يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 4

بۇرۇت كاشىلىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:59:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىن


ئادىشاۋوي نېمە بولدۇڭلار؟

- نېمە بوپتىمەن؟

- چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدىغۇ، ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋازدەك؟ ئايالىڭ خېتىڭنى بېرىۋەتمىگەندۇ؟

- تولا چاقچاق قىلمىغىنە؟ «ئىشەك ئۆلۈۋاتسا، بىر نېمىسى غىجەك تارتىپتۇ» دېگەندەك؟

- ئەمىسە نېمە بولدۇڭ؟

- نېمە بولاتتىم؟ بۈگۈن ماۋۇ باشلىق دېگەن ئاداش «بۇرۇتۇڭنى ئالدۇرماپسەن، 100 كوي جەرىمانە تۆلەيسەن، ماۋۇ بۇرۇتۇڭنى دەرھال يوقاتمىساڭ جەرىمانە يەنە قاتلىنىدۇ» دەيدۇ!

- شۇ گەپمىتى؟ ئېلىۋەتسەڭ بولمامدۇ، ھەممەيلەن ئالدۇرىۋەتكەندىكىن؟

- نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ؟ يىگىرمە نەچچە يىللىق قەدىناس بۇرۇت ماۋۇ! ئەر كىشى دېگەننىڭ بۇرۇتى بولمىسا ئاجايىپلا بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ بۇرۇت قويۇش ئادىتى بارلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان تۇرسا. ئىدىيە دەمدۇ، خىزمەت دەمدۇ ھەرقاندىقىدا بىزدە چاتاق يوق. يەنە نېمىگە ... بولدىلا ساڭىمۇ چۈشەندۈرۈپ بولالمىغۇدەكمەن.

- قانچە قاقشىساڭمۇ بىكار ئاداش، بۇ دېگەن يۇقۇرىنىڭ بۇيرىقى ئىكەن. ئىجرا قىلمىساق بولمايدۇ.

- ھوي، يۇقىرى دېگەن قەيەر؟ ئۇ يەردىمۇ بىزدەكلەر باردۇ؟

- ھا ھا ھا ، يۇقۇرىنىمۇ بىلمەمسەن؟ يۇقۇرى دېگەن ئۈرۈمچى.

- ئۈرۈمچى؟ ئۈرۈمچىدىمۇ بىز بىلەن بىر يەرلىك ئادەملەر كۆپقۇ؟ مۇشۇنداق بۇيرۇقنى شۇلار چۈشۈرەمدۇ؟ ئۇ يەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەتىر سوپۇندەك يۈرمەيدىغاندۇ؟

- دەل شۇنداق يۈرۈيدۇ. دەنشىدە (تېلېۋىزور) كۆرمىگەنمىتىڭ؟ زاماننىڭ كەينىدە قاپسەن جۇمۇ؟

- بولدى، بولدى. سەن بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماي يەنە.

ئاچچىقىمنى ئاران بېسىۋېلىپ ئۆيگە كەلدىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. ئۆزەمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تېلېۋىزۇرنى ئاچسام بىر ئاداش «خوتۇن مانا ساڭا ئوسما ئالغاچ كەلدىم» دەۋېتىپتۇ. قارىسام يۈزى پاكىز يۇيۇلغان ياڭيۇدەكلا تۇرىدۇ، يەنە بىر قانالغا يۆتكىسەم بىرسى ھەدەپ خەۋەر سۆزلەۋېتىپتۇ، يەنە بىرسىگە يۆتكىسەم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى تۇنۇشتۇرىۋېتىپتۇ، يەنە بىرسىگە يۆتكىسەم ئىتوت ئويناۋېتىپتۇ... ھەممىسى ياڭيۇكەن ئەمەسمۇ!

تېلېۋىزورنى «پاسسىدە ئۆچۈردۈم-دە ئاچچىقىمدا ساتراشخانىغا ماڭدىم. ئىچىمدە « ئۈرۈمچىدە ئەر كشى يوقمۇ نېمە؟ » پىچىرلىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە.


جۇلالىق: بۇرۇن ياقتۇرۇپ ساقلىۋالغان ئەسەر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇت ماجراسى دەپ ئاڭلىغاندەك قىلىۋىدىم ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:25:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2005 - يىلى ئىنىممۇ شۇنداق يارىشىملىق بۇرۇتنى خىزمەتكە تېگىشكەن ئىدى .
(تاس قالغان شۇ بۇرۇت سەۋەنلىك خىزمەتكە قوبۇل قىلىنماي قالغىلى )

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقال-بۇرۇتۇم ئۆسۈپ قالغان كۈنلەردە، ئۇيغۇر باشلىقىم ماڭا «كۆڭۈل بۆلۈپ» تۇرىدۇ.
خەنسۇ باشلىقىمغۇ ھازىرغىچە «ساقال-بۇرۇتۇڭنى نىمىشقا ئۆستۈرۈۋالدىڭ؟» دەپ باقمىدى.
بەلكىم، ئۇيغۇر باشلىقىم «كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندىكىن»، خەنسۇ باشلىقىم خاتىرىجەم بولغان چىغىۋا؟
مۇشۇ ساقال-بۇرۇتنىڭ بىزدىكى خۇدۇكسىرەشكە، ئەنسىزچىلىككە سەۋەپ بولۇپ قالغىنىغا ھەيرانمەن؟؟؟

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
104
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بۇرۇتنىڭ خىزمەت بىلەن نېمە مۇناسۋېتى بار دىسەم ، مەن يوقتە جاھاندا،،توۋۋا!
بەزى يەرلەردە تېخى "بۇرتىڭنى ئېلۋەتمىسەڭ ئۇنۋان ئالالمايسەن" دەيدىغان ئاجايىپ
قائىدە- پىرىنسىپلار باركەن،،،توۋۋا!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 05:43 , Processed in 0.057911 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش