بىيىتلار
ئۇ مەلەڭدىن بۇ مەلەڭگە
ئىزدەرمەن سېنى .
خەلقىئالەم چوكان دىسە ،
قىز دەرمەن سېنى.
قىزىل-يېشىل مارجان كۆردۈم
بىلەكىڭىزدە.
بېلىق بولۇپ ئوينىۋالاي.
يۈرەكىڭىزدە.
گەپ ئاڭلىماڭ يامانىكەن
ياردىن ئايرىلغان.
سۆيگەن ياردىن جان ئايرىلىپ،
سەۋدايى بولغان.
ياندا بۇلاق قاينىغاندەك ،
يارىمنىڭ كۆزى.
قەندۇ ناۋات شورىغاندەك
سۆزلىگەن سۆزى.
قەنت-ناۋات ئاغزىڭدىدۇر،
شېكەر لېۋىڭدە.
سېرىق زەپەر قات ئاچىلۇر،
باسقان ئىزىڭدە.
تەقدىر ئاللا، سۇبھانئاللا،
ھالىم تەخ بولدى.
يار قېشىغا باراي دىسەم ،
توخۇ چىللادى.
سېرىق زەپەر قات-قات ئاچىلۇر،
ئۈچ كۈن ئاچىلۇر.
مەن يارىمنى كۈندە كۆرسەم ،
كۆڭلۈم ئاچىلۇر.
پەس-پەسكىنە ياپىلاق ئۆرۈك،
سارغايدى پىشتى.
كېلەمدىكىن ،كەلمەمدىكىن ،
قەرەلى توشتى.
قارا دەيدۇ ، قارا دەيدۇ ،
قاراتماڭ بىزنى.
جاڭگالدىكى ئاچ بۆرىدەك،
ماراتماڭ بىزنى.
قانداق قىلاي، نىچۈك قىلاي،
كېتىپ بارىسڭىز.
كۆيەر ئوتقا سېلىپ قۇيۇپ،
تاشلاپ سالسىڭىز.
قانداق كىشى كېتەرىكەن ،
يارىنى تاشلاپ؟
مەيلى بولسا ئېلىپ كېتەي،
شەھەرگە باشلاپ.
تاشلاپ -تاشلاپ كەتكىنىڭنى ،
ئۇنۇتمىغايمەن.
ئەمدى كەلسەڭ قېشىمغا ،
يۇلاتمىغايمەن.
ئاپئاق سولتان جىنازاڭغا ،
بولبۇل قۇنۇپتۇ.
چولپان كۆزۈڭ ،ئاي يۈزۈڭگە ،
تۇپراق توزۇپتۇ.
بىرلا كۆرسەم ، سېنى كۆرسەم،
كويۇڭدا يۈرسەم.
سېنى دەپلا چىقسا جىنىم ،
ئەجەلدىن كۆرسەم.
سېنىڭ جانىڭ،مېنىڭ جانىم ،
بىر جان ئەمەسمۇ؟
سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جانىم ،
قۇربان ئەمەسمۇ.
ئالتۇن تارتقان تارازاڭدا،
تاشنى تارتايمۇ.
قەلەم قاشلىق سەن يار ئۈچۈن ،
جاننى ساتايمۇ.
كىم يۈرمەيدۇ بۇ كىچىدە،
ئايدىڭ كىچىدە.
بىر مۇنچىلا مۇشۇ تاپتا ،
ئۇيقۇ ئىچىدە.
ئۇيقۇم كەلدى ،ئۇيقۇ كەلدى ،
كۆزۈم سۈزۈلدى.
بوينۇمدىكى تۇمارىمنىڭ،
بېغى ئۈزۈلدى.
بىز ئىككىلەن ئەۋۋەلىدە،
نىمىلەر دىيىشتۇق؟
سېرىق قۇشقاچ بالىسىدەك،
دانلار بېرىشتۇق.
ئۇلۇغ-ئۇلۇغ سۇ بۇيىدا،
مەن ئاتلىق ئىدىم.
مەن يارىمنى سېغىنغاندا،
قاناتلىق ئىدىم.
ئىچ ئۆرۈكنىڭ مېغىزىنى ،
يىمەي ساقلايمەن.
سەن يارىمنىڭ ئەقىدىسىنى ،
چوقۇم ئاقلايمەن.
ئاللا يارىم سەن بۇ يەردە،
بار ئىكەنسەن.
دەملىككىما ، دەمسىزگىما ،
يار ئىكەنسەن.
ئايلار بولدى، يىللار بولدى،
پھرياد قىلساڭچۇ.
مېنىڭ ئاندا يارىم بار دەپ ،
خىيال قىلساڭچۇ.
تاڭ سەھەردە ناغرا چالدى،
ئاڭلاندى ئۈنى.
ئاستىمىزدا كۆك ئارغىماق،
يەتكەندۇ كۈنى.
بارغىنىڭدىن ،تۇرغىنىڭدىن ،
كەتكىنىڭ ياخشى.
يارغا ئۇۋال سالغىنىڭدىن ،
ئۆلگىنىڭ ياخشى.
بارغانلاردىن، كەلگەنلەردىن ،
سېنى سورايمۇ.
سېنىڭ ھالىڭ نە كەچتى دەپ،
ئۆزۈم بارايمۇ.
ئېيتىپ-ئېيتىپ ئېۋەرگۈنچە،
كەلمەسمۇ ئۆزى.
كۆيەر ئوتقا مېنى سېلىپ ،
كۆيمەسمۇ ئۆزى.
كېلەرمۇ دەپ تەمە قىلما،
كەتكىنى شۇدۇر.
ئاشىق ئويناپ مۇرادىغا ،
يەتكىنى شۇدۇر.
قىزىل-يېشىل تون كىيىپسىز،
يېشىلدا ئىزما.
كېلەمدىكىن ،كەلمەمدىكىن ،
كۆڭلۈڭنى بۇزما.
ئېيتىپ-ئېيتىپ كىردىم چۆلگە،
قولۇمنى سېلىپ.
بىزنى دىگەن ياخشى يارلار،
شەھرىدە غېرىپ.
قانداق قىلاي ،نىچۈك قىلاي،
كېتىپ بارسىلا.
كۆيەر ئوتقا سېلىپ قۇيۇپ،
تاشلاپ ماڭسىلا.
يارىم سەنۇ، يارىم سەن ،
قايدا بارىسەن.
قاشنى ئېتىپ ، كۆزنى سۈزۈپ،
جاننى ئالامسەن.
ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ-ئاڭلاپ،
بولدۇم ھەيرانە.
ئاشىق ئوتى يامان ئىكەن ،
قىلدى دىۋانە.
قەلەم قاشلىق ئىكەن ،
جاننىڭ پىراقى.
ئەجەپ دىشۋار ئىكەن .
يولنىڭ يىراقى.
ئالا ئاتىم سەمىرەلمەيدۇ،
ئېڭىز ئوتىغا.
يۈرەك باغرىم پايلىمايدۇ ،
يارنىڭ ئوتىغا.
 |