تور بانكا كەسپىدە U盾نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى
تور بانكا مۇلازىمىتىدە ئەسلىدىكى كارتا نومۇرى بىلەن يەنە توردىكى مەخپىي نومۇرىنى قوغداش ئۈچۈن ئادەتتە ئىك
تور بانكا مۇلازىمىتىدە ئەسلىدىكى كارتا نومۇرى بىلەن يەنە توردىكى مەخپىي نومۇرىنى قوغداش ئۈچۈن ئادەتتە ئىككى خىل ئوسۇل قوللىنىلىدۇ.بىرىنچىسى مەخپىي نومۇر كارتىسى ئىشلىتىش .ئىككىنچىسى U盾(ئۇ قالقان).
ئالدى بىلەن بۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىق تەرىپىنى U盾ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي (بۇ يەردە مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم سودا سانائەت بانكىسىنىڭ بولغاچقا سودا سانائەت بانكىسىنىڭ U盾بېجىرىش، ئىشلىتىش ئوسۇلى سۆزلىنىدۇ).
1.مەخپىي نومۇرىنى بەلگىلەيمىز :سىزتور بانكا ھېساباتىڭىزنى ئاچقۇزغاندىن كېيىن تور بانكا ھېساباتىڭىزغا يىزىق ۋە سان ئارىلاشقان مەخپىي نومۇر ئىشلىتىسىز .U盾ئۈچۈن يەنە ئوخشاش بولمىغان (ئوخشاش بولسىمۇ بولىدۇ لىكىن ئوخشىمايدىغان مەخپىي نومۇر ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن)مەخپىي نومۇر بەلگىلەيسىز.بۇنىڭدىمۇ يىزىق ۋە سان ئارىلاشقان بولىدۇ.ئەسكەرتىش بۇ ئىككى خىل مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز ۋە چوقۇم بىر ئۆزىڭىزلا مەخپىي تۇتۇشىڭىز كېرەك.
2. U盾ئىشلىتىشنىڭ مەخپىي نومۇر كارتىسى بىلەن بولغان پەرقى ۋە ئارتۇقچىلىقى :
كەمچىلىكى U盾يەنى بارماق دېسكىغا ئوخشايدىغان قاتتىق دېتالنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشىڭىزنى ھەمدە ياخشى ساقلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.ئارتۇقچىلىقى:سىز تور بانكا ھېساباتىڭىزغا كىرمەكچى بولسىڭىز باشتا دىيىلگەن تور بانكا ھېساباتىڭىزنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بېسىپ كىرىسىز.كىرگەندىن كىيىن ھېساباتىڭىزدىكى سوممىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئاددى مەشخۇلاتلارنى بېجىرەلەيسىز.لېكىن ھېساب يۆتكەش، تور ئارقىلىق پۇل تۆلەش، مال سېتىۋىلىش ،支付غا پۇل قاچىلاش قاتارلىق ھېساباتىڭىزدىن چىقىم بولىدىغانلىكى مەشخۇلاتنى قولىڭىزدىكى U盾بولمىسا بۇنى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بارماق دېسكا ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلىمىسىڭىز ،ھەم U盾نىڭ مەخپىي نومۇرىنى بىلمىسىڭىز ھەرگىز بېجىرەلمەيسىز. U盾نى ئىشلىتىش بىخەتەر.مەيلى ئۆيىڭىزدە ياكى تورخانىلاردا بولامدۇ خالىغان جاي خالىغان ۋاقىتتا ، U盾ئارقىلىق ئېھتىياجىڭىز بويىچە خالىغانچە مەشخۇلات بېجىرسىڭىز بولىدۇ.
مەخپىي نومۇر كارتىسى (动态口令卡)ئىشلىتىش قولايلىق ،قاتتىق دېتالنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش تەلەپ قىلىنمايدۇ.كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئەستە تۇتۇۋالسىڭىزلا ئىختىيارىي مەشخۇلات بېجىرەلەيسىز. كەمچىلىكى بىخەتەر ئەمەس ئالاھىدە ئەسكەرتىمەن! بۇ كارتىنى ئىشلىتىپ تورخانا ياكى گۇمانلىق كومپيۇتېردا بانكا ھېساباتىڭىزنى ئېچىپ پۇل يۆتكەش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى بېجىرىپ سالماڭ ! بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۆزىڭىزمۇ بىلمەي ھېساباتىڭىزدىكى پۇل يۇقىرى چەككە يەتكەندە ئاللىبۇرۇن باشقىلارنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىلىپ بولغان بولىدۇ. 0%بىخەتەر.(ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىمەن)..
3.ئىقتىسادىي پەرق: مەخپىي نومۇر كارتىسىنى(动态口令卡) ھەقسىز (بەزى ۋاقىتلاردا 5يۈەن ياكى 10يۈەنگە بېجىرىدىكەن ،قانداق ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇ مەنمۇ بىلمىدىم)بېجىرىدۇ. U盾نى بولسا ئەڭ تۆۋەن بېجىرىش ھەققى 60يۈەن .50يۈەن ،U盾نىڭ پۇلى، 10يۈەن مۇلازىمەت ھەققى.مەڭگۈلۈك ، U盾نى يۈتۈرۈپ قويمىسىڭىزلا يۈتۈرۈپ قويسىڭىز يەنە بىرنى 50يۈەنگە ئالىسىز.
4. U盾نى ئىشلىتىش ئوسۇلى :
مەخپىي نومۇر كارتىسىنى(动态口令卡) ئىشلىتىشنى بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ھەم ئانچە بىخەتەر بولمىغاچقا ئىشلىتىش ئوسۇلى تونۇشتۇرۇلمايدۇ.
1)ئالدى بىلەن مەشخۇلات قىلماقچى بولغان كومپيۇتېردىكى مۇما(ياغاچ ئات ۋىرۇسى) ۋىرۇسلارنى تازىلاڭ(ھەرقانداق ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئۆزۈڭ كۆڭلۈڭ تىنچ).پۇلغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ بىخەتەررەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە.
2) U盾نىڭ قوزغىتىش پىروگگىراممىسى ۋە ئىسپات پىروگىراممىسىنى قاچىلاڭ.
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن U盾نى بارماق دېسكا چاتىدىغان ئېغىزغا ئۇلاڭ(چېتىڭ) U盾نى چاتقان ھامان ئۇ盾نىڭ چىرىقى يانىدۇ،لېكىن خېلى ئوزۇنغىچە قاراپ تۇرسىڭىزمۇ我的电脑نىڭ ئىچىدىكى دېسكا رايونلىرىغا بىرەر يېڭى دېسكا قوشۇلمىدى شۇنداقمۇ؟ئەنسىرىمەڭ تۆۋەندىكىدەك مەشخۇلات قىلىڭ:
开始---程序---工行企业网上银行证书工具软件---捷德---智能卡管理
موشۇ بويىچە كىرسىڭىز 6خىل تىزىملىك كۆرۈنىدۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرسى 工作ھالىتىدە تورۇۋاتقان بولسا بۇ سىزنىڭ ئۇ盾ئارقىلىق ھېساباتىڭىزدىكى كىرىم چىقىمنى باشقۇرالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر 工作 كۆرۈنمەي ھەممىسى 不存在ھالىتىدە كۆرۈسە مۇنداق ئېھتىماللىق بار. بىرىنچى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سىرتقى ئېغىزى U盾 تونۇمايدۇ باشقا ئېغىزغا ئالماشتۇرۇڭ ،يەنىلا بولمىسا بۇنى 设备管理器نىڭ ئىچىگە كىرىپ تەكشۈرۈپ ئوڭشاڭ ياكى فىزىكىلىق بوزۇلۇشنى ئوڭشاڭ.
ئىككىنچى كومپيۇتېرىڭىز U盾نى تونىغان بولسا(چىراق يانىدۇ) سىزنىڭ يۇقارقى دەپ ئۆتكەن مەشخۇلاتلارنى بېجىرىشىڭىزدە خاتالىق بار . قايتا بېجىرىڭ.
4) يۇقارقى دىيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئورۇندالغان بولسا سىز سودا سانائەت بانكىسىنىڭ تور بېتىنى ئېچىپ شەخسىي ھېساباتىڭىزغا كىرىپ ئەركىن ئازادە خاتىرجەم ھېسابتىن ھېسابقا پۇل يۆتكەش ،مال سېتىۋىلىش ،支付宝غا پۇل قاچىلاش تېلىفون پۇلى تاپشۇرۇش، گاز ، سۇ، توك پۇلى تاپشۇرۇش ۋە قەرىز پۇلىنى قايتۇرۇش ...... قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى بېجىرىۋىرىڭ.دەل سىز پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىتتا U盾ئېچىلىپ مەخپىي نومۇر سورايدۇ ،توغرا كىرگۈزسىڭىز مەشخۇلاتىڭىز ئوقۇشلۇق بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ھازىرقى زامان تور بانكا كەسپىي بويىچە مەشخۇلات بېجىرىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاستە
U盾نى ئىشلىتىش. مەشخۇلات تەرتىپى سەل مۇرەككەپ لېكىن تولۇق بىخەتەر، ئازراق زېھنىڭىزنى قويسىڭىزلا ئۆگىنىۋالالايسىز.
ئەمدى يۇقىرىدا دىيىلگەن ئىككى خىل كەسىپتىن بىرنى تاللاش ئۆز ئىختىيارىڭىزدا.
 |