تىما : مۇھەببەت دىگەن زادى نىمە؟ (چاخماق)
qahmak
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
UID نومۇرى: 7
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 9
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
جۇغلانما: 5
پۇلى: 9
تۆھپىسى: 0
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2010-06-27
0تال  يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-25 15:17

مۇھەببەت دىگەن زادى نىمە؟ (چاخماق)

مۇھەببەت دىگەن زادى نىمە؟
ئىنسان تۇرمۇشى مۇھەببەتتىن ئايرىلالمايدۇ، مۇھەببەت ئىنسانلار مەۋجۇت ھەر قانداق جايدا بار. ئەمما مۇھەببەت دىگەن زادى نىمە؟  بۇنى ئەستايىدىل ئويلايدىغانلار كۆپ بولمىسا كىرەك. شۇڭلاشقىمۇ، ئەسلىدە تۇلىمۇ شىرىن، لەززەتلىك بولغان مۇھەببەت  بەزىلەرنى بىر ئۆمۇرلۇك قايغۇ-ھەسرەت، دەرىت-ئەلەمگە قالدۇرۋاتىدۇ، ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. بىز مۇھەببەت، ئەخلاق مەسىللىردە ھە دىسىلا  قىزلار،ئاياللارنى ئەيىپلەپ، ئەركەكلەرگە چاپان يېپىشقا ئادەتلىنىپ قالغان. قىز-چوكانلارنىڭ ئىپپەت -نۇمۇسىنىڭ  بۇلغۇنىشىدا ئەركەكلەرنىڭ مەسۇليىتى بارمۇ،يوق دىگەن مەسىلىنى زادى-زادىلا  تىلغا ئالمايمىز. ئەڭ ئەقەللىسى،
ئايالىمىز قىز تۇغسا، ەۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قۇيمىز.مانا مۇشۇنىڭ ئۈزىمۇ ئەر جىنىس بىلەن ئايال جىنىسن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى چۈشەنمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر بىز مۇھەببەتنى پىسىخىكىدىكى بىر خىل رىياللىق، ھادىسە دەپ قارىساق،
ئۇ ھالدا ئادەمدە يات جىنىس بىلەن بىر گەۋدە بۇلۇش ئىستىكى پەيدا بۇلۇپ، شۇ ئىستەك بىلەن تەڭ شەكىللەنگەن ھىسسىيات
مۇھەببەت بۇلىدۇ. ئەگەر ئۇ ۋاقىتلىق جىنسى تەلەپ بىلەن چەكلەنسە، ئۇ ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئەمەس، ھايۋانى مۇھەببەت بۇلىدۇ.  ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپتە تەڭ شەكىللەنسە، بىر-بىرنى ھۆرمەتلەش، بىر-بىرىگە بەخىت تىلەش، ئۆمۇرلۈك بىللە ئۆتۈش
ئارزۇسى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولسا، ۋاپا - ساداقەتنى دائىمى ھەمرا قىلسا،  چىن ئىنسانى مۇھەببەت بۇلدۇ. مۇھەبباتنىڭ ئەڭ
يۈكسەك پەللىسى<< بىر گەۋدە بۇلۇش>> تۇيغۇسىدۇر.  خۇددى ئامىركىلىق پىسخولوگ ۋېليام جېمىس ئېيىتقاندەك:<< ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت شەكىللەنسە ،ئۇلار بىر تەن-بىر جان
بۇلىدۇ.ناۋادا قارشى تەرەپ قازا قىلسا، يەنە بىرىمۇ ئۆزىنى ئۆلگەندەك ھىس قىلدۇ. بىرى سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، يەنە بىرى ئوخشاشلا نومۇس قىلدۇ. بىرى ھاقارەتلەنسە، يەنە بىرىمۇ ئۆزى ھاقارەتلەنگەن ھېساپلايدۇ.>>
مانا ، چىن مۇھەببەت دىگەن مۇشۇنداق بۇلدۇ.
شۇڭا ھەركىملەرنىڭ مۇھەببەتكە چاخچاق قىلماسلىقىنى ئۇنى ئاددى چاغلىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.!!!





-سىز كۆرۋاتقان تىما مۇھەببەت دىگەن زادى نىمە؟ (چاخماق),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
qahmak