بايرون شىېرلېرىدىن
ئويلىسام ئىككىمىز خوشلاشقان چاغدا
ئويلىسام ئىككىمىز خوشلاشقان چاغدا
ئۈن-تىنسىز تۆكۈپ ياش، چەككەنتۇق ھەسرەت.
كۆپ يىللىق ھىجراننى سەزگەندەك يۈرەك
بولغانتى سەكپارە بېرەلمەي تاقەت.
تاتىرىپ چىرايىڭ، سۇۋۇغان مۇزدەك،
سۆيۈشۈڭ مۇزدىن سوغ ئىدى شۇ سائەت.
ئىخ. ئاشۇ چاغدىكى ئالامەت ماڭا
بۈگۈنكى ئازابتىن بەرگەن بىشارەت.
تاڭ سەھەر ياپراققا قونغان سۇغ شەبنەم،
چۈشكەندە دۇمۇلاپ، سۇۋۇدى چېكەم.
ھە، ئاشۇ تۇيغۇ-ھېس تۇيۇلدى ئەجەپ
ئاگاھ بول، دېگەندەك پېقىرنى شۇدەم.
ئىكەنسەن ئەسلىدە شۇنچىلىك شاللاق،
نەلەردە قالدى ئۇ سەن بەرگەن قەسەم،
كىشىلەر ئىسمىڭنى ئالغاندا تىلغا
قاپلايدۇ دىلىمنى ئىزا ۋە ئەلەم.
تەرىپىڭ قىلىشسا ئالدىمدا ئۇلار،
ئۇ ماتەم كۈيىدەك دەردلىك تۇيۇلار.
تىترەك باسىدۇ تېنىمنى تامام،
نېمىشقا ساڭىلا ئىشقىم قۇيۇلار.
بىز سىرداش ئىكەننى بىلمەيدۇ ھېچكىم،
ئاھ، ئۆتكەن سىردىشىپ يېقىن شۇنچىلا.
قىلىمەن پۇشايمان ئۇزاقتىن-ئۇزاق،
دەيمەنكى، بىلمىسە بۇ سىرنى ياتلار.
كۆرۈشسەك بىز يەنە يوشۇرۇن دىدار،
بولىمەن ئۈن-تىنسىز ھەسرەتكە ئەسرار.
سېلىپسەن دوپپامغا جىگدە، تەپ تارتماي،
ئۇنتۇغاچ يۈرىكىڭ ئاخىرى، دىلدار.
ناۋادا ئارىدىن ئۆتۈپ نۇرغۇن يىل،
تۇيۇقسىز ئۇچراشساق بىز بى ئىختىيار؛
نېمە دەپ چاقىرسام بولاركىن سېنى؟
تۇرارمەن تۆكۈپ ياش، گەپ-سۆزسىز زىنھار.
1808-يىل
بولدى ئەمدى بىللە قىلىپ يۈرمەيلى سەيلى
1
بولدى ئەمدى بىللە قىلىپ يۈرمەيلى سەيلى،
خىلۋەت تۈننى ئۆتكۈزمەيلا كېتەيلى مەيلى،
ئاي يەنىلا يارقىن شولا چېچىپ تۇرسىمۇ،
يانمىسىمۇ يۈرىكىمنىڭ سۆيۈشتىن پەيلى.
2
تەشكەندەك ئۆز غىلاپىنى ئۇپرىتىپ خەنجەر،
روھمۇ كېلىپ يۈرىكىمنى مۇجىدى بەتتەر،
ئېھ، يۈرىكىم ، دولقۇنلاشتىن توختاپ ئال نەپەس،
مۇھەببەتمۇ چىن ئارامغا بولسۇن مۇيەسسەر .
3
مۇھەببەتكە باپ بولسىمۇ بۇ ئايدىڭ كېچە،
تاڭ ئاتىدۇ ئۇپۇق يورۇپ ھەش-پەش دىگۈچە،
بىراق ئەمدى قىلالمايمىز بىز بىللە سەيلى،
بۆلىنىپ ئاي شولىسىغا يەنە قانغۇچە .
1817-يىل 2-ئاينىڭ29-كۈنى
كۈي
1
بىرمۇ گۈزەل بولالماس سەن جانادەك،
سېھرىي كۈچۈڭ بولدى كۆڭۈل ئۇتقاندەك،
بالدەك شىرىن ئۈنۈڭ ماڭا تۇيۇلدى،
سۇ يۈزىنى يېقىملىق كۈي قۇچقاندەك،
شۇ ئۈنۈڭدىن دېڭىزلارنىڭ دولقۇنى،
جىمىپ قالدى مەپتۇن بولۇپ ياتقاندەك،
تاۋلىنىدۇ جىمجىت دېڭىز كۆز چېقىپ،
شامال ئۇخلار چۈش قوينىغا پاتقاندەك
2
ئاي شولىسى تەڭ كېچىدە ئوخشۇتۇپ،
كۆمۈش ھالقا ياسار دولقۇن قوغلىشىپ ،
دېڭىز لەرزان تەۋرەر گويا . قويغاندەك،
شوخ بوۋاقنى بۆشىكىدە ئۇخلىتىپ،
يۈرىكىممۇ تەلپۈنىدۇ شۇ سىياق،
ئاۋازىڭنى تىڭشاش ئۈچۈن زوقلىنىپ،
چايقالغاندەك يازدا دېڭىز دولقۇنى،
نازاكەتلىك تۇيغۇ ئىچرە تولغۇنۇپ.
ھاياتىڭ تۈگىدى
1
ھاياتىڭ تۈگىدى تارالدى نامىڭ
ۋەتىنىڭ كۈيىگە پۈتۈلدى شانىڭ،
چىقماس ئەل ئېسىدىن مۇنەۋۋەر ئوغلان،
زۇلپىقار ئوينىتىپ ياۋنى قىرغىنىڭ،
ئۇنتۇلماس ئىش ئىزىڭ ، جەڭدىكى غەلبەڭ،
ھۆرلۈكنى قانداقچە بەرپا قىلغىنىڭ !
2
يىقىلدىڭ بىز ئەركىن بولساقلا بىراق،
ھالاكەت ئىلكىدىن تۇرىسەن يىراق،
ئۇنتۇلۇپ قېلىشچۈن ئاقمىدى يەرگە،
بولۇپ پاك تېنىڭدىن قۇتلۇق قان بۇلاق،
ئۇ بىزنىڭ تومۇردا ياسار زور ئېقىن ،
ياشار ھەر نەپەستە مەرت روھىڭ ئۇزاق!
3
ھۇجۇمچى قوشۇنغا نامىڭ كۈچ مادار،
جەڭلەردە بىر ياڭراق جەڭگىۋار شۇئار!
ئەجىلىڭ بولدى كۈي خورلارغا مەزمۇن،
قىزلارنىڭ كۈيىدە جاراڭلاپ تۇرار،
كۆز يېشى قىلالماس شەنىڭگە ئادا،
ھەسرەتلىك ماتەممۇ ھاجەتسىز زىنھار .
ئافىنا قىزى*
سەن ئەمەسمۇ جېنىم سېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال
1
ئەي ئافىنا قىزى ئۇشبۇ ھىجران ئالدىدا
يۈرىكىمنى قايتۇرۇپ بەر ئۆزۈمگە دەرھال!
ۋە ياكى ئۇ بولغاندىكىن مېنىڭدىن جۇدا ،
قالدۇرماستىن ھەممىنى ئال قالغاننىمۇ ئال !
خوش دىگۈچە قىلاي ئىزھار قەسىمىم ئاڭلا :
سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال.
2
يايما بۈدرە چاچلىرىڭنى ئۆتىدۇ تاراپ،
ھەردەم ئېگەي دېڭىزىدىن كەلگەن شوخ شامال ،
تال- تال ئۇزۇن كىرپىكىڭگە تويمايمەن قاراپ ،
ئۇ ئاناردەك چىرايىڭنى سۆيەر بىمالال،
بېقىپ جەرەن كۆزلىرىڭگە ئېيتىمەن يايراپ:
سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال .
3
بىر سۆيۈشكە تەشنا قىلغان لەۋلىرىڭ ياقۇت ،
ئەۋرىشىمدۇر بېلىڭ ، زىبا بويۇڭ مەجنۇنتال،
رىشتىمىزنى باغلىغۇچى كۆركەم گۈلۈڭ تۇت *
بۇڭا ھەممە سۆز-ئىبارە بولالماس ھىچ دال.
دەيمەن ئىشقىڭ غەم قايغۇسى قىلسىمۇ نابۇت ،
سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال.
4
غېرىپسىنىپ قالساڭ،مېنى ئەسلەپ تۇر ھامان ،
ئەي ئافىنا قىزى ، خەيرىخوش بۇندا ياخشى قال .
كېتىۋاتقان بولساممۇ مەن ئىستانبول تامان ،
قىلدى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئافىنا قامال .
قانداقلارچە سۆيمەي سېنى ؟ سۆيىمەن جانان!
سەن ئەمەسمۇ جېنىم مېنىڭ ئىشقىڭدا مەن لال.
2*گىرىتسىيىدە قىزلار بىرەر سوۋغات ئارقىلىق قەلبىدىكى سۆزلەرنى ئىپادىلەيدۇ .مەسىلەن:يىگىتكە بىر تال شاخار بېرىش ئارقىلىق «مەن ئىشقىڭدا كۆيىۋاتىمەن»دىگەن مەنىنى بىلدۈرسە، چېچى بىلەن باغلانغان بىر دەستە گۈل بېرىش ئارقىلىق «مېنى بىللە ئالغاچ كەت» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ
كۆرگەن ئىدىم يىغلىغىنىڭنى*
1
كۆردۈم يىغلاپ تۇرغىنىڭنى -- يالتىرايتتى ياش
تولۇپ كۆپكۆك، شەھلا كۆزۈڭ چاناقلىرىغا.
ئويلىغانتىم، ئەمەسمۇ بۇ شەبنەمگە ئوخشاش
چاقنىغىنى قونۇپ گۈلنىڭ ياپراقلىرىغا.
كۆرگەن ئىدىم كۈلگىنىڭنى -- ھالرەڭ گۆھەر تاش،
ئالدىڭدا ئوت بېرەلمىگەن چاقماقلىرىڭغا.
ئېخ، گۆھەر تاش چاقناشلىرى قانداقچە تەڭداش
بولالىغاي شوخ قارىشىڭ پىراقلىرىغا.
2
بۇلۇت يىراق ئۇپۇقتىكى قۇياشتىن گويا
ئۆز ھۆسنىگە ئالغىنىدا قېنىق ، كۆركەم رەڭ؛
سايە تاشلاپ گۇگۇم يېقىن كەلسىمۇ ئاستا،
ھەيدىيەلمەي ئۇنى ھالى بولغىنىدەك تەڭ؛
ساپ - بىغۇبار شاد - خوراملىق قىلغانتى ئاتا،
غەمگە سىرداش ۋۇجۇدۇمغا يېقىملىق كۈلكەڭ.
رۇخسارىڭدىن چاقنىغان نۇر قالدۇردۇڭ ماڭا،
زەر تۆككەندەك قۇياش قەلبىم ئاسمىنىغا كەڭ.
يافۇسانىڭ قىزى*
يافۇسا-قەدىمىقى ئىسرائىلىيە سودىگەرلىرىدىن بىرى .ئۇ جىلئەت ئاقساقاللىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لەشكەر تارتىپ ئامان قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە جەڭدە غەلبە قىلىدۇ. ئۇ غەلبە قازىنىشتىن ئىلگىرى ئىلاھقا<ئۆز ئېلىمگە قايتقاندىن كېيىن ئالدىمغا تۇنجى بولۇپ ئۇچرىغان نەرسىنى كۆيدۈرۈپ نەزىر بېرىمەن>دەپ قەسەم قىلغان ئىدى. ئۇ غەلبە بىلەن يۇرتقا قايتقاندا يۇرتقا يېقىن قالغان جايدا ئۆزىنى ناخشا ئۇسۇللىرى بىلەن قارشى ئېلىشقا چىققان بىر توپ قىزلارنى ئۇچرىتىدۇ. ۋاھالەنكى توپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغىنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر قىزى بولۇپ چىقىدۇ. ئاتىسىنىڭ ئىلاھقا بەرگەن قەسىمىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قىزى دوستلىرى بىلەن يۇرتىدىكى تاغ ئارىسىدا ئىككى ئاي ماتەم تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئاندىن ئۆزىنى مەرتلەرچە قۇربان قىلىدۇ .
1
مەيلى ئەمدى جان ئاتا ، ئۆز ئېلىمىز تەڭرىمىز ،
قىزىڭىزنى گىرىپتار قىلغاندىكىن ئۆلۈمگە؛
كەلگەندىكىن قەسەمنىڭ كۈچى بىرلە غەلبىڭىز،
ئۇرۇڭ دەرھال خەنجەرنى قىزىڭىزنىڭ كۆكسىگە،
2
مەن قايغۇرۇپ تەقدىرگە ئىڭرىمايمەن ھەسرەتلىك،
ئىزىم چۈشمەس يۇرتۇمنىڭ تاغلىرىغا قايتىدىن ،
قىلغىنىدا مەن ئامراق شۇ قول مېنى رەمەتلىك،
ھېچ ئازاپسىز كەتكەيمەن تىغ ئۇرسىڭىز ئارقىدىن .
3
ئىشىنىڭكى جان ئاتا بۇ سۆزۈمنىڭ ۋەزنى بار،
قىزىڭىزنىڭ تېنىدىن ئاققۇسى ساپ قىزىل قان ،
ئۇ بەئەينى مەن قىلغان دۇا ئوخشاش بىغۇبار،
ئۇ گوياكى ئاخىرقى خىيالىمدەك پاك ھامان .
4
يىغلاپ قۇددۇس قىزلىرى يېلىنسىمۇ قانچىلىك،
ئەي سۇدىيە ئەي پەلۋان بولمىسۇن ھېچ كارىڭىز،
ئاخىر سىزگە، ۋەتەنگە كەلدى ھۆرلۈك ئەركىنلىك ،
ئۇلۇغ جەڭدە مەن بىلەن بولۇپ غەلبە يارىڭىز،
5
تومۇرۇمغا سىز بەرگەن ساپ قان ئېقىپ پۈتكەندە ،
ئۆچكەندە سىز ئاڭلاشقا ھەردەم خۇشتار بۇ ئۈنۈم ،
ئارام تاپقاي كۆڭلىڭىز ئەسلىمىنى كۈتكەندە ،
ئېسىڭزىدىن چىقمىغاي كۈلۈمسىرەپ ئۆلگىنىم !
تۇماس مور (1779-1852)ئېرلاندىيەلىك شائىر بولۇپ بايروننىڭ قەدىناس دوستى ئىدى. بايرون بۇ شېئىرنى 1817-يىل7-ئايدا سەپەرگە
ماڭغاندا يېزىپ قالدۇرغان.
توماس مورغا*
1
تۇرىدۇ قولۋىقىم قىرغاقتا مانا ،
تۇرىدۇ دېڭىزدا كېمىمۇ يانا،
سالامەت بول دەيمەن قەدەھ كۆتىرىپ،
مېڭىشتىن ئىلگىرى تۇماس مور ساڭا!
2
كېتىمەن قالىدۇ ئۆچمەنلەر كۈلۈپ،
قالىدۇ سۆيگەنلەر ھەسرەتكە چۆكۈپ،
قانچىلىك ئۆزگەرسە ئۆزگەرسۇن ھاۋا،
ھەرقانداق بوراننى ئالىمەن كۈتۈپ.
3
تۇرسىمۇ چۆرەمدە دېڭىز ھۆكىرەپ،
بارىمەن يەنىلا ئالغا ئىلگىرلەپ،
بولسىمۇ ئەتراپىم قۇملۇق باياۋان ،
تاپىمەن يەنىلا بۇلاقنى ئىزدەپ.
4
ئاخىرى تامچە سۇ قالسىمۇ پەقەت،
تۇرساممۇ ھاسىراپ ئۇسساپ مەن قەۋەت،
ھۇشۇمدىن كەتمەستە شۇ تامچە سۇنى،
ئىچىمەن سالامەت بولغىن دەپ ئەبەت.
5
ئالساممۇ قولۇمغا مەيگە تولغان جام ،
تامچە سۇ تىلىكى ئۆزگەرمەس تامام ،
دەيمەنكى تۇماس مور بولغىن سالامەت،
روھىمىز بىرلىكتە تاپقاي خۇش ئارام .
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشر قىلغان «خەزىنە گىرۋەكلىرى» دىن ئېلىندى. مۇھەممەدئىمىن تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 13:29