يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 724|ئىنكاس: 4

ساغلام كىشلەرنىڭ پسىخىك ھالىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادەم ئىرسىيەتلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپلا قالمىسا، چېنىقىش ۋە ماددىي ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىسمنىي ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ. ئەمما پسىخىكا جەھەتتە ساغلام بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پسىخك ھالەتتىكى كەمچىلىكىگە قارىتا دائىم ئۆزى - ئۆزىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بۇ ئارقىلىق ئۆز پسىخىكىسىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك.
ئەگەر سىز تۆۋەندىكى 12 نۇقتىغا ئاساسىي جەھەتتىن لايىقلىشالىسىڭىز، پسىخىكىسى ساغلام كىشىلەر تىپىغا كىرىسىز.
ئەگەر بۇ شەرتلەرنىڭ سەككىزىنى ھازىرلىغان بولسىڭىز، پسىخىكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ساغلام كىشىلەر تىپىغا كىرىسىز.
1. تۇرمۇشنى سۆيۈش، تۇرمۇشنى مەنىسىز زېرىكىشلىك دەپ قارىمسلىق، پاكىز، رەتلىك، روھلۇق يۈرۈش، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتلىك ئوبرازىنى تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش.
2. ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش، ھەرقانداق ئىش ۋە مەسىلىگە قارىتا ئالدىن ئانالىز قىلالايدىغان ۋە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلنۈشى بويىچە مۇئامىلە قىلالايدىغان بولۇش.
3. تاسادىپىي كېلىشمەسلىككە يولۇققاندا، دەرھال روھىي ھالىتىنى تەڭشىيەلەيدىغان، ئوڭۇشسىزلىقتىن دەرھال قۇتۇلالايدىغان بولۇش.
4. ئۆتكەن ئىشلار بولۇپمۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارغا ئېسىلىۋالاميدىغان، ئۆز - ئۆزىگە تاپا - تەنە قىلمايدىغان ۋە قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلمايدىغان بولۇش.
5. ھەربىر ئىشنى پىلانلىق، تەرتىپلىك قىلالايدىغان بولۇش.
6. يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئۇنى چۈشىنىدىغان ھەم قۇبۇل قىلالايدىغان بولۇش.
7. خۇشخۇي، ئوچۇق - يورۇق، چاقچاق كۆتۈرەلەيدىغان بولۇش، قايغۇ- ھەسىرەتنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان، خاپىلىق تارتقاندا زېھنىنى باشقا ياققا بۇرالايدىغان بولۇش.
8. ئۈمىدۋار، غايىلىك بولۇش، مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان، ئۆزىنىمۇ ۋە ئۆزگىنىمۇ سۆيەلەيدىغان بولۇش.
9. كەڭ قورساق مېھرىبان بولۇش، باشقىلارغا تەشەبۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان، قىلغان ئىشىغا مىننەت قىلمايدىغان، قارغۇلارچە يۇقۇرغا يامايمايدىغان، خۇشامەت قىلمايدىغان بولۇش.
10. ئۆز خىزمىتىنى سۆيۈپ، خىزمەتتىن ھوزۇر ئالالايدىغان، تۇرمۇشنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرالايدىغان، ئۆزىنى مۇۋاپىق جىددىيلىك ھالىتىدە تۇتۇپ تۇرالايدىغان، غەيرەتلىك، شىجائەتلىك بولۇپ، دادىل ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدىغان بولۇش.
11. ھەسەتخورلۇق، گۇمانخورلۇق قىلمايدىغان، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاقلىشالايدىغان، دەردىگە دەرمان بولالايدىغان بولۇش.
12. تۇرمۇشنى، ھاياتنى، تەبىئەتنى توغرا چۈشىنىش، قېرىشتىن قورقۇپ، دائىم روھىي جىددىيلىك ئىچىدە يۈرمەسلىك.


مەنبە: ساغلاملىق دەستۇرى

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:38:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10 - دىن باشقا  ھەممە شەرت مەندە تولۇق باركەن ، دېمەك پىسخىكامدا مەسىلە يوقكەن ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:40:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىمۇ شۇ تۈر كەمچىل ئىكەن باغرىم بەشىنچى تۈرمۇ باردەك قىلامدۇ نىمە ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:47:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى پىلانسىز ئىش قىلىدۇ دېسە ئىشەنمەيمەن مەن ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:52:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-
6-
10-
مۇشۇ تۈرلەدەر يوقكەنمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 06:11 , Processed in 0.047621 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش