يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 662|ئىنكاس: 4

ئالتۇن ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 12:09:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج بولسا ئالتۇن بازىرىدىكى ئاساسىي فۇنكىسىيە، ئەمما ئەمەلىيەتتە،  ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىيەلەيدىغان باشقا ئامىللارمۇ مەۋجۇت، بۇ ئامىللار ئاساسلىقى: ئامېرىكا دوللىرى قىممىتى، ئۆسۈم نىسبىتى ھەمدە نۇرغۇن باشقا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئامىللار بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقارقى ئامىللارنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى تەمىنلەش ۋە تەلەپ مۇناسىۋىتنىڭ تەسىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
ئالدى بىلەن، ئالتۇن بازىرىدىكى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئامىل، پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى. چۈنكى  ئالتۇن ئەزەلدىنلا پۇل پاخاللىشىش مەزگىلىدىكى ئەڭ ياخشى قىممەت ساقلاش قورالى بولغانلىقتىن، ئەگەر ھازىر كۆرۈنەرلىك ھالدا پۇل پاخاللىقى تەھتىتىگە ئۇچرىساق ياكى يېقىن كەلگۈسىدە پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى ئارتىپ بارىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولساق، ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى ئېشىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالتۇنغا بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ، بۇ ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورنى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پۈتۈن يەر شارى پۇل ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن بولغان.  

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىكى كلىنتون ھاكىمىيىتى مەزگىلى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىمۇ كۈچلۈك پۇلنىڭ رولىنى ئوينىغان، ئەمما، ئالتۇندىن ئالغان پايدا نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقتىن،  ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار تارقاقلىشىپ،  نيۇ -يورك تاۋار سودىسى ئورنىدىكى ئالتۇن زاكاز مال باھاسى بىراقلا تۆۋەنلەپ ھەر بىر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 250 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان، ئەمما يېڭى ئىقتىسادىي كۆپۈكىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىي زاۋاللىققا يۈزلىنىشكە باشلىغان، ئېغىر بېسىم ئاستىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئالتۇن زاپىسى ئىدارسى ئامالسىزلىقتىن كۈچلۈك پۇل سىياسىتىدىن ۋاز كەچكەن، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق تۆۋەن ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن، ھازىرقى ئۆسۈم نىسبىتى يەنىلا 45 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرغان، بۇ ئەھۋال خەلقئارا پۇل بازىرىدا، ئامېرىكا دوللىرىنى ياۋروغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ 1.2158 دىن 0.8225 كە تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئالتۇن ئامېرىكا دوللىرىغا ئاساسلىنىپ ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، يەنە بىر تەرەپتىن، پۇل پاخاللىشىش سەۋەبىدىن كىشىلەر قوللىرىدىكى ئامېرىكا دوللىرى ۋە باشقا پۇللارنى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغانلىقتىن، ئالتۇن زاكاز مال باھاسى 2004 يىلنىڭ دەسلىپىدە ھەر ئۇنسىيەسى 432 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. شۇڭلاشقام ئامېرىكا دوللىرىنىڭ نىسپىي كۈچلۈك – ئاجىزلىقى ۋە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار، پۇل پاخاللىشىش بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغاندا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار چوقۇم ئېسىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغىنى: ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تارقىتلىش سانى چەكسىز بولۇشى مۇمكىن، ھالبۇكى، دۇنيادىكى ئالتۇنلار چەكلىك، بىز قايسى بىر ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىيەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن كۆپلەپ پۇل تارقىتىپ، ئېغىر دەرىجىدە پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالمايمىز.  
ئىككىنىچىدىن، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ. ئالتۇننىڭ ئۆزى ئۆسۈم كىرىمىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ، پۇل ئامانەت قويۇش ئۆسۈمى ئىنتايىن جەلپكار بولغان ۋاقىتتا، كىشىلەر نىسبەتەن ئىشەنچلىك شەكىلدە پۇل قويۇشنى خالايدۇ. ئەگەر سىز كېلەر يىلىدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ %5 ئۆرلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىسىڭىز، ئەمما بانكا پۇل ئامانەت قويۇش ئۆسۈم نىسبىتى %8 بولسا، ئۇنداقتا ئېنىقكى، پۇل ئامانەت قويۇپ ئۆسۈمگە ئېرىشىش ئالتۇنغا مەبلەغ سالغاندىن كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، پۇل ئامىلىدىن سىرت، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئالتۇن بازىرىغا بولغان تەسىرىمۇ كىچىك ئەمەس. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى يەرلىك سىياسەتتە، ئىراق مەسىلىسى، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، دۇنيانىڭ  بارغانسېرى تىنچسىزلىنىشى قاتارلىقلار  ئوتتۇرىغا چىقىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان سۆزلۈك بولۇپ قالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تەسىرى بىردەك ئەمەس. پەقەت مەلۇم خەلقئارا ئىشلار ئورنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا جىددىي ۋەزىيىتى، ئالتۇن بازىرىنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشكە يېتەرلىك بولغان ۋاقىتتا، ئالتۇن باھاسىدا ئاندىن كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش بولىدۇ، مەسىلەن،  1990 يىلى ئامېرىكا ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتكىنىدەك.
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر خىل ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما ھەممىسىلا ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر ئامىل ئەمەس. مەسىلەن: مەلۇم بىر ئالاھىدە ۋاقىتتا، ئۆسۈم نىسبىتى ئازراق يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، ئەقىللىق مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا بىر قىسىم دەسمايىسىنى ئالتۇن بازىرىغا سالىدۇ. مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھېچ بولمىغاندا دۇنيا ئىقتىسادىي، سىياسىتى، جەمئىيىتى قاتارلىق تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللارنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا، ئالتۇنغا نىسبەتەن چۈشەنچىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

كېلىش مەنبەسى: ئوكيان تورى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 14:50:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئامىرىكا دوللىرىنىڭ چۈشىشىگە ئەگىشىپ ،ئالتۇننىڭ باھاسىدىمۇ خېلى تېز ئۆرلەش بولۇۋاتىدۇ .ئېشىنچە  پۇلغا ئالتۇن ئېلىپ قويىدىغان ئىشمۇ قانداق.

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 16:15:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆۋەتتىكى ئىختىسادىي ئارقا كۆرۈنۈش ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۋەتتى،بۇنىڭ بىلەن ئالتۇننىڭ باھاسىنى ئۆرلىدى.شوڭا ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇختىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1-ئالتۇنغا بەغلەغ سېلىش نىسپىتىنى ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك.
2-كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە ئېسىلۋالماسلىق كېرەك.
3-قانۇنسىز يوللارغا كىرمەسلىك كېرەك.

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:02:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇنغا مەبلەغ سالسىڭىز بولىدۇ.....ئىشقىلىپ مەن دۇنياغا كەلگەندىن بىرى ئالتۇننىڭ باھاسى ئۇمۇمۇيۇزلۈك ئۆرلەپ كېلىۋاتىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:46:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇنغا مەبلەغ سالساق كېيىنلىكى بار دەپ ئويلايمەن. چۈنكى يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئالتۇننىڭ باھاسى كۈنسېرى ئۆرلەۋاتىدۇ. ھەر بىر گىرىمىنىڭ باھاسى 320 كويغا چىقىپتۇ. يەنە قانچىلىك ئۆرلەيدۇ بۇنىسى نامەلۇم.
ئالتۇنغا ئازراق مەبلەغ سېلىپ قويىدىغان ئىشمىكىن،  تازا قىممەت بولغاندا سېتىپ پايدا ئالسام خېلى باي بوپ قالغىدەكمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:34 , Processed in 0.062806 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش