ئاقيول مۇنبىرى

بۈگۈن يوللانغىنى 0-ئەزا 67-توردا 10
ئىزدەش

80

تېما

0

دوست

592

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 23:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
& i  ~3 Z1 K+ b2 b  j
ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى نىمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلمايدۇ؟, w1 y, A/ l: F! q5 x# ~% r# l, l
4 O' Y* e" U- m8 |2 \2 N% v- z
. o/ ~6 y2 ^$ _2 J+ k% `
ھەر قېتىم سىنا ۋە سوخۇ قاتارلىق دۆلىتىمىزگە داڭلىق بۇ تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئىختىيارسىز ئۇيغۇر تور بەتلىرى توغىرلىق ئويلىنىپ قالىمەن ، دۆلىتىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بۇ تور كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەقىقەتەن ناھايتى زور بولۇپ مەن-مەن دېگەن كارخانىلارمۇ بۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس ، بىزنىڭ تور بېكەتلىرىمىز نىمە ئۈچۈن مۇشۇلارنىڭ يۆنىلىشىدە تەرەققىي قىلالمايدۇ ؟ تۆۋەندە ئاددىي كاللامدا ئويلىغانلىرىم توغىرلىق بىلجىرلاپ باقاي.5 ?! u/ ?$ ~3 o8 o! a5 c
) P" o+ _4 C2 I1 L
1.مەبلەغ سالىدىغانلار يوق
8 d1 V6 K/ |+ f& A6 R& a) `مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ ساھە تولىمۇ مەۋھۇم بولۇپ ، ئەنئەنۋى كۆز قاراشتىكى «كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان ئىگىلىك» ئۇقۇمىغا يات بولۇپ ، مەبلەغ سالغۇچىلىرىمىز بۇ ساھەنى بىر ئىگىلىك دەپ قارىيالمايدۇ ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تور بېكەتلەر پەقەت ئويۇن-تاماشىنىڭلا مەنبەسى بولۇپ ، مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىلىك ئەمەس دەپ قارىلدۇ ، شۇڭىلاشقا بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ.
: D) e5 C5 @; U0 m: n2 h, ?  J2.سېلىنغان مەبلەغ يېتەرسىز3 z$ \5 L5 q  ~! Y9 q; F: j$ M
دائىم باشقىلارنىڭ «تورغا مەبلەغ سالاي دەيمەن» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالىمەن،  سالىدىغان مەبلەغنىڭ قانچىلىكلىكىنى سورىسىڭىز 20~30 مىڭ بولىدىكەن ،  مەبلەغ سالىمەن دېگەن ئادەمگە مېنىڭچە بۇ مەبلەغلەر ناھايتى يېتەرسىز، ئەلۋەتتە 20~30 مىڭ يۈەنگە ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئىقسادى ئەھۋالىدا مۇلازىمىتىر ئىجارە ئېلىپ تور بېكەتنى ياسىتىشلا مۇمكىن، تور بېكەتنى ياساپ قويغانغىلا نورمال ماڭدۇرۇپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم مەبلەغ سالمىسا بولمايدىغان 2 تۈر بار ، بىرىنچى تۈر  ئېلان، تور بېكەتنى مەبلەغ سېلىپ ياساتقان ئىكەنسىز ، چوقۇم تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرىشىڭىز ۋە بېكىتىڭىزگە مەلۇم زىيارەت مىقدارىنى ئەكىرىشىڭىز كىرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئېلان ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ تور بېكىتىگە باشلاپ كىرىشىڭىز لازىم ، ھازىر ئۇلىنىش تور بەتلىرىدىكى نورمال دەپ قارىلىدىغان ئورۇندىكى ئېلان ھەققى 2000 يۈەن بولماقتا ، 2 ئۇلىنىش تور بېتىگە قويسىڭىز 4000 يۈەن يەنە باشقا ئۇششاق چۈششەك ئېلان يوللىرىنىڭ ھەققى بىلەن قوشقاندا ئايدا 5000 يۈەن بىلەن تور بېكىتىڭىزنى ئېلان قىلىشقا ۋە تەشۋىقاتىنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ ، ئىككىنچى تۈر مەزمۇن، بېكىتىڭىزگە ئادەمنى باشلاپ قويغانغىلا بولمايدۇ، چوقۇم شۇ كىرگەن زىيارەتچىگە لازىم بولغان ياكى شۇ زىيارەتچى كۆرگىدەك مەزمۇن بولىشى كېرەك ، توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان سەر خىل مەزمۇنلارلا ، زىيارەتچىلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرالايدىغان مۇھىم بىر ئىش ، مەزمۇنلارنى قانداق تولۇقلايمىز ؟ ئۆزىڭىز بىر ئادەم بۇ مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ بولالمايسىز ، مۇقىم بولغان ئىشخانا شارائىتى يارىتىپ مۇقىم بولغان مەزمۇن يېڭىلايدىغان خىزمەتچىدىن بولمىغاندا 2 نى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك ، بېكەت تەرەققىي قىلغانسىرى ئىشلتىدىغان خادىملىرىڭىزنىڭ سانى ماس قەدەمدە ئېشىپ ماڭىدۇ . ئەلۋەتتە سىز خادىملىرىڭىزنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ ، ئۇلارنىڭ بېكەتكە ئۆزىنىڭ بېكىتىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈدىغان قىلىشىڭىز كېرەك . بۇ تۈرلەرگە مەبلەغ سالغاندا ئالدىن 1 يىلدا ھېچقانداق كىرىم قىلىنمايدۇ دېگەن قاراشتا بولۇپ ، مەبلەغنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلالىشىڭىز كېرەك .  z* i% t' a. \1 Z
3.خاسلىق يوق
, _- o7 }5 _& {- G3 `تور بېكىتڭىزدىكى مەزمۇنلار چوقۇم باشقا تور بېكەتلەردىكى مەزمۇنلاردىن پەرىقلىنىشى كېرەك ، تور بېكىتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ باشقا تور بېكەتلەردىكى مەزمۇنلار بىلەن پەرقى بولمىسا ئۇ ھالدا سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ زىيارەت ئېھتىياجى تەبىئىيلا تۆۋەنلەيدۇ ، ئىجادىلىق ، خاسىلق ، يېڭىلىق قاتارلىقلار بىلەن سىز تور بېكىتىڭىزنىڭ باشقا تور بېكەتلەردىن كەسكىن پەرىقلىنىپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك . شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ زىيارەتچىنى جەلىپ قىلالايسىز ، توختىماي ئىجادىيلىقنى ئويلىشىڭ ، يېڭىلىق يارىتىڭ .
2 A" U% s5 b% f6 U% K) G4.كەسپىيلىك ئاز.3 ^0 h$ w0 T9 z+ D2 i
بۇرۇن بۇ تۈردىكى تور بېكەتلەر تولىمۇ ئاز ئىدى ، ھازىر خېلى يامان ئەمەس ، لېكىن يەنىلا يېتەرسىز ، كەسپىي بىلىم ۋى خەۋەرلەرنى تارقىتىغان بېكەتلەر ئاز بولۇپ ھەممەيلەن ناخشا-مۇزىكا خەۋەرلەرگە يۈزلىنىپ كېتىش ، بېكەتلەرنىڭ رەڭدارلىقىنى تۆۋەنلىتۋېتىدۇ ، باشقىلارنىڭ نەپ ئېلىشى كۆپ بولسا سىز ھەقلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مانا مۇشۇنداق كەسپىي مەزمۇنلار بېكەتنى يېڭى قان ۋە جانغا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم تۈرلەردۇر .ئەلۋەتتە بېكىتىڭىزنىڭ مەزمۇنى رەڭدار، زىيارەتچىسى كۆپ بولسا كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ ئېلانلىرىنى جەلىپ قىلىپ بېكەتنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ يۇقىرلىتالايسىز ، لېكىن سەر خىل بولغان كەسپىي مەزمۇنلار بىلەن ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ بېكىتىڭىزنىڭ يەنە بىر كىرىم يولىنى ئاشۇرالايسىز .3 }! K$ b) _7 R% k4 `+ Y
5.خەتەر زور3 j; \- [* I  ^: f% A
ھەممىگە مەلۇم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن ، تور بېكەتلەرنى باشقۇرۇش بولسا ھۆكۈمەتنىڭ كەسكىن سىياسەتلىرىنىڭ بىرى ، ئەگەر تور بېكىتىڭىزدە دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ مەزمۇنلار بولىدىكەن ، مەيلى سىز يوللىمىغان بولۇڭ ، بېكەت سىزنىڭ بولغانكەن ، سورۇننى تەمىن ئەتكۈچى سالاھىيىتىڭىز بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك ، بېكەتنىڭ جېنى دەپ قارالغان مەزمۇنلار يوقالسا سىزنىڭ بېكىتىڭىزنىڭ قايتا پۇت تېرەپ تۇرىشى تولىمۇ مۈشكۈل ، مانا مۇشۇ خەتەرلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنى خاتىرجەم مەبلەغ سالدۇرالمايدىغان قىلىپ قويىۋاتىدۇ ، ھېچكىم خاتىرجەم ھالدا مەبلەغ سالالمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تورچىلىقىمىز ئېغىر توسالغۇغا ئۇچىراۋاتىدۇ ۋە تەرەققىيات يولىدىكى مۈشكۈللۈك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . ئىچكىردىكى چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ مۇشۇ قانۇنسىز مەزمۇن جەھەتتە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىدىغان ماسلاشتۇرغۇچى خادىملىرى بار بولۇپ ، ئۇلار قانۇنسىز مەزمۇن بايقالغان ھامان ، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇلىدۇ، ھەمدە تېخىمۇ چوڭ ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .6 l9 l( V9 n! H. @' J5 R
بىزمۇ مۇشۇ يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ،  مەزمۇن بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مەخسۇس خادىم قويۇپ ، قانۇنغا خىلاپ مەزمۇنلار بايقالغان ھامان ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك ، بېكەتتە مۇقىم ۋە قاتتىق بولغان تۈزۈم ئورنىتىپ قانۇنسىز مەزمۇنلارغا نىسبەتەن قاتتى چەكلەش ئېلىپ بېرىپ ، بېكەتنىڭ ، خىزمەتچى خادىملار ۋە ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم .

0

تېما

0

دوست

18

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 12:46:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك مويۇم مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز مىنىڭچە بۇ تىمىڭىزنى ئۇيغۇرچى بارلىخ تور بەتلەدە تارقاتساخ دەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|ئاقيول تور بىكىتى ( 新ICP备12002469号 )  

تەمىنلىگۈچىDiscuz! X2.5. تەرجىمىدەنۇرقۇت ئەتىرتى

© 2001-2012 Yanfun Tori. GMT+6, 2013-5-9 11:45 AM , Processed in 0.135878 second(s), 25 queries , Gzip On.
چوققىغا قايتىش