يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 804|ئىنكاس: 9

مۇنبەر ئۇقتۇرىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار بارلىقىڭلارغا كەمىنە مەرۋەرىدىن ئوتلۇق سالام!
ھەممەيلەنگە مەلۇم مۇنبەر تاقىلىپ قايتا ئېچىلغان ئون كۈن ئىچىدە مۇنبەردىكى كونا يېڭى ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايتى يۇقۇرى، ئەمما شۇنى ئۇقتۇرۇپ قويمىساق بولمايدۇكى، مۇنبەر ھەرگىزمۇ بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان، دىلىنى رەنجىتىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تاقىلىدىغان گەپلەرنى قىلىدىغان يەرگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.
ئالدىنقى قېتىم پېقىرنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى تۈپەيلى مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە باشقىلار ھاقارەت قىلدى، گەرچە بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن بىز يەنە داۋاملىق تىرىشمىساق داۋاملىق مۇنبەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە كۈچىمىسەك بولمايدۇ، خۇددى باشقىلار دېگەندەك مۇنبەر ھەرگىزمۇ ئەخلەت تېمىلارنى يىغىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، مەيلى ئىجادى تېما بولمىسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بولغان تېمىلارنى يوللىساق دېگەن ئۈمىدتتىمەن.

1-يوللىغان تېمىلارنىڭ مەزمۇنى ساغلام، پارتىيىنىڭ سىياسىتىگە، قانۇنغا زىت بولمىغان تېمىلار بولىشى كېرەك.

2-قايتىلانغان تېمىلار بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ، شۇڭا باشقۇرغۇچىلار تېما تەستىقلىغاندا ماۋزۇسىغىلا ئەمەس مەزمۇنىغا قاراپ بۇرۇن يوللىنىپ بولغان تېمىلار بولسا يوللىغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويۇپ ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ.

3-باشقا مۇنبەرلەردىن ياكى شەخسى بىلوگلاردىن پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن دەپ قاراپ مۇنبەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئەڭ ئاۋال ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا يوللىغان بولسىڭىز، بۇنداق بولغاندا بىرىنچىدىن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغان بولىسىز يەنە بىر تەرەپتىن كېيىنكى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىمىز.

4-بۈگۈن بۇ يەردە ئالاھىدە قىستۇرۇشنى لايىق تاپتىم، تۈنۈگۈن مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن ئەزا بولغان بىرەيلەن باشقا بىرىنىڭ شەخسى بىلوگىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنى ئاپتوردىن رۇخسەتسىز مۇنبەرگە كۆچۈرگەن، تېمىلار ناھايتى ياخشى، پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمىلار بولۇپ دوستلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى، ئەپسۇس ئەسلى ئاپتور مۇنبەردە ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ مۇنبەردە باشقىلار تەرىپىدىن مەنبەسىنى ئۆزۈمنىڭ دەپ يوللىغانلىقىنى كۆرۈپ سەل رەنجىپ، بۇنىڭ بىلەن مۇنبەردە ئازراق ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بەردى، تەلىيىمىزگە ئەسلى ئاپتور ئۆزىمىزنىڭ يېقىن دوستى، قېرىندىشى چىقىپ قالدى، ئۇ تېمىلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇمنى، ئۆچۈرمەسلىكىمنى ئېيتقان بولسىمۇ مەن يەنىلا ئۆچۈرۈشنى لايىق تاپتىم ۋە ئۇ ئەزانىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ تېپىپ ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم، مانا مۇشۇنداق ئورۇنسىز خاپىلىق ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى مەنبە ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!

5-بىز ئەزالارغا چوقۇم ئىجادىي تېما يوللايسەن دەپ شەرت قويمايمىز ھەم بۇ يەردە دەبدەبىلىك شۇئارلارنىمۇ توۋلىمايمىز، مۇنبەر خانىم- قىزلار مۇنبىرى دەپ قۇرۇلدى، لېكىن دوستلىرىمىزنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللىشى ئاستىدا سەھىپىلىرىمىز كۆپىيىپ ھازىر مۇكەممەل بىر ئونۋېرسال مۇنبەرگە ئايلاندى، ئەمما يەنىلا خانىم - قىزلارغا خاس ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇنبەردە خانىم- قىزلارغا پايدىلىق تېمىلارنىڭ ۋە ئەمەلىي ئىشلارنىڭ ۋە راست ئىشلار خاتىرىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

باشقىچە پىكىر- تەكلىپلەر بار بولسا باشقا دوستلارنىڭ ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېما ئاستىغا ئىنكاس سۈپىتىدە يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىردا بارلىقىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەر تىلەيمەن!!!



Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
3

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:02:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت ؟ چۇقۇم دىققەت قىلىمىز .

Rank: 3Rank: 3

توردا
114 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
278
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرە خانىمنىڭ مۇنبەر مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەسىلىنى ۋاقتىدا ،توغرا بىر تەرەپ قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم ،مەن بۇ ھەركىتىڭىزنى قوللايمەن .
پايدىلىنىش قىممىتى بولغان تېمىلارنى بۇ مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ يوللاش گۇناھ ئەمەس ،لېكىن چوقۇم ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك .بۇ يالغۇز مۇشۇ  مۇنبەردە كۆرۈلگەن  مەسىلە ئەمەس ،مۇشۇ سەۋەنلىك باشقا مۇنبەرلەردىمۇ نۇرغۇن قېتىم خاپىلىقلار يۈز بەرگەن ،ھەممە مۇنبەر مەسۇلى بۇ نۇقتىنى ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ تۇرىدۇ ،ئېسىڭىزدە بولسۇن باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئاندىن ئۆزىڭىزمۇ ئىززەت تاپىسىز .

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:56:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلاردا ، مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن بەزى  مەزمۇنلارنى يېزىپ قويىمىز ، بۇ جەھەتتىن مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
بۇ بىر ئۆزگىچە مەزمۇن قوشۇش ، ئويلاندۇرۇش ، پىكىر قىلدۇرۇش خالاس . يەنە يىقىنلىرىمىز بولسا ئارلاپ چاقچاقلارنىمۇ ئارلاشتۇرۇپ قويىمىز ،  ھەرگىز ئەدەپسىزلىك يۈزىسىدىن ئەمەس.
بۇ جەھەتتتىن  بەزى يېزىلغان ئىنكاسلىرىمغا ئەسكەرتىش بەردىم .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا مۇنبەرلەردىن تېما يۆتكىمەڭ دېمەيمىز، يۆتكەپ كەلسىڭىزمۇ يازما ئاپتورىنى ياكى شۇ يازمىنى تورغا بېسىپ يوللىغۇچىنى ھەمدە يۆتكەپ كەلگەن شۇ تور بەتنىڭ ئىسمىنى ئەسكەرتىۋەتكەندىن كېيىن يوللاڭ. باشقىلارنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلايلى. كومپيۇتېر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ خەت يازماق تەس.
يەتتە قىزلىرىم تورى، بارلىق ئەزالارنىڭ ئىللىق ماكانى، بۇ ئىللىق ماكاننى ئاسرايلى، قەدىرلەيلى. بىر–بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ ئۆتەيلى. شۇندىلا بۇ ماكانىمىز ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
جىلۋە، مۇنبەر دىگەن ئەركىن پىكىر سورۇنى. بەزى تېمىلاردا دوستلار ئارا چاخچاق قىلىشىمىز.
دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ئىنكاس يازمىساقلا، ئىنكاسلارغا باشقا چەكلىمەي يوق. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئارتۇقچە چۈشەنچە بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
دوسىتلار بىرلىكتە ھەمكارلىشايلى!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:02:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېققققىن دوستۇمنىڭ تېمىسىنى باشقىلار مەندىن سورىماي 7 قىزغا يوللىۋەتسە ، كىرىپ جىدەل چىقارسام بولامدۇ ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:13:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خانىم قىزلار مۇنبىرىدە بىز لەر ئۆگەي ئەزا بۇلۇپ قالمىغاندىمىز ؟<چاقچاق>

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:14:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغرىم بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:02 دە يوللىغان
يېققققىن دوستۇمنىڭ تېمىسىنى باشقىلار مەندىن سورىماي 7 قىزغا يوللىۋەتسە ، كىرىپ جىدەل چىقارسام بولامدۇ ؟

بولمايدۇ، ھەرقانداق باھانە سەۋەب بىلەن مۇنبەردە جىدەل چىقارسىڭىز، مۇنبەرنىڭ قائىدە-تۈزۈمى بويىچە جازالايمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
darwix بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:13 دە يوللىغان
بۇ خانىم قىزلار مۇنبىرىدە بىز لەر ئۆگەي ئەزا بۇلۇپ قالمىغاندىمىز ؟

دەرۋىش، يەتتە قىزلىرىم تورىدا مۇنبەر مەسئۇلىدىن تارتىپ ئاددىي ئەزالارغىچە ھەممىسى باراۋەر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:45:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇنبەرگە بومبا ساقاللىق ئۇستازنىڭ " كاپىتال " ناملىق ئەسىرىنى يوللاپ قويىدىغانلار چىقماسمۇ ؟ ماڭا جىددىي لازىم بولدى ...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 07:58 , Processed in 0.056406 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش