يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 806|ئىنكاس: 11

قىپقىزىل ئانارغا~! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2150

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرى پېقىرنىڭ ئەمدىلا مۇنبەرگە قەدەم قويغان ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك، دوستۇم <ئايدار> بىلەن كومپيۇتېر تالىشىپ <<شىنجاڭ لىنىيە>> سى مۇنبىرىدە تېما كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، بىر ئەزاغا ۋە ئۇنىڭ ئىمزاسىغا كۆزۈم چۈشتى.
تور ئىسمى ئانار، ئىمزاسى قىپقىزىل ئانارمەن.........
مانا مۇشۇ تور ئىسمى ۋە ئىمزاغا قىزىقىشىم،  مېنى بۇ مەۋھۇم دۇنيادا يەنە بىر سىرداش دوست بىلەن تونۇشۇشقا سەۋەپ بولدى.
مېنىڭ بۇ ياققا يۇرتتىكى تۇرمۇشۇمغا يەنە بىر يېڭى دوست قېتىلدى، يېڭى بىر مەنا قېتىلدى.
-بارمۇ سىز مەرىم؟
مەن ھەر قېتىم بۇ سۆيۈملۈك ئەھۋال سوراشنى ئاڭلىغىنىمدا شۇنچىلىك سۆيىنىمەن، مېنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلىقىمغا دىققەت قىلىدىغان مۇشۇنداق سىرداش دوستۇمنىڭ، قېرىندىشىمنىڭ بارلىقىدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن ۋە قىلۋاتىمەن!
ئەتە، يەنى 1-ئاينىڭ 23- كۈنى دەل مۇشۇ قىپقىزىل ئانارنىڭ بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنى، مېھرىبان ئانىسىنىڭ ئۇنى ئاپىرىدە قىلغان كۈنى.
ئانىرىم، قىپقىزىل ئانىرىم مۇشۇ تاپتا شۇنداق جىق سۆزلەرنى دىگۈم بار، ئەمما قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپتىمەن، سىزگە شۇنداق جىق تىلەكلەرنى تىلىگۈم بار ئىدى، ئەمما قەلىمىم ئاجىزلىق قىلۋاتىدۇ.
ئانىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدە، سىزنىڭ ئاشۇ ئاغرىق كارۋېتى ئۈستىدە كۆزىڭىزنى چىڭڭىدە يۇمۇپ، مېنىڭ كەلگىنىمنىمۇ سەزمەي ياتقان ھالىتىڭىز، بىلەمسىز، مەن قانچىلىك قورققان ئىدىم ، خۇددى يېنىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك نەچچە كۈنلەرگىچە تۇتقان- قويغىنىمنى بىلمەي قالغان ئىدىم، سىزنىڭ ئەشۇ ھالىتىڭىزنى ئويلىسام قانداق قىلىشىمنى، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تىت-تىت بولاتتىم.
مانا شۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، رەھمىتى كەڭ ئاللاھ يەنە بىزنى جەم قىلدى، ئاللاھقا مىڭ شۈكرىلەر بولسۇن!
ئانىرىم، مەرىڭىزنىڭ غېمىنى تولا يەپ ئاخىرى ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك خاتىرجەم تۇرمۇشىنى كۆرۈپ سىزمۇ تەڭ خاتىرجەم بولدىڭىز( بۇ خوشلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى گەرچە باشقا بولسىمۇ بۇ يەردە ياخشى تەرىپىنى دەپ تۇراي ).مەرىڭىز كۈلگەن ئىدى سىزمۇ كۈلدىڭىز، ئۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا يېشىڭىزنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئۇنىڭغا قېرىنداشلارچە، دوستلارچە ياردىمىڭىزنى، مەسلىھەتىڭىزنى ئايىمىدىڭىز. مەرىم بۇنى قانداقمۇ ئۇنۇتسۇن، ئۇ مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ. ئۇ ھەر ۋاقىت سىزدەك دوستلىرىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، قولىدىن چوڭ ئىشلار كەلمىسىمۇ، بىر قىسقا ئۇچۇر ياكى بىر تېلىفۇندا ئەھۋالىڭلارنى سوراپ تۇرىدۇ.
ئانىرىم يازسام يازغۇم كېلىۋاتىدۇ، ئەگەر مەندە ئەدىبلەرگە خاس بىر تەپەككۈر ۋە قەلەم قۇۋىتى بولسا ئىدى، سىزدەك قەدىردانلىرىم ئۈچۈن ئاجايىپ پۈتۈكلەرنى پۈتكەن بولاتتىم، بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈنلەردە ئېسىل يازمىلارنى يازغان بولاتتىم، شۇنداقتىمۇ گال قەلىمىم بىلەن، ئاددى تەپەككۈرلىرىم بىلەن مۇ يازمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، قۇبۇل قىلىڭ!
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن!
تېنىڭىز سالامەت بولسۇن!
گۈل ۋە ناخشىلارنى باشقىلارغا قويدۇم، مېنىڭچە سىز ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى يوللايدىغان ئادەم چوقۇم چىقىدۇ ھى ھى ھى ھى ھى .....


Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىپقىزىل ئانارغا قىپقىزىل سوۋغا!





[ otkankunlar بۇ يازمىنى  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:32  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2150

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا ئۆتكەن كۈنلەر نەلەردىن تاپتىڭىز بۇ قىپقىزىل سوۋغىنى، ئۇسۇلغا چۈشۈپ جۇمۇ مۇشۇ تاپتا ، قېنى شوخ-شوخ ھە باللار

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:14:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىپقىزىل ئانارغا ۋە بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە يېڭى ئەزا "پاراسەت"تىن سالام!!!

گەر ئاددىي بولسىمۇ ئۇشبۇ تىلەكلەر،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك، ئانار.
بولغىن سەن يەتتە قىز ئىچرە بىر گۆھەر،
شۇندىلا خەلقىمدىن ئالقىشلار ياغار.

قاملاشمىغان بولسىمۇ ،قوبۇل قىلىڭ .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1288

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 00:38:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئىدارىنىڭ پائالىيىتىنى دە پشۇنداق چارچاپ كېتىپتىمەن ، ئۇخلاي دەپ يانفونۇمنى ئۆچۈرەي دەپ قارىسام ئۇچۇر يىغىلىپ كېتىپتۇ ...ئېچىشىمغا دوستلارنىڭ تاتلىق تىلەكلىرى بىلەن توشۇپتۇ راستىمنى ئىيتسام كۆزۈمگە ياش كەلدى ،ياتقان يېرىمدىن قوپۇپ مۇنبەرگە كىرىپ سىلەردەك ئەزىز دوستلىرىمغا كۆڭۈل سۆزلىرىمنى قالدۇراي دەپ كومپىيوتۇرنى ئاچسام بۇ يەردىمۇ گۈزەل تىلەكلەر يېغىپتۇ   .... بۈگۈنكى ھېرىش چارچاشلىرىم ، خىزمەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرىم بىراقلا يوقاپ كەتتى ،رەھمەت مەرۋەرى ، نەئىمە ، سايە ، باغرىم ، تىۋىش ،ئاھۇ  ،مايلامچى ، ئۆتكەن كۈنلەر ، پاراسەت .....يەنە بارلىق ئىسمى ئاتالمىغان مۇنبەردىكى بارلىق دوستلار ، سىلەرنىڭ تىلەكلىرىڭلار مەن ئۈچۈن تېپىلماس سوۋغا
ياراتقان ئىگەم بەندىسىنىڭ ھەممە نىمىسىنى تولۇق قىلمايدىكەن ، مېنى سالامەتلىكتىن ئېيتمىغان بىلەن ئاتا-ئانا ، قېرىنداش ، دوستتىن ھەسسلەپ ئېيتقانلىقىغا كۈندە مىڭلاپ شۈكرىلەرنى ئېيتىمەن . ئاللاغا شۈكرى !سىلەردەك دوستلارنى ئۇچراشتۇرغىنىغا مىڭ قەترە رەھمەت !

[ anar بۇ يازمىنى  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 00:40  دە تەھرىرلىگەن. ]

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
122

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 13:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك بولسۇن ....!

يۇم كۆزۇڭنى

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كەلگىچە سورۇن باشلىنىپ كېتىپتۇدە . كېچىككەن بولساممۇ قىپ -قىزىل ئانارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلايمەن ،.. مۇبارەك بولسۇن !!!

قىپ -قىزىل ئانارنى ئۈزۈپ شېخىدىن ،
تولدۇردۇممەن سېۋىتىمنى لىققىدە  .
تاتلىقمىدۇ ياكى ئاچچىق ، چۈچىمەل  ،
قىزلىرىم تېتىپ باقسۇن جىققىدە ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 16:29:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، سالامەتلىك ۋە خۇشال تۇرمۇش سىزگە يار بولسۇن!

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:23:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلغان كۈنىڭزگە مۇبارەك بولسۇن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:34:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!
تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزىشىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:46 , Processed in 0.066597 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش