يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 784 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 978|ئىنكاس: 3

ھەقىقىي ئەركەك قارشى چىقىشنى بىلىدۇ، [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1868

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:17:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي ئەركەك قارشى چىقىشنى بىلىدۇ، بىراق ئورۇنسىز قۇربان بېرىدىغان ئىشنىمۇ قىلمايدۇ


چەت ئەلدىكى بىر شەھەردە شەھەر باشلىقى ياردەمچىلىكىگە جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئادەم تەكلىپ قىلىپتۇ.شەرتى : تەكلىپ قىلىنغۇچى چوقۇم ئەر بولۇشى كېرەككەن. بۇ يەردىكى ‹‹ئەر كىشى›› دېگەن گەپنىڭ نوقۇل فىزىئولوگىيىلىك پەرقنى ئەمەس، بەلكى مەنىۋى پەرقنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بەش قولدەك ئايان ئىكەن.
مەدەنىيەت ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا جەھەتتىكى قاتمۇ قات تاللاشتىن كېيىن ئۈچ ئادەم ئاخىرقى قېتىملىق ئالاھىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپتۇ. بۇ، ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەل ئىكەن. بۇ ئۈچ ئادەم نۆۋەت بويىچە كىرىپ ئىمتىھان بېرىپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىمتىھاننى شەھەر باشلىقى ئۆزى ئاپتۇ.
تۇنجى بولۇپ بىر ئەر كىشى كىرىپتۇ. ئۇ، سېرىق چاچلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، پېشانىسى كەڭرى، بەسىتلىكك كىشى ئىكەن. شەھەر باشلىقى ئالاھىدە بېزەلگەن بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كەپتۇ. پول پۈتۈنلەي ئۇششاق ئەينەك سۇنۇقلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، قارىسا، ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدىكەن.شەھەر باشلىقى سۈرلۈك تەلەپپۇزدا دەپتۇ:
ــ ئۈستەلدە بىر ۋاراق جەدۋەل بار، يالاڭ ئاياغ كىرىپ ئاشۇ جەدۋەلنى تولدۇرغاندىن كېيىن ماڭا تاپشۇرۇڭ.
ھېلىقى ئەر ئىككىلەنمەستىن ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، ئۆتكۈر ئەينەك سۇنۇقلىرىغا دەسسىگىنىچە جەدۋەلنى ئېلىپ چىقىپ تولدۇرۇپ شەھەر باشلىقىغا بېرىپتۇـ دە، جاندىن ئۆتىدىغان ئاغرىققا چىداپ، خاتىرجەم قىياپەتتە شەھەر باشلىقىغا قاراپ تۇرۇپتۇ. شەھەر باشلىقى ئۇنىڭغا بىر چوڭ زالنى كۆرسىتىپ دەپتۇ:
ــ ئاۋۇ زالدا ساقلاپ تۇرۇڭ!
ھېلىقى كىشى بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپتۇ.
شەھەر باشلىقى ئىككىنچى بولۇپ كىرگەن كىشىنى ئالاھىدە ياسىلىپ ، ئىشىكى ھىم ئېتىلگەن يەنە بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كەپتۇ ۋە سوغۇق تەلەپپۇزدا:
ــ ئۆيدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بىر ۋاراق جەدۋەل بار، ئاشۇ جەدۋەلنى ئېلىپ چىقىپ تولدۇرۇپ ماڭا بېرىڭ!ــ دەپتۇ.
ھېلىقى كىشى ئىشىكنى ئىتتىرگەنىكەن، ئېچىلماپتۇ.
ــ بېشىڭىز بىلەن ئىتتىرىپ ئېچىڭ!ــ دەپتۇ شەھەر باشلىقى بۇيرۇق قىلىپ.
ھېلىقى كىشى ئارتۇق گەپ قىلماي ئىشىككە ھەدەپ ئۈسۈشكە باشلاپتۇ. ئۈسە-ئۈسە... ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۇنىڭ بېشى يېرىلىپ، يۈز-كۆزى قانغا بويىلىپتۇ، ئىشىك ئاخىرى ئېچىلىپتۇ ۋە جەدۋەلنى ئېلىپ چىقىپ ئەستايىدىل تولدۇرۇپ شەھەر باشلىقىغا بېرىپتۇ. شەھەر باشلىقى ئۇنىڭغىمۇ:
ــ ئاۋۇ زالدا ساقلاپ تۇرۇڭ،ــ دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىشى ئىچىدە خۇشھال بوپكېتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ساغلام ۋە كۈچلۈك ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپتۇ. ئەمما، شەھەر باشلىقىنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق رازىمەنلىك ئالامىتى يوقمىش.
شەھەر باشلىقى ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر ئەر كىشىنى بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا باشلاپ كېلىپ ئۆيدىكى ھەم ئورۇق، ھەم ئاجىز بىر بوۋاينى كۆرستىپ تۇرۇپ دەپتۇ:
ئۇنىڭ قولىدا بىر ۋاراق جەدۋەل بار، ئاشۇ جەدۋەلنى ئېلىپ تولدۇرغاندىن كېيىن ماڭا بېرىڭ! ئەمما ئۇنى ئۇرۇپ يىقىتمىسىڭىز جەدۋەلنى سىزگە بەرمەيدۇ!
ــ ئۇنى نېمىشقا ئۇرغۇدەكمەن، سەۋەبىنى دەپ بېرىڭ!ــ دەپتۇ ھېلىقى كىشى شەھەر باشلىقىغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ.
ــ بۇ دېگەن بۇيرۇق!
ــ قىپقىزىل ساراڭكەنسىز! نېمىدەپ ئۇ .ئاجىز بوۋاينى ئۇرغۇدەكمەن؟
شەھەر باشلىقى ئۇنى ئالدىنقى ئىككى كىشىگە ئوخشاش پولغا ئەينەك سۇنۇقلىرى چېچىلغان ئۆي بىلەن ئىشىكى ھىم ئېتىلگەن ئۆيگە كىرىشكە بۇيرۇپتۇ، ئەمما ھېلىقى كىشى بۇنىمۇ رەت قىپتۇ. شەھەر باشلىقى ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ھومىيىپتۇ.
بۇنى كۆرۈپ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كىشى ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ مېڭىپتۇ. ئەمما شەھەر باشلىقى ئۇنى چاقىرىپتۇ.
شەھەر باشلىقى بۇ ئۈچەيلەننى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارغا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى كىشىنىڭلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپتۇ.
باش-كۆزى ۋە پۇتلىرى قاناپ كەتكەن ھېلىقى ئىككى كىشى بۇ ئۈچىنچى كىشىگە سىنچىلاپ قاراپتۇ چە ئۇنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق زەخمىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ، شەھەر باشلىقىنىڭ بۇ قارارىغا قايىل بولماي تەڭلا سوراپتۇ:
ــ بۇ قانداق گەپ؟
ــ ھېچقايسىڭلار ھەقىقىي ئەركەك ئەمەسكەنسىلەر،ــ دەپتۇ شەھەر باشلىقى.
ــ نېمە؟!ــ ھېلىقى ئىككىسى يەنە چۇرقىرىشىپتۇ.
شەھەر باشلىقى سەمىمىيلىك بىلەن چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ شۇنداق دەپتۇ:
ــ ھەقىقىي ئەركەك قارشى چىقىشنى بىلىدۇ، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئىتائەتمەنلىك قىلىپ، ئورۇنسىز قۇربان بەرمەيدۇ!

ھاسىلكالام: ھەقىقىي ئەركەك توخۇ يۈرەك بولماسلىقى، گېزى گەلگەندە كۆكرەك كېرىپ چىقىشنى بىلىشى، ھەممىگىلا قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىۋەرمەي ئۆزىنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى لازىم. دۇرۇس، دۇنيادا ئەر كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، ئەمما، يۇقىرىقى ئۆلچەمگە چۈشىدىغان ھەقىقىي ئەركەكلەر ئىنتايىن ئاز.


شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى.
2009-يىل 5-سان.


مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:04:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ئەر كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، ئەمما، يۇقىرىقى ئۆلچەمگە چۈشىدىغان ھەقىقىي ئەركەكلەر ئىنتايىن ئاز.

ناھايتى جايىدا ئېيتىلغان گەپ!

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئەرلەرنىڭ ئەرلىكى نوقۇم جىسمانىيەت جەھەتتىن ئەمەس ، پەم پاراسەت، جىددى مۇرەككەپ، نازۇك مەسىلىلەرگە قارىتا ئەتراپلىق پىكىر بايان قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، ھۆرمەت ئارقىلىق ھۆرمەت تېپىش، ئۆزىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت، كەسپ ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى قىممىتىنى بايقاش ھەمدە يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن ئۆلچىنىدىغان بوپ كەتتى. بۇلارنى تەڭلا ئېلىپ بارماق تولىمۇ تەس ئەمما مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:03:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ بۇ شېئىر يادىمغا كەلدى :
تۇرمۇشقا قاراپ
كۈلۈمسىرىدىم
ھەم ئۆزۈمگە دېدىم :
<< بەخت ئاجىزلارنى ياقتۇرمايدۇ ،
سۈرتكىن يېشىڭنى پەقەتلا ئۆزۈڭ .
باق يىراققا ،بۈگۈنگە ھەم ،
نۇرغا تولسۇن چېھرىڭ ھەم دىلىڭ ........................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:42 , Processed in 0.052526 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش