يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 636|ئىنكاس: 4

كۆزۈڭنى يولتۇزلارغا تىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جالالىدىن رۇمى ....دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا تەسىرى ئەڭ زور مۇتەپپەككۇر شائىرلارنىڭ بىرى . ئۇ مىلادىيە 1207-يىلى ھازىرقى ئافغانىستانغا تەۋە بەلخ شەھىرىدە داڭلىق ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ساۋەبىدىن رۇمغا ،يەنى بۈگۈنكى تۈركىيەگە كۆچۈپ بېرىپ ، كونيا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان . مىلادىيە 1273-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن .
مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، جالالىدىن رۇمىنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى 53860مىسرا شېئىردىن تەركىپ تاپقان ئالتە توملۇق مەسنەۋىلەر توپلىمى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 18مىسرا شېئىرنىلا ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان ئىكەن .قالغانلىرىنى بولسا ، شائىر قاچان ئىلھامى قوزغالسا شۇ چاغدا ئاغزاكى ئېيتقان ، شاگىرتلىرى ئۇنى يېزىۋېلىپ توپلىغان ئىكەن . شائىرنىڭ مەسنەۋىلىرى ئۇنى چوڭقۇر نەزەرلىك پەيلاسوپ ، كەڭ دائىرلىك ئىلىم ساھىبى بولغان دانىشمەن سۈپىتىدە دۇنياغا  تونۇتقان . ھازىرمۇ شائىرنىڭ مەسنەۋىلىرى نۇرغۇن ئەللەردە ئەڭ بازارلىق ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە .

1. ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن ئۇزاقلانسا ، ئۆتكەن ھاياتىنىڭ ۋەسلىنى ئىستەيدۇ .
2.كىم ئۆز كۆڭلىگە يېقىن سىردىشىدىن ئايرىلسا ، يۈز تۈرلۈك ناۋاسى بولسىمۇ تىلسىزدۇر .
3. نېمە ئۈچۈن قەلب ئەينىكىڭ مەنىۋى سىرلار ۋە ھەقىقەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ ؟ چۈنكى ئۇنىڭ يۈزىنى چاڭ-توزاڭ باسقان .
4.كىشى بىراۋدىن ئەيىپ ئىزدىسە ، جەھەننەم ئوتىغا يۈزلىنىدۇ .
5.ھەقىقىي ئەمەس ، تەقلىد قىلىنغان نەرسە ئۆتكۈنچىدۇر ، ئۆتكۈنچى نەرسە مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ .
6.قۇش ئۆز ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋازدىن زوقلىنىشى مۈمكىن ، ئەمما بۇ ئاۋازنىڭ ھەقىقىي قۇشنىڭ ئاۋازى ئەمەس ، تەقلىد قىلىنغان ئاۋاز ئىكەنلىگىنى بىلسە نەپرەتلىنىدۇ .
7.كېمىنىڭ ئىچىدىكى سۇ كېمىنى ھالەك قىلغۇچىدۇر . كېمىنىڭ ئاستىدىكى سۇ ئۇنى قۇتقازغۇچىدۇر .
8.كېڭەش ۋە ئەقىل-پاراسەت ھۇشيارلىق ئاتا قىلىدۇ . ئەقىللىق كىشىلەر ئەقىلغا مەدەت بەخش ئېتىدۇ .
9.ئەينەككە بەك يېقىنلاشساڭ ،تېنىقىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى خىرەلەشتۈرىدۇ .
10.ئەگەر سىرىڭنى بىراۋغا ئېيتساڭ ،ئۇ سىر بىلەن خوشلاش . چۈنكى ھەر قانداق سىر ئىككىنچى كىشىگە يەتسە پاش بولىدۇ .
11.ھېكمەت تەلەپ قىلغان كىشى ھېكمەت ئىگىلىگەندىن كېيىن ھېكمەت مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ .
12.چىۋىننىڭ ئالىمى ئۇنىڭ نەزىرىگە باغلىقتۇر . كۆز قانچىلىك بولسا دېڭىزمۇ شۇنچىلىكتۇر .
13.مەنىسىز سۆز سۇ يۈزىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئوخشايدۇ . ئەگەر ئاشۇ كۆرۈنۈشلەردىن ساداقەت ئىستىسەڭ پۇشايمانغا مەھكۇمسەن .
14.جىسمىمىز ، يەنە سۈرىتىمىز بۇ ئالەمدە سۇ يۈزىدە چايقىلىپ يۈرگەن قاچىغا ئوخشايدۇ .
15.رەڭنى كۆرۈش ئۈچۈن نۇر ،يەنى قۇياش نۇرى زۆرۈردۇر .
16.كۆزنىڭ نۇرى قەلبنىڭ نۇرىدۇر .
17.سۆز تاشقىنىنىڭ گۈزەل ۋە جازىبىلىك  ئىكەنلىگىنى بىلسەڭ ، ئۇنىڭ دېڭىزىنىڭمۇ بۈيۈكلىگىنى ھېس قىلالايسەن .
18.كىمكى دۇنيانىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەسىر بولسا ، ئۇ غەپلەت ئۇيقۇسىغا مۇپتىلادۇر . بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئويغاقلىقى ئۇلارنىڭ ئۇيقىسدىن ياماندۇر .
19.خىيالدىن ئۈمۈد كۈتكەن ۋە خىيال ئىچىدە ياشىغان ئادەم غەپلەتتىدۇر . پۈتۈن ئەس -ھوشى قۇرۇق خىيالغا باغلانغان كىشى ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىدۇ .
20.كۆڭۈل ھەسەتتىن  خالىي ، پاك كىشىلەرگە نىسپەتەن ھەسەت قىلساڭ ،بۇنىڭ ئاقىۋېتىدە كۆڭلۈڭنى زۇلمەت ۋە پاسات قاپلايدۇ .
21.قەيەردە ئېقىن سۇ بولسا ، شۇ يەردە كۆپ كۆك مايسىلار ئۈنىدۇ .
22.بىر ئىنساننى باشقا بىر ئىنسانغا تارتقان نەرسە سۆز ئەمەس ، بەلكى ئىككەيلەندە مەۋجۇت بولغان روھىي بىرلىكنىڭ بىر قىسمىدۇر .
23.ھەر بىر نەرسىنىڭ ھۆرمىتى شۇ زامانغا لايىق بولىدۇ .
24.مېڭىسى يوق كاللا ھېچنىمىگە يارىمىغاندەك ، پوستى يوق مىۋە ئۈنمەيدۇ .
25.دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن ئىنساننىڭ قەلبىدە ئىشتىياق ، ھەۋەس ۋە ئوت بولۇشى لازىم . ئەكسىچە بولسا ئىنسان بۇ ئىشنى قىلالمايدۇ .
26.ئىنساننى تونۇماقچى بولساڭ ئۇنى گەپكە سال ، سۆزىدىن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالىسەن .
27.ئىنسان بۈيۈك بىر مۆجىزە ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە ھەممە نەرسە يېزىلغان .
28.ئەگەر خەلق ئەقىلگە ئىتائەت قىلمىسا ، ئىشلىرى دائىم پۇشايمانلىق ۋە پەرىشانلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ .
29.ئەگەر ئىنساندا ھەم ئەمەلىيەت ، ھەم ئىلىم بولسا ئۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك زاتتۇر .
30.سۆيۈلگەن كىشى گۈزەلدۇر ، ئەكسىچە بولمايدۇ . ئەمما ، ھەممە گۈزەللەر سۆيۈلۈۋەرمەيدۇ ۋە سۆيۈلىشى شەرتمۇ ئەمەس . گۈزەللىك سۆيۈملۈكنىڭ بىر قىسمىدۇر .
31.ئىش ئىش ئارقىلىق ، ئىلىم ئىلىم بىلەن ، مەنە مەنە ۋاستىسىدە ، شەكىل بولسا شەكىلنىڭ ياردىمىدە چۈشىنىلىدۇ .
32.سۆز ئىش دەرىخىنىڭ مېۋىسىدۇر . چۈنكى ئىشتىن تۇغۇلغاندۇر .
33.ئۈمىد ۋە كۈتۈش ئىنساننىڭ قانىتىدۇر . قاناتلار قانچىلىك كۈچلۈك ۋە ساغلام بولسا ، ئىنسان شۇنچىلىك يۈكسەككە ئۇچالايدۇ .
34.ئىنسان كۆرۈنۈشتە ھېچ نەرسە دېمىسىمۇ ، ئىچىدە ھەمىشە سۆزلەيدۇ .
35.ھەر قانداق شەيئىنىڭ سۈپىتى ئەكسى ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ .
36.سۆز كۆپەيسە ، مەقسەت ئۇنتۇلىدۇ ،يوقۇلىدۇ .
37.ئىنسان ھەمىشە ئۆزى كۆرمىگەن ،ئاڭلىمىغان ۋە ئويلىمىغان نەرسىگە ئاشىقتۇر .
38.ھەقىقەتنى كۆرمەك ئۈچۈن ئويغاق كۆز كېرەك ، ئۇيقۇلۇق كۆز كۆرمەيدۇ .
39.كىشى ئىچىنى قانداق پاكىز تۇتسا ، شۇنچە ئالدىنقى سەپكە ئۆتىدۇ . ئىچىنى بوشراق تازىلىغان كىشى بولسا ئارقا سەپكە بېرىپ تۇرىدۇ .
40.شۇنى ياخشى بىلىش كېرەككى ، ئىنسان قەيەردە بولمىسۇن ، ھەمىشە ئۆز ئېھتىياجىنىڭ يېنىدىدۇر .
41.ئىنساننىڭ ھەر بىر ھەركىتى سوئالدۇر ،سۆيۈنۈش ياكى قايغۇسى جاۋاب بولالايدۇ .
42.ئالەم ئەدەپ بىلەن نۇرغا تولمىشتۇر ، پەرىشتىلەرمۇ ئەدەپ بىلەن مەسۇم ۋە پاڭتۇر .
43.باغرى كەڭ ،كۆڭلى ساپ كىشىگە ئاپتاپ ھەر تەرەپتىن باققاي .
44.ئەي بۇرادەر ،ئۆزۈڭگە نەزەر سال ، كۈزمۈ ،باھارمۇ ھەر ۋاقىت سەندىدۇر .
45.سەن ئاينى سۇدا ئەمەس ،ئاسماندا كۆر .
46.دىلدىن ئەمەس ،تىلدىن كەلگەن سۆز ئوت ئىچىدە ئۆسكەن گۈلگە ئوخشايدۇ .
47.بىۋاپالارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالما ، ئۇ بىر بۇزۇق كۆۋرۈكتۇر . ئۇنى سەن يول دەپ ئويلىما .
48.بۇ جاھان مىسالى بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ . بىز شۇ دەرەختىكى پىشمىغان مىۋىگە ئوخشايمىز .
49.گەرچە نادانلار قۇياشقا قۇم چاچسىمۇ ،لېكىن قۇياش توزان ئىچىدە قالماستىن پارلاپ تۇرىدۇ .
50.گۆھەرنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان كىشىگە ئىلىم ئۈگەتكىنىڭ ، قاراقچىنىڭ قولىغان خەنجەر تۇتقۇزغىنىڭ بىلەن باراۋەر .

مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرىدىن

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:34:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ زاتنىڭ يەن < ئىچىمدىكى ، ئىچىمدىمدىدۇر> دىگەن كىتاۋىمۇ ئېسىل پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن يېزىلغان ، بىزگە ئىسلام دىنى بىلدۇرگىلەرنى تېخىمۇ يورۇق قىلىپ كۆرسەتكەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 15:53:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەدەننى كۆپ چىنىقتۇرۇش. جەمئىيەت بىلەن كۆپ ئارلىشىش .ياخشى كىنو تىياتىرنى كۆپ كۆرۈش .كۆپ ساياھەت قىلىش. مېۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يىيىش. كۆپ كۈلۈش. مىڭىنى كۆپ ئىشقا سىلىش .ساپ ھاۋادىن كۆپ بەھىرىمان بۇلۇش. جىسمانىي ئەمگەكنى كۆپ قىلىش. يىرىك ئاشلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلىش.........مۇشۇنداق بولغاندىلا ئادەم يۈلتۈزلارغا تىك قارىيالايدۇ ھەم كۈندىزىمۇ ئاسماندىكى يۈلتۈزنىڭ سانىنى سانىيالايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:25:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2.كىم ئۆز كۆڭلىگە يېقىن سىردىشىدىن ئايرىلسا ، يۈز تۈرلۈك ناۋاسى بولسىمۇ تىلسىزدۇر .
----------------------------------------------------------------
بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەكلا چوڭقۇر ئىكەن. سەن يېقىن سىردىشىڭدىن ئايرىلساڭ بارلىقىڭدىن ئايرىلغاندەك بولۇپ قالىسەن.
------------------------------------------
34.ئىنسان كۆرۈنۈشتە ھېچ نەرسە دېمىسىمۇ ، ئىچىدە ھەمىشە سۆزلەيدۇ .
-------------------------------------------
مەن، ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق ياشايمەن.
نازىنىننىڭ ئەجىرلەر بىلەن يوللىغان تېمسىغا رەھمەت.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"جالالىدىن رۇمى" دېگەن كىتاپنىڭ ئۆزىمۇ ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:50 , Processed in 0.050900 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش