обдан бақмисаң, Өлисән арманда, бир күн йоқ илаж,.
Һелиму жансизға охшайду тениң, Шуңа йоқму анчә өлүмдин ғемиң? Чақирсам қимирлимайла йатисән, Ойғанмай өлмәкчиму сән шу петиң?
Көзүңни йоған ечип әтрапқа бақ , Өз истиқбалиң һәққидә ойлан узақ . Кәтсә қолдин бу ғенимәт пурсити, Киләчәк ишиң чатақ, ишиң чатақ .
Ечинар көңлүм саңа, һәй Уйғурум, Сәбдишим, қериндишим, бир туққунум. Көйүнүп һалиңға ойғатсам сени, Аңлимайсән зади, немә болғиниң?!
Келиду бир күн пушайман қилисән. Тәктигә гәпниң шу чағда йетисән. “Хәп” десәң шу чағда үлгүрмәй қалур, Шунда, Уйғур, сөзигә тән берисән.

مەنبە:http://www.kontynentalny.atm.pl/wikipedia/w/ug/%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1_%D8%AA%D9%89%D9%84%D9%89
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئۇيغۇر تىلى‎,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: