- تىزىملاتقان
- 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
- توردا
- 3 سائەت
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 38
- يازما
- 20
- نادىر
- 0
- UID
- 265

- توردا
- 3 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
- تىزىملاتقان
- 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
|
 |
 |
 |
 |
ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىپ كەلگەن، ئەمما ئايدىڭ بولمايۋاتقان بىر مەسىلە مانا بۈگۈن كاللامدا ئايدىڭلاشتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى، ناخشا چولپىنى دەپ قانداقلارغا ئېيتىلىدىغاندۇ، ناخشىچى ياش بولسا، ناخشىلىرىنى ئوقۇغۇچى قورامىدىكىلەرلا ياقتۇرىدىغان، ئۇلاردىن چوڭ ياشتىكىلەر ياقتۇرمايدىغان ناخشىچىلار "چولپان" دېيىلەمدىغاندۇ؟ ياكى ئۆزلەشتۈرمە ناخشىلارنى ئېيتىشنى ئاساس قىلىدىغان ناخشىچىنى كۆرسىتەمدىغاندۇ؟ زادى "ناخشا چولپىنى"نىڭ توغرا تەبىرى نېمىدۇر… دەپ ئويلايتتىم. مانا ئەمدى كاللامدىكى بۇ مەسىلە ئايدىڭلاشقاندەك بولدى. ھېچبولمىغاندا بىزدىكى "ناخشا چولپانلىرى"نىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرىنى ئاساس قىلغان تەبىرى بولسىمۇ شەكىللەندى. ئادەتتە مەن ناخشىلارنى كۆپ ئاڭلايمەن دېسەم بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى، "12 مۇقام"نى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن، بۇ چارچىغاندا ھاردۇق چىقىرىش ئۇسۇلۇم بولۇپ كەلدى. ئابدۇللا 80-يىللاردا «مەجنۇنتال» دېگەن خەلق ناخشىسىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى تالانتىنى نامايان قىلغان ئىدى، ئەمما ئۇ چاغدا "چولپان" دېيىلمەيتتى، كېيىن "سۈرمە" قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقاندىمۇ "چولپان" دېيىلمەيتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئابدۇللا چولپان ئاتالدى، شۇ ناخشىنى قايتا ئورۇندىدى، ئاڭلىسىڭىز بۇ ناخشىنى ئامېرىكا قارا تەنلىكلىرىنىڭ ناخشىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقان ناخشىكەن، دەپ ئويلاپ قالىسىز. بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ۋە مۆمىنجان ئېيتقان بىرمۇنچە ناخشىلارنى ئاڭلىسىڭىز ئۇنىڭ ماھارەت بىلەن ئورۇندالغانلىقىدىن ھەقىقەتەن زوقىڭىز كېلىدۇ، "ياش سەنئەتچىلىرىمىز يارايدۇ جۇمۇ، مانا بۈگۈنكى ناخشىلىرىمىزمۇ خەقنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن" دەپ پەخىرلىنىپمۇ ئۈلگۈرىسىز، بەلكىم چەتئەلدىكى دوستلىرىڭىز ۋەتەندىكى ناخشىلاردىن ئاڭلاپ باقايلى ئەۋەتىپ بېرىڭ، دەپ قالسا، ئالدى بىلەن ئاشۇ ناخشىلارنى ئەۋەتىپ بېرىسىز. ئەمما سىز ناخشىنى توردىن چەت ئەلدىكى دوستىڭىزغا ئەۋەتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، "ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئەۋەتىپ بېرەرمىكىن دېسەم، ساپلا ئۆزبېكچە ناخشىلار ئىكەنغۇ، بۇ ناخشىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى مەندە بار ئىدى ئەمەسمۇ" دېگەن جاۋاب كېلىدۇ. ئەمدى ئاتاقلىق ناخشىچى دېگەننىڭ تەبىرىگە كەلسەك، بىزگە نىسبەتەن خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش بىلەن خەلققە كەڭ تونۇلغان ناخشىچىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئاتاقلىق ناخشىچىلار باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتقاندا، كۆپىنچە ئۆزلەشتۈرمەي، ئەسلى تىلىدا ئېيتىدۇ، قايسى ئەلنىڭ، قايسى مىللەتنىڭ ناخشىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتىدۇ، پاشا ئىشان، رابىيە مۇھەممەت قاتارلىق پېشقەدەم سەنئەتچىلەر شۇنداق قىلغان ئىدى. بىر سورۇندا ئېسىل ناخشىلارنىڭ ئىجادچىسى پەرھات ئابىت چوغلان ئەپەندىنىڭ "چولپان دېگەن ناخشىچى ئەمەس، ناخشىچى باشقا" دېگىنىنى بىۋاسىتە ئاڭلىغان ئىدىم.
دېمەك، ناخشا چولپىنى بىزچە خەقنىڭ ناخشىلىرىنى بىزنىڭكىگە، ئۆزىمىزنىڭ ناخشىسىنى خەقنىڭكىگە ئوخشىتىپ ئېيتىدىغان، ناخشىنىڭ ئىگىسىنى ئەسكەرتمەيدىغان، پەقەت ئوقۇغۇچىلار قورامىدىكى ياشلارنى مۇتلەق ئاساس قىلغان توپ چوقۇنىدىغان "ئۆزلەشتۈرمىچى ناخشىچى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، ئوچۇقراق ئېيتساق "ناخشا ئوغرىسى" دېگەننىڭ سىلىقلاشتۇرۇلغان ئاتىلىشى ئىكەن. چۈنكى ئوقۇغۇچى قورامىدىكىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن تۇرمۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولۇپ، مەلۇم شەيئىگە يولۇققاندا، ئۇنىڭ زادى قانداق بارلىققا كەلگەنلىكى قاتارلىق تەرەپلىرىگە گۇمانىي قاراشتا بولۇشنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، مەلۇم ياشقا كەلگەندىن كېيىن بولسا، "ھە… ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن-دە، چولپان دېگىنىمىز سەنئەت ساھەسىدىكى تەييارنى، خەقنىڭكىنى ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر ئىكەنغۇ" دېگەن تونۇشقا كېلىدۇ. مەن بۇ يازمىنى يۇقىرىقى ناخشا چولپانلىرىغا چوقۇنغۇچىلارنى مۇنازىرىگە سېلىش ياكى باشقا بىر مەقسەتتە يازمىدىم. مۇنازىرە بولسىمۇ مېنىڭ ناخشا چولپانلىرىغا بولغان قارىشىمنىڭ ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ پەخىب ىرلىنىشىم ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر ناخشىسى بولۇشى كېرەك، تىلىنى بىلسەم-بىلمىسەم، ھەر خەلقنىڭ ناخشىسىنى يەنىلا ئۆز تىلىدا ئاڭلىغانغا يەتمەيدۇ، دەپ قارايمەن. بىزدىكى رادىئو، ئۈن-سىن لېنتىلىرى، پلاستىنكىلار ئۆزبەكىستانغا ئاسانلا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، بىزدە ئۇ يەرنىڭكىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇزۇپ ئېيتىلغان ناخشىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن، ناخشىچى بولمىساممۇ ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن نومۇس قىلىپ كېتىمەن. ئەمما ئارىمىزدا مەخسۇس ئوغرىلانغان ناخشىلارغا ھەۋەس قىلىدىغانلارمۇ بار، بۇلارنى "گۆشىنى يېگەنمۇ ئوغرى، شورپىسىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى" دېگەن سۆز بىلەن باھالايمىز. ئۇنداقلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت قارىشىمۇ شۇنچىلىكلا. مانا تېلېفونۇمدا تۈركىيەلىك ئايال ناخشىچى قىرغىز ئۆز يامان "يارنى سېغىندىم" دېگەن ناخشىنى ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىنى ئەسلى تىلدا ئورۇندىماقتا، قايناق گۈلزادە قۇربان ئەپەندى ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى "گۈلچىمەن"نى ئۇيغۇرچە ئېيتماقتا، بوسنىيەلىك تۈرك ناخشىچى لەيلا يۇسىچ "ھەسرەت چەكتىم"نى ئۇيغۇرچە ئېيتماقتا... ئەنە شۇلار ناخشىچى، ئەمما چولپان ئەمەس. بىزدىكى چولپانلار "تۇغۇلغان كۈنۈڭ" دەپ يەرلىك تېكىست سېلىپ ئېيتىپ، بىز ئۇيغۇرچە ناخشا ئوخشايدۇ دەپ زوقلىنىپ ئاڭلاپ يۈرگەن ناخشا ئۆزبەكنىڭمۇ ئەمەس، ئالجىرىيىنىڭ ناخشىسى ئىكەن ئەمەسمۇ، 70- ياشلاردىكى بىر پېشقەدەم سەنئەتچى گىتار بىلەن مۇڭلۇق ئېيتىدىغان بولسا مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرمۇ جۆر بولۇپ ئېيتىپ كېتىدىكەن... چولپانلارنىڭ مۇشۇنداق ئالدامچىلىقلىرىدىن، ئىگىسى نائېنىق ناخشىلارنى تەۋەلىكىنى بىلمەي گاراڭلارچە ئاڭلاپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەن چولپانلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالدىم. ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىكەن، نېمىگە يولۇقسا شۇنىڭ مەنبەسىنى بىلىشكە ئىنتىلىشنى ئەيىبلىگىلى بولماس دەيمەن. بىزدىمۇ ئېسىل ناخشىچىلار بار، ئۇلارمۇ چولپان ئەمەس، خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەمما چولپان دېگەن... بولدىلا، مۇشۇنچىلىك يازاي.
( http://terjiman.blogbus.com/logs/85761550.html)
( http://hi.baidu.com/abdilim/blog/item/5513878038d2efd89023d90c.html)
[ Coffee بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:45 دە تەھرىرلىگەن. ]
|
 |
 |
 |
 |
|
|