يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 427|ئىنكاس: 1

ئۆمەر ھەييام ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ھەييام پارىس شائىرى.ئۇ شائىرلا ئەمەس، جاھانشۇمۇل ئالىم، پەيلاسوپ، ئاستورنۇم ۋە ماتىماتىك. ئۇنىڭ پەلسەپە، ئاستورنومىيە، ماتىماتىكا ۋە ئەدەبىياتقا دائىر ئۇن نەچچە كاتتا ئەسىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم.
ئۆمەر ھەييامنىڭ مىلادى1074-يىلى پادىشاھ  جالالىدىن مەلىكىشاھنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا يەنە  يەتتە نەپەر ئاستۇرنۇم بىلەن بىرلىكتە مەشھۇر باغدات رەسەتخانىسىنى تەسىس قىلغانلىقى، ئۆزى ئۇنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ <جەلالى كالىندارى> دىگەن يىلنامىنى تۈزگەنلىگى ۋە <<زىجى مەلىكىشاھى>> دەپ ئاتالغان رەسەت ئىشلىرىغا  ئائىت مەخسۇس  جەدىۋەل خەرىتىنى  لايھىلەپ سىزىپ  چىققانلىقى  دۇنيا تارىخلىرىدا قەيىت قىلىنغان. خەنزۇ ئالىملىرىدىن گومورونىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۆمەر ھەييامنىڭ  بۇ يىلنامىسىنى  ئەنگىليىلىك مەشھۇر  تارىخشۇناس  گىببون باھالاپ: <<بۇ كالىندار ۋاقىتنى ھېساپلاشتا  جولىئان كالىندارىدىنمۇ توغرا بولۇپ، گىرگورىئان يىلنامىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ>> دەپ مەدىھلىگەن.
    ئەمدى ئۆمەر ھەييامنىڭ << رۇبائىياتى ئۆمەر ھەييام>> (ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى) ئۇستىدە توختالساق ،بىزگە مەلۇم بولۇشىچە، << رۇبائىياتى ئۆمەر ھەييام>> ناملىق ئالەمشۇمۇل  بۇ ئەسەر 1970-يىلغىچە  دۇنيادا ئىنگىلىس ،نېمىس، فىرانسوز، ئىتاليان، ياپون تىللىرىدا  ۋە باشقا نۇرغۇن تىللاردا 80 نەچچە قېتىم نەشىر قىلىنغان.ئاۋۇستىريىلىك مەشھۇر يازغۇچى ھاممىر  ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىنى  ئەڭ ئاۋال نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، <<ئىران تارىخىي ئەدەبىياتى>> ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈپ  بېسىپ ،ئۆمەر ھەييامنى ياۋرۇپاغا تونۇتقان. ئۇ ئەينى زاماندا ئۆمەر ھەييامنى <<شەرىقنىڭ ۋولتېرى>>دەپ تەرىپلىگەن. دۆلتىمىزدە  مەشھۇر شائىر گومورو تەرپىدىن 1958-يىلى خەنزوچىغا تەرجىمە قىلىنىپ  نەشىر قىلىنغان (ئېنگىلىسچىدىن)
    ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىغا بېرلىۋاتقان  باھانى مۇنداق بىر مىسال ئارقىلىق گەۋدىلەندۇرۇش  زۆرۈر.
     ئېنگىلىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان  <<ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى>> نەشىرلىرىنىڭ بىرسىدە  كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىنى  زىبۇ- زىننەتلىك چىقرىش ئۈچۈن ،ئەنگىليە ھۆكۈمىتى بىر مۇسابىقە ئېلان قىلغان.بۇ مۇسابىقە شەرتىدە :<<كىمكى بۇ كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىغا رەسىم سىزىشتا  ئەڭ ئەلا دەرىجىگە ئېرىشسە ئىككى مىڭ فۇنت مۇكاپات بېرىلىدۇ>> دىيىلگەن ۋە بۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان.بۇ مۇقاۋىدا ئىراننىڭ تارىخىي  مىللىي ئەنئەنىسى  گۈل بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇشى ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭدا  قاناتلىرىنى كېرىپ  ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇۋاتقان ئالتۇن پەرلىك بىر قۇشنىڭ سۈرتى  سىزىلغان بولشى كېرەك ئىكەن.مەلۇمكى ،بۇ قۇش بۆلەك قۇش ئەمەس ،بەلكى ئۆمەر ھەييامنىڭ  بىر رۇبائىيسىدا_
<<قۇش ئىدىم ئۇچتۇممەن  سىر دۇنياسىدىن،
يىتەي دەپ يۈكسەككە ،ئۆتۈپ پەردىدىن...
تاپمىدىم بۇ جايدىن سىرداش بىر كىشى ،
چىقتىممەن ئاستا ئۇ كىرگەن ئىشىكتىن.>>- دىيىلگەن قۇش؛ئالەمنىڭ ئالدى-كەينىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ،ئىلاھى<<سىر دۇنياسى>>دىن ئۆتمەكچى بولغان ۋە مەۋھۇم <<پەردە>>دىن ئۆتۈپ ،ھەقىقەت يۈكسەكلىكىگە  يېتىش ئارزۇسىدا  ئۇچقان قۇش؛<<ئۆمەر ھەييام>>ئاتلىق قۇش.ھاياتنى تەكشۈرۋاتقان  شۇ تىنماس قۇش ،شۇنچە زور ئىشنى ئۈستىگە ئالغان بۇ قۇش - ئۆمەر ھەييامنىڭ سىمۋولى ئىدى.
     ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخ سىنقىغا  بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى ھېكمەت،كۈچ-ئەڭ ئاۋال ئۆمەر ھەيامنىڭ پىكىردىكى ھۆرلىكى ۋە جەسۇرلىقىدۇر.ئۇ ھىچنىمىنىڭ بوغۇشىغا  بوي بەرمەيدىغان ھۆر يۈرەك ۋە ھىچنىمىدىن قورۇقمايدىغان شائىرانە جاسارەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ ،شۇ چاققىچە تېخى ھېچ كىشى قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان  خۇراپىي ئېتقاتقا ،مەۋھۈم ساماۋىي كۈچكە قارشى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ_
كىم كۆردى جەننىتىڭ، دوزىقىڭ ئەي دىل؟
كىم كەلدى ئۆلگەندىن ،قىل گېپىڭ ئەي دىل.
بىز قورۇققان ،يېلىنغان  نەرسىنىڭ،ئاڭلا:
ئىسمى بار،جىسمى يوق...مۇشۇ-جىڭ.ئەي دىل!
-دېگەن.
     <<ھەييام>> -ئۇنىڭ تەخەللۇسى. بۇ سۆز ئەسلى ئەرەپچە سۆز  بولۇپ  <<خىمە>>(چىدىر،بارگاھ) دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن،مەنىسى<<چىدىر>> دېمەكتۇر. ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە بۇ تەخەللۇسنى قويغانلىقى توغۇرسىدا  تۈرلۈك كۆز قاراشلار بار.بۇ يەردە ئېيتىلۋاتقان <<چىدىرچى>> ئاددى يىپ-يۇڭ رەخىتتىن چىدىر توقۇيدىغان<<چىدىرچى>> ئەمەس،بەلكى پىكىردىن ،ھېس -تۇيغۇدىن ،پەلسەپىدىن ۋە ھايات سىرىنى ئاچىدىغان  ئەقىل- ئىدراكتىن  چىدىر توقۇيدىغان چىدىرچى .بىزنىڭ بۇ كۆز قارشىمىزنى ،مەزكۈر <<چىدىرچى>>نىڭ ئۆزى بەزى رۇبائىيلىرىدا  يىشىپ بېرىدۇ.
پەلسەپە چادىرىن ھەييام تىكەردى،
ئاتەشى غەمگە ئۇ چۈشتى...ئۆرتىدى!
كەستى ئۆمۈر تانابىن ئەجەل قايچىسى،
دەللام ھەم باھاسىن بەك ئەرزان دىدى.
    دېمەك ،ئۆمەر ھەييام ئۆز زامانىسىدا پادىشالارنى ماختاش بىلەن جان باقىدىغان<<ساراي شائىرلىرى >> ئەمەس ئىدى.ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانى مۇنداق:
بولسا ھەر كىشىنىڭ بىر پۇچۇق نېنى،
پاتقۇدەك ماكانى باشۇ ھەم تېنى .
ھېچكىمگە بولمىسا يا قۇل، يا خوجا،
دۇنيادا بەخىتلىك سانىغىن سەن شۇنى .

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدا كۆپۇنچە <<مەي>>،<<قاۋاق>>   دىگەن سۆزلەرنى ئۇچىرتىپ تۇرۇمىز.مەسلەن:
ياخشىدۇر ئاق رومكا ،قىپ-قىزىل ھاراق،
ياخشىدۇر چاڭ،دۇتتار ئاڭلىسا قۇلاق.
جامۇ مەي كەيپىدىن بىخەۋەر سوپى،
ياخشىدۇر بىزدىن ئۇ ،بولسا بەك يىراق.

مەي نەغمە ،ھۆر كەبى ئۈلپىتىڭ بولسا ،
سۇ بويى،چىمەندە سۆھبىتىڭ بولسا ؛
ھوزۇرلان بۇنىڭدىن ئويلىما دوزاق،
بۇنچىلىك بولغاي ئۇ جەننىتىڭ بولسا.

سازچى،مەي،ئۈلپەتلەر بارى تەخ تۇرسا،
مەن قانداق جىم تۇراي،بەزمى نەخ تۇرسا.
شىشىگە مەي تولسا ،باغ دېگەنگە ساز،
نېمە ئۇ بېھىش،ھۆر...بۇنداق بەخ تۇرسا.   (<<بەخ>> بەخىت دېگەن مەنىدە)

.........................................
.......................................ئۇنىڭ روبائىيلىرىدىكى  مەي،شاراپ  سۆزلىرىنى كۆپ ئىشلەتكىنىگە قاراپ بەزىلەر ئۆمەر ھەييامنى  مەيگە بەك ئامراق بولسا كېرەك دەپ قارشى مۇمكىن.تارخىي مەنبەلەرگە قارىساق،ئۆمەر ھەييامنىڭ ئۆز ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ  ھاراق ئىچىپ باقمىغانلىقىنى  ،شۇڭا ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى مەي، شاراپنى نوقۇل ھالدا مەي، شاراپ دەپ  چۈشەنمەسلىك كېرەكلىكىنى قەيىت قىلىدۇ.

مەنبە: ئاقىللار تورى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:39:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى مەي-شاراپنى مەي-شاراپ دېمەي، نېمە دەپ چۈشەنسەك بولار؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:45 , Processed in 0.049626 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش