دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى
UID نومۇرى: 39
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 225
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە225دانە
جۇغلانما: 181
پۇلى: 225
تۆھپىسى: 65
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 25(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-14
ئاخىرقى: 2010-07-28
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-26 00:13

بالىلار!



بالىلار

مۇھەممەتجان راشىدىن

بىز كۆيگەندەك كۆيەمدىكىن بالىلار؟
بىزنى بىزدەك سۆيەمدىكىن بالىلار؟
ئەجىر قىلدۇق، ئەجىر دىگەن ئۇلۇغ دەپ،
ئەجرىمىزنى تۆلەمدىكىن بالىلار؟



بالا دىسە بىرىپ كەلدۇق جىمىنى،
كەپتەر باقسا توشۇپ بەردۇق دېنىنى.
ئۆي ئايرىسا سوقۇپ بەردۇق تېمىنى،
شۇ ئىشلارنى بىلەمدىكىن بالىلار؟



ئەقىل تېپىپ، مال - دۇنيامۇ تېپىپ ھەم،
سېخىيلىقتا ئەل دەردىگە يىتىپ ھەم،
يېرىلغاننىڭ يامىقىنى ئىتىپ ھەم،
يىقىلغاننى يۆلەمدىكىن بالىلار.



ياشاپ كەلدۇق مىڭ تىرىلىپ، مىڭ ئۆلۈپ،
گاھ يىللىرى ئون يىغلىساق بىر كۈلۈپ،
مۇشاققەتنىڭ ئوتلىرىدا ئۆرىتىنىپ،
بىز كۆنگەنگە كۆنەمدىكىن بالىلار؟



سۇغارمايدۇ سايە بەرگەن سىدىنى،
ئويلىمايدۇ بىزدەك باغرى زىدىنى،
ئېلىپ قالسا ئەمما پۇلنىڭ ھىدىنى،
يېنىمىزدا ئۈنەمدىكىن بالىلار؟



كۆك ئاسماندىن كۆڭلى يەرگە چۈشەلمەي،
كۆرۈپ تۇرۇپ ھالىمىزنى چۈشەنمەي،
بىز ئۆرىگەن يانچۇقلارغا ئىشەنمەي،
ئۆزى كىلىپ ئۆرەمدىكىن بالىلار؟



توڭكاي ئاياغ كىيىپ يۈرەر «گۈزەل» دەپ،
شالغۇت ناخشا توۋلاپ يۈرەر غەزەل دەپ،
ئويناپ يۈرەر ئوينىۋالغان ئەۋزەل دەپ،
دائىم شۇنى تىلەمدىكىن بالىلار؟



بىزنى ئۇلار قۇل دەمدىكىن بىلمىدۇق،
بىزنى ئۇلار پۇل دەمدىكىن بىلمىدۇق،
بىزنى ئۇلار ئۆل دەمدىكىن بىلمىدۇق،
ئۆلسەك ھۇزۇر سۈرەمدىكىن بالىلار؟



بېقىپ قويدۇق يۇرت بالىسى بولسۇن دەپ،
پەرۋىش قىلدۇق گۈل - لالىسى بولسۇن دەپ،
ئاغرىپ قالساق يېنىمىزدا قونسۇن دەپ،
يېنىمىزدا تۈنەمدىكىن بالىلار؟



مەيلى ئۆتسۇن ئۇلار بىزنى جەبرىلەپ،
ئۆلۈپ كەتسەك قويار ئەمما قەبرىلەپ،
قەبرىمىزگە شۇنداقتىمۇ قەدىرلەپ،
قىزىل گۈللەر تېرەمدىكىن بالىلار؟
-سىز كۆرۋاتقان تىما بالىلار!,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: