يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 736|ئىنكاس: 3

دوستقا دوست ئەسقاتار ئېغىر كۈنلەردە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:30:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دوستقا دوست ئەسقاتار ئېغىر كۈنلەردە

ئابلىز ئۆمەر ھاجى


   بىز-ئۇيغۇرلاردا «ھەر كىمنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا»، «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر»، دېگەندەك ھېكمەتلەر بار. بۇلاردىن ھەركىم ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى يارىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
   شۇنداقتىمۇ، ئادەمنىڭ تەقدىرىگە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ يا ئۇنداق، يا مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. تەسىر نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كىشىلىك ھاياتتا دوستنىڭ تەسىرى ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
دېمىسىمۇ، ئىنساننىڭ ھاياتلىق گۈلىستانى دوستلۇق بىلەن ياشنايدۇ. بەختلىك تۇرمۇشنى، مۇۋەپپەقىيەت مۇساپىسىنى دوستلۇقسىز تەسەۋۋۇرقىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز دوست تۇتۇشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. دۇنيادا ئۆرنەك قىلىشقا، پايدىلىنىشقا تېگىشلىك دوستلۇق ھېكمەتلىرى، دوستلۇق مىساللىرى ناھايىتى كۆپ.
   جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان چۆچەك پىرى جېڭ يۈەنجې مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىسىنىڭ بىر قېتىملىق زىيارەت پروگراممىسىدا بىر تاماشىبىننىڭ «قانداق كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ؟» دېگەن سوئالىغا « ياخشى كىشىلەر بىلەن ئارىلاشقان ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، ياخشى كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، چۈنكى ئۇلار مەلۇماتلىق، چىقىش يولى تېپىشقا ماھىر كىشىلەرنى دوست تۇتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
      «باي دادام ۋە نامرات دادام» ناملىق مەشھۇر كىتابنىڭ ئاپتورى روبېرت بىر قېتىم شاڭخەي شەھرىدە پۇل مۇئامىلە ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەۋاتقاندا بىرەيلەن «بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى قانداق ئادەم بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ؟» دەپ سوئال سورىغاندا، ئۇ بۇ سوئالغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەستىن لېكسىيەنى ئاڭلىغان ھەر بىرەيلەندىن ئون يېقىن دوستىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كەسپى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئۆيى، پىكاپى بارمۇ-يوق دېگەنلەرنى يېزىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان، نەق مەيداندىكى 300 كىشى ئون دوستىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى يېزىپ چىققان. يېزىلغان ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولىشىچە، تاكسىچىلارنىڭ دوستلىرى ئاساسەن تاكسىچى، خۇجايىنلارنىڭ دوستلىرى ئاساسەن خۇجايىن، بايلارنىڭ دوستلىرى ئاساسەن باي... بولۇپ چىققان. شۇ چاغدا روبېرت ھېلىقى كىشىلەرنىڭ سوئالىغا «بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى قانداق كىشىلەر بىلەن دوست بولۇپ ئۆتكەنلىكىگە باغلىق بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ج. جىراد دۇنيادىكى مەشھۇر مال ساتقۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بىر قېتىم گۇاڭجوۋ شەھىرىدە مال سېتىش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەندە «سىزنىڭ ئادەتتە 250 ئۆپچۆرىسىدە يېقىن يورۇقىڭىز بولىدۇ، ئۇلارنىڭ %80 ى سىزگە ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدۇ، %15ى سىزگە ئىجابىي پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، %5 ى سىزگە ھەقىقىي ياردەم بېرەلەيدۇ، يەنە تېخى تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ! ئەنە شۇ %5 كىشىلا سىزنىڭ ھەقىقىي دوستىڭىز بولىدۇ» دېگەن. يۇقىرىقى مىساللاردىن دوستلۇقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۆمەرجان ئالىم سوۋغات دېگەن ناخشىسىدا مۇشۇ نۇقتىنى «دوستقا دوست ئەسقاتار ئېغىر كۈنلەردە» دەپ گەۋدىلەندۈرگەن. دېمەك، ئادەمنىڭ تەقدىرى ئارىلاشقان ئادەملىرىگىمۇ باغلىق بولىدۇ. شۇڭا كىشىلىك ھاياتتا دوست تۇتۇشقا، دوست تاللاشقا، دوستلۇققا ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


«شىنجاڭ گېزىتى» 2010 . 15 – يانۋار.

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:55:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال كىشىنىڭ دوستتى يوق دىگەن گەپ بار . ئۇنداق بولغاندا:

دوست تۇتۇشقا، دوست تاللاشقا، دوستلۇققا ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
بىزنىڭ ئەقلىمىزگە نىمە بوپ كەتتى بالىلار؟؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 15:05:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا ھەممە ئادەم ئايال كىشىنىڭ دوستى يوق دەيدىغاندۇ

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلسەنەم بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 15:05 دە يوللىغان
نىمىشقا ھەممە ئادەم ئايال كىشىنىڭ دوستى يوق دەيدىغاندۇ


مەن بۇ گەپكە مۇشۇ كەمگىچە قەتئىي ئىشەنمەيىتتىم تۈنۈگۈندىن راست شۇنداقكەن دەپ قالدىم `

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 04:56 , Processed in 0.048441 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش