تىما : مەغلوبىيەت - ياخشى ئۇستاز
adamlar yultuzdak yaxaxni bilganda andin kuyaxka aylinalaydu
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 43
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 12
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە12دانە
جۇغلانما: 1
پۇلى: 12
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 6(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-15
ئاخىرقى: 2010-07-27
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-29 00:52

مەغلوبىيەت - ياخشى ئۇستاز

مەغلوبىيەت -ياخشى ئۇستاز

مەيلى قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆزىمىزنى بىر مەغلوبىيەتچى دەپ قاراپ ، چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىقىمىز كېرەك .

مەغلوبىيەتكە يولۇققاندا ئىسپىرت ۋە دورا ئارقىلىق ئۆزىمىزنى بىخوتلاشتۇرۇپ رىياللىقتىن قاچماسلىقىمىز لازىم  . بۇ نەرسىلەر ھامىنى زېھنىمىزنى بوغۇپ قويۇدۇ . ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزگە ئوخشاش مەغلوبىيەتكە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ھەم دەرت بولماسلىقىمىز كېرەك .چۈنكى بۇنداق ئاداملەر ئۆزلىرىگە ئوخشاش كاژ تەلەي ئادەملەر بىلەن ھەم دەرت بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ .سىزنىڭ بۇنداق ھىچنىمىنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان سەپەرداشلىرىڭىز سىزنىڭ ئۆزلىرىدىن ئېشىپ كېتىشىڭىزنى ئەسلا خالىمايدۇ .ھەم سىزنىڭمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە داۋاملىق چۈشكۈنلىشىپ ياشىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ .

باشقىلارنى داۋاملىق ئۆزلىرى بىلەن قارشىلىشىۋاتقاندەك ھىس قىلىدىغان رەزىل ئادەملەر ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىنمۇ ئۆتە قورقۇنۇچلۇقتۇر .ئەمەلىيەتتە روھىيەتتىكى بۇ خىل چۈشكۈنلۈكنى تىببى مۇتەخەسىسلەرمۇ ئېغىر كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قەرايدۇ . شۇڭا پەقەت ئۆزىڭىزلا روھىيىتىڭىزدىكى بۇ خىل كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ ، ساغلام بولغان توغرا يولغا قەدەم باسالايسىز .

مەغلوبىيەت ئۇ بىر نومۇسلۇق ئىش ئەمەس . ئۇ سىزنىڭ مەغلوبىيەتكە قانداق پوزىتسىيىدە بولىشىڭىزغا باغلىق .ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت يولىڭىزدا تاساددىپى يېقىلىپ چۈشسىڭىز ، ئۇنى پەقەت بو يولىڭىزدىكى كىچىككىنە داۋلغۇچ دەپ بىلىڭ .مۇۋەپپەقىيەت قازىنىڭ ياكى مەغلوپ بولۇڭ ئۈمدۋارلىق بىلەن كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ ، ئەمدىكى باسىدىغان قەدىمڭىزنى قانداق بېسىش ھەققىدە سوغاققانلىق بىلەن ئەتراپلىق چوڭقۇرئويلۇنۇڭ .ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا بىھۇدە كاللىڭىزنى قاتتۇرماي مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرلەڭ .شۇندىلا مۇۋەپپەقىيەت سىزگە يۈزلىنىدۇ .

                                                                                
 


[ بۇ يازمىنىarmanدە2010-07-22 02:36قايتا تەھرىرلىدى ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما مەغلوبىيەت - ياخشى ئۇستاز,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: