كۈندە بىر ھېكمەت

  • بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق قارىشى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئ‍ادىتى توغرا، ئ‍ىلمىي بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن شۇ دۆلەتتە ھەر خىل سوزۇلما ۋە يامان سۈپەتلىك كېسەللىكلەر كۆپىيىپ كېتىپ دۆلەت خەلقنىڭ داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاشقا سەرپ قىلىدىغان مالىيەسى زور بېسىمغا دۇچار بولىشى مومكىن. ئ‍ىلمىي، توغرا بولغان غىزالىنىش ئ‍ادىتى يېتىلسە، ساغلاملىق ئ‍ېڭىمىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئ‍ۆزىمىزگە، ئ‍ائىلىمىزگە، دۆلەتكىمۇ پايدىلىق. ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا بۇمۇ بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەننى سۆيگەنلىك.

مىكرو ھېسلار

  • خىرىدارلىرىمىزغا مەلۇم بولغىنىدەك يىللاردىن بىرى دۇكىنىمىزدا سېتىلىۋاتقان ھەسەللىرىمىزنىڭ ساپ، كۆنەكتە ئوبدان پىشقان بولىشىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىپ كىلىۋاتقان بولۇپ، «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەننى دوستۇڭغا راۋا كۆر» دېگەن پىرىنسىپ بويچە ئۆزىمىزگە يارىغاننى خىرىدارلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزىمىزگە يارىمىغاننى دۇكىنىمىزغا كىرگۈزۈشتىن ساقلىنىپ كەلدۇق. ھەسەللىرىمىز دىيارىمىزنىڭ ھۆل-يېغىن ئاز، ھاۋاسى قۇرغاق بولغان جەنۇبىي يۇرتلىرىمىزدىكى ھاۋاسى، تۇپرىقى بۇلغانمىلاردىن خالىي بولغان دەشت-باياۋان، جاڭگاللاردىكى يانتاق، جىگدە ۋە باشقا دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدە يايلىتىلغان ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ئېسىل ھەسەللىرى بولۇپ ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى، روھىنىڭ ھەر ۋاقىت جىلۋېلىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن ياخشى تاللىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى.