يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 646|ئىنكاس: 1

قانداق قىلىپ ئۆزۈمنى باقالىدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
يۇرت- يۇرتتىن نەۋرۇز ھېسى تارالغان بۈگۈن گۈلىستانىمغا كىچىككىنە بولسىمۇ سوۋغان بېرىشنى ئويلاپ قالدىم. ئىلھام قېچىپ مىسرا تىزالمىدىم. كۆرگىنىم ئاز بولغاچ <<بازىرى ئىتتىك>> مۇھەببەت ھېكايىلىرى تۇقۇيالمىدىم. پەقەت ئۆزۈم ئارزۇ قىلالىغان، قىلىۋاتقان ئىش بىلەن كۆپچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈپ، پۈرسەت ۋە ئۈمىدنىڭ ھەر قاچان يېنىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئۆزۈمگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ ئېيتماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنى ماختاش ئۈچۈن ئەمەس، ھەر- بىرىڭلارغا پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دەپ يېزىپ چىقتىم. ئەگەر يازمامنىڭ زەررىچە پايدىسىنى كۆرسىڭىز ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك سانىغان بولاتتىم.
ئىنتېر تورى بەتلىرىدە ھەر خىل سەۋەپ تۈپەيلى يامان يوللارنى ئارلىغان قىزلارنىڭ نالىلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. پۇل!!! بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ھەممىدىن كېرىكى مۇشۇدەك! قىزلارمۇ پاكىز پۇل تاپالىغان ھەم تېپىۋاتىدۇ. چىرايىڭىزغا ئىشەنمەي ئەقلىڭىزگە ئىشەنسىڭىز ئىقتىدار سىزدە. قېنى يازمامغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ.


مېنى پۇل بىلەن ئەمەس ئىلىم بىلەن، شۆھرەت بىلەن ئەمەس ئەخلاق بىلەن، زامانىۋلىشىش بىلەن ئەمەس ئىمان - ئېتقاد بىلەن چوڭ بولۇشقا نىسىپ قىلغان سۆيۈملۈك ئائىلەمنىڭ ئاددىيلىقىدىن ئۆمۈرۋايەت مىنەتدارمەن....(خاتىرەمدىن)



ئالىي مەكتەپ ماڭا تالاي ھېس ئاتا قىلدى. نەچچە يۈز سوم بىلەنمۇ، نەچچە مىڭ سوم بىلەنمۇ بىر ئاينى ئۆتكۈزگىلى بولدىغىنىنى بىلدىم؛ پارقىراق كىيمەيمۇ پاكىز يۈرگىلى، ياسانمايمۇ چىرايلىق كۆرۈنمگىلى بولىدىغىنىنى بىلدىم. قىممەت گىرىم بۇيۇملىرى، قىممەت باھالىق كىيىملەرنىڭ پۇلىنى ئاتا- ئانامنىڭ يانچۇقىدا قويۇپ قويۇپ، ئايلاپ- ئايلاپ بازار ئايلانمايمۇ، يۇرتداشلار ئولتۇرۇشلىرى، قاۋاقخانىلاردىكى ئويۇنلاردىن يىراق يۈرۈپمۇ ياشىيالىدىم، تېخى باشقىلاردىنمۇ ياخشىراق ياشىيالىدىم. بىراق 20 ياشتىن ئېشىپمۇ ئاتا-ئانامنىڭ قان - تەرىنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋېرىشكە يۈزۈم چىدىماي قېلۋاتاتتى.
باشقىلارنىڭ ئاشخانىلاردا مۇلازىمەتچىلىك قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. خالىمىدىم. ياراتماي ئەمەس، مېڭەمنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق ئىشقا ئەسقاتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم؛ رېستۇرانلاردا، مەيخانىلاردا ئۇسۇل ئويناپ ياخشى كىرىمگە ئېرىشۋاتقانلارنىمۇ ئاڭلىدىم. ئەمما ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ئۆزى ساقلاپ مېنى ئۇ تەرەپتە تالانتلىق قىلىپ قويماپتىكەن؛ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى ئويلاشتىميۇ، ئاپامنىڭ ئەنسىرەپ قىلغان كۆز يېشى توختىتىپ قويدى. قىز بالا بولغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى باشقىلارنىڭ ئاسرىشىنى كۈتمەي، ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئاسىراشنى ئۆگىنۋېلىشىم  تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. پىسخىكا نورمالسىزلىقى كۆپىيۋاتقان جەمىئيەتتە بىرەر ئوقۇغۇچۇمنىڭ بوغۇپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلغانمۇ بولدۇم. بېيجىڭنىڭ ماشىنىلارغا تولغان چوڭ يوللىرىدا ئېگىز بىنالارغا قاراپ كېتىۋاتقىنىمدا، ئۆزۈمنىڭمۇ شۇنداق ئالدىراش كىشىلەر توپىنىڭ ئەزاسى بولۇشۇمنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.
شۇنداق كغنلەرنىڭ بىرىدە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرستېتىدا كۇرس ئېچىش دولقۇنى كۆتۈرلۈپ قالدى. ئۆز تىلىدا ئۆز ئىنى - سىڭىللىرىغا دەرىس سۆزلەش قانچە شېرىن! شۇنداق قىلىپ ئۆگەنگەنلىرىمنى لازىملارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۇرس ئاچتىم. جاپايىمغا تۇشلۇق بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشچانلىقى مېنى بۇ كەسىپكە باغلىۋالدى. بىرەر يىلدەك داۋاملاشقان ئىنگلىز  تىلى تەربىيلەش كۇرسىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك تەجىربىگە ئىگە بولدۇم. ئىلگىرى مۇنتىزىم تەربىيلەش مەكتەپلىرىگە ئۆزۈم قاتنىشىپ دەرىس ئاڭلاپ باققان بولسام ئەمدى دەرىس ئۆتۈپ بېقىشنى ئوۇلىدىم.
ئىنتېر تورى دۇنياسى ھەقىقەتەنمۇ قولايلىق مەنبە ئىكەن. توردىكى چۈشەندۈرۈشلەر ئاساسىدا تەرجىمھالىمنى يېزىپ چىقىپ، خىزمەت ئۇچۇرى تورىدىن  مۇۋاپىق كۆرگەن تەربىيلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ  كۈتۈش باشلاندى. دەسلەپ پەقەت سىناپ بېقىش ئۈچۈن دەپ ئويلىغاچقىمىكىن، شىنجاڭدىن كەلگەن، كەسپى مېدىتسىنا بولغان(چەتئەل تىلى بولمىغان)، تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن مەندەك ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇقۇچىلىققا ئالىدىغان بىرەر ئورۇننىڭ بار ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلالمىدىم. ئەمەليەتتىمۇ مەن ھېچقانداق ئورۇننىڭ شەرتىگە توغرا كەلمەيتتىم:<<چەت ئەل تىللىرى كەسپىدە ئوقۇغان، تولۇق كۇرۇستىن يۇقىرى دېپلۇمى بار، ئىنگىلىز تىلى بويىچە 8-دەرىجە ئىسپاتى بار بولۇش>> دىگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەھۋالىمغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز خېلىلا نامى بار بىر تەربىيلەش مەركىزىدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش تېلېفونىنى قۇبۇل قىلدىم. شۇ چاغدىكى خۇشھالىقىمغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى. ئالدىراپ تەيارلىققا چۈشۈپ كەتتىم. ساۋاقداشلاردىن يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا رەسمىي سورۇنلاردا كىيىدىغان ياقىلىق كۆڭلەك دېگەندەك كىيىملەرنى كىيىش كېرەك دەپ ئاڭلىغان، ئەمما مەندە ئۇنداق كىيىملەر يوق ئىدى. ئۆرە ياقا كىيىم كىيۋاتقاچقا ئۇنداق كىيىشمۇ ئەپلەشمەيتتى. ھېچنىمىنى ئويلىمىدىم، ياغلىقىمنى كەينىمدىن ئوراپ ئاددىي بىر قۇر كىيمىم بىلەن باردىم، باردىميۇ، تەمتىرەپ قالدىم. كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىنگىلىز تىلى ماگىستىرلىرى، ياقىلىق ئاق كۆڭلەك، كايتۇم كىيگەنلەر. قايتىپ كېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ يەنىلا قىزىققان كۆڭلۈم سىناپ بېقىشتا چىڭ تۇردى.
مەندە تەجرىبە بار ئىدى، باشقىلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك ئاھاڭ - تەلەپپۇز بار ئىدى. شۇڭىمۇ ئالدىنقى بىر نەچچىسىنىڭ سىناق دەرىسىدىكى دۇدۇقلاپ سۆزلەشلىرى، خەنزۇچە تىپتىكى ئىنگىلىز تىلى ئاھاڭى قايتىدىن  ئۆزۈمگە ئىشەنچ بەردى. مۇنبەرگە چىقتىم. قىسقىچە تونۇشتۇرۇشتىن كېيىن ئۆزۈمگە ياد بوپكەتكەن<<يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى 2- قىسىم >> دىكى بىر دەرىسنى تاللاپ ئۆتۈپ بەردىم.
ئەنە شۇ ماگىستىرلار، ئەنە شۇ نەچچە گۇۋاھنامىسى بارلار<<خەۋىرىمىزنى كۈتۈڭ>> دېگەن جاۋاپقا ئېرىشكەن بولسا، مەن<<ئىستىقباللىق ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىز، 2-قېتىملىق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىڭ>> دېگەن جاۋابنى ئېلىپ قايتتىم. شۇندىلا بىلدىمكى، ئۇنۋان مائارىپى ئەسلىي بىرزگە پەقەت <<گۇۋاھنامە>> دەپ يېزىلغان بىر ۋاراق قۇرۇق قەغەزنىلا بېرىدىكەن. ھاياجاندىن تېلىفۇننى ئۆينىڭ نومۇرىغا باستىم...
ئىككىنچى، ئۈچۈنچى قېتىملىق ئىمتىھانلانىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، چەت ئەللەرنى كۆرۈپ باقمىغان مەن، چەت ئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىر سەپكە قېتىلدىم. شۇ يىلى مەن ئوقۇش پۈتتۈردىغانغا يەنە ئىككى يىل بار ئىدى. شۇڭىمۇ پەقەت شەنبە، يەكشەنبە، بەزىدە كەچلىرى دەرس ئۆتتۈم.
ئادەتتە تەربىيلەش مەركەزلىرى بېرىدىغان مائاشنى سائەت بويىچە ھېساپلايدىغان بولغاچقا، ئۆز قىممىتىمنى، ھەربىر سائەت ۋاقتىمنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك بولدۇم. تەتىللەردە تەكلىپ بىلەن مۇقىم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، دەرىسلىك تۈزدۈم. ھەر خىل ئىمتىھاننىڭ تەربىيلەش يۆنىلىشىنى بېكىتتىم، نۇرغۇن زۆرۈر نەرسىنى ئۈگەندىم.
ھازىر ئپقۇش پۈتتۈردىغان يىلىم كەلدى. پەقەت ھەپتىدە ئۈچ سائەت ئىشلەيمەن. ئايدا 1000سومدىن كۆپ مائاش ئالىمەن. دادامنىڭ دېگىنى بويىچە <<تالاي ئادەم ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئىشلەپمۇ شۇنچىلىك مائاش ئالالميدۇ. ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭ،ئاتا- ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەم شۇنداق تەلەيلىك بولىدۇ.>> ئاللاھقا مىڭلارچە شۈكۈر، ئۆزۈمنى ئۆزۈم باقالايدىغان قىلىپ قويغىنىغا، شۇنداق ئامەت ۋە پۈرسەتنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويغىنىغا.


مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2009 -يىلى 3- سان
ئاپتورى:مۇيەسسەر ئابدۇراھەت (خەندان)

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 08:52:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەندان خانقىزنىڭ بۇ ماقالىسىنى بۇلتۇر شۇنداق ھوزۇرلۇنۇپ ئوقۇغان ئىدىم، ھازىرمۇ قايتا ئوقۇپ چىقتىم.
ئۆزۈم ۋە ئاياللار توغرۇلۇق نۇرغۇنلىغان ئويلار خىيالىمدىن كەچكەن ئىدى.
خەنداننىڭ ماقالىسى ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى.
بىز ئاياللاردا ئەرلەرگە ۋە جەمئىيەتكە يۆلىنىۋېلىش بەكلا ئېغىر. ئىرادىلىك بولۇپ ئۆز ئالدىمىزغا بىرەر ئىش قىلىشنى قىيىن ئويلايمىز. غەيرەتلىك بولساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ئىكەن.

تېما ئاپتورى بولغان خەندان گۈلىستان مۇنبىرىدە بار ئىدى، قايسى كۈنى بىر دوستۇم خەنداننى گۈللۈگ تورىدا بار ئىكەن دەۋاتاتتى. مۇمكىن بولسا خەندان خانقىزنى يەتتە قىزلىرىمغا بىر تەكلىپ قىلساق بوپتىكەن. خەندان بىلەن تۇنۇشىدىغان دوستلار بىر كۆرۈشۈپ بېقىڭلار.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:07 , Processed in 0.067504 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش