يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 753 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 728|ئىنكاس: 5

ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ 10 مۇھىم ھالقىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 01:37:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرىكەت نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداقلا مەن شەخسەن شۇنداق قارايمەنكى: بىر ئادەمنىڭ ۋاقىتنى قانداق باشقۇرۇشى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
ھەممە ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ جاھاندا، ۋاقتىنى ياخشى باشقۇرالايدىغانلارنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىرى "بەك ئالدىراش" دىگەندىن ئىبارەت. ئەمما بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئۈنۈمسىز ئالدىراشلىق بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي مەنىدىكى ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغان ئالدىراشلىقتىن ئىبارەت.
ۋاقىتنى تېزگىنلەش-باشقۇرۇشتىكى مەقسەت كۆزلىگەن نىشانغا يىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا شۇنداق قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، بىرەر ئىش باشلانمىسىدىلا نىشانلىق، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلمىسا، ۋاقىت جەھەتتىكى ئۈنۈم نۆلگە تەڭ.
مۇۋەپپەقىيەتنى كۈندە %1 ئالغا ئىلگىرلەش دىسەكمۇ بولىدۇ. ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن ئۆگەنسەك، ئازىراق ھەرىكەت قىلىپ قويساق، پىلانلىغان ئىشلىرىمىز بارغانسىرى كونكىرىتلاشسا، ئۆزلۈكسىز ھالدا ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرساق كۈندە ئاز بولسمۇ ئىشلىرىمىز ئالغا باسسا ھامان بىر كۈنى كۆزلىگەن ئىشىمىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز.
ۋاقىت-ھايات. دىمەك ۋاقتنى قەدىرلەش- ھاياتنى قەدىرلەش دىمەكتۇر.
بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ئۇنىڭ 24 سائەت ئىچىدە نېمە ئىش قىلغانلىقىدىن بەلگىلىنىدۇ. ۋاقىتنى باشقۇرۇشنىڭ موھىم نوقتىسى-ۋاقتىنى مىنۇت-سىكونتقىچە كىشىگە نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايتى زور ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.
تۆۋەندە  باشتىن ئۆتكەن ئەمەلىي تەجرىبىدىن پايدىلىنىپ، قېرىنداشلار بىلەن ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنىڭ 10 خىل ئۈنۈملۈك ئۇسولى جەھەتتە ئورتاقلىشىمىز:

1. ھالقا: ئېنىق نىشان بولۇش كېرەك
تۆۋەندە بارلىق دوستلاردىن بىر دانە قەلەم ۋە بىر ۋاراق قەغەز ئېلىپ نىشانىنى ئېنىق يېزىپ چىقىش تەكلىپى بېرىمىز.
ئەگەر سىزنىڭ ئېنىق نىشانىڭىز بولمىسا، ئۇ ھالدا "ۋاقتىمنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىمەن" دەپ ئاۋارە بوپ يۈرمەڭ.
ۋاقتىمىزنى باشقۇرۇشتىكى مۇددىئا- ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىز يەنىمۇ يەتمەكچى بولغان نىشانغا يېىتىشتىن ئىبارەت. بىز دائىم دەپ كېلىۋاتقان مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيەتتە نىشان دىمەكتۇر. ئەگەر سىز ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە نىشانىڭىزنى كونكىرىتلاشتۇرالىسىڭىز، ئۇ ھالدا مەن تەۋسىيە قىلغان ئۇسۇل بىلەن ۋاقتىڭىزنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرالايسىز.

2. ھالقا: سىزنىڭ چوقۇم بىر "شەخسىي تىزىملىك" ىڭىز بولۇشى كېرەك
يەنى سىز ئۇنىڭغا سىز مۇشۇ يىل ئىچىدە يەتمەكچى بولغان ھەر بىر ئىشىڭىزنى ئېنىق يېزىپ چىقىشىڭىز كېرەك.  سىز ھازىلا قولىڭىزغا قەغەز ۋە قەلەم ئېلىپ مۇشۇ يىل ئىچىدە تاماملىماقچى بولغان، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن ھەر بىر ئىشىڭىزنى خاتىرلەپ چىقىڭ.
سىز بۇ "تىزىملىك" نى تۇرغۇزىۋالغاندىن كېيىن، نىشانىڭىزنى بۆلەكلەرگە ئاجرىتىڭ. يەنى، مەن ماۋۇ پىلانىمغا بىر يىل ئىچىدە يېىتىش ئۈچۈن يېرىم يىل ئىچىدە نېمىلەرنى قىلىمەن؟ بىر پەسىلدىچۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟ دىگەندەك تەرەپلەرنى تولۇق تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئايلىق پىلاننىمۇ مۇشۇ بويىچە تۇرغۇزۇپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ "تىزىملىك" ىڭىز يوق دەيلى، سىز ئەڭ بولمىغاندىمۇ چوقۇم ئايلىق پىلان تۈزۈشىڭىز كېرەك. "يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېىش سەھەردىن" دەيدىغان گەپ بار. سىز "ئەتىنىڭ ئىشى ئەتە سەھەردە" دەپ ئولتۇرماي، ھازىلا ( يەنى بۈگۈن كەچتىلا) ئەتە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى پىلانغا ئېلىڭ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى: سىزنىڭ مەڭگۈ ھەربىر ئىشنى قىلىشقا ۋاقتىڭىز يوق، ئەمما سىز چوقۇم قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلىشقا مەڭگۈ ( سىز بۇ جاھادىن خوشلاشقۇچە) ۋاقتىڭىز بار.
پىلاننى ئېلىپ بولدىڭىز، ئەمدى ئۇنى تەرتىپلەپ چىقىڭ، يەنى ئالدى بىلەن نېمىنى قىلىسىز، كېيىن نىمىنى قىلىسز، زادى قاچانغىچە قايسى ئىشنى قىلىسىز، دىگەندەك. بۇ يەردە چوقۇم ھەر بىر پىلاننىڭ ئاخىرقى چېكىنى بەلگىلەڭ، مۇشۇنداق قىلالىسىڭىزلا سىز مۇۋەپپەقىيەتكە دادىل-ئوڭۇشلۇق قەدەم ئالالايسىز.

3. ھالقا: كۆپچىلىككە تونۇش بولغان 20 ۋە 80 قانۇن  (بۇ ھەقتە ئايرىم يازما تەييارلىنىدۇ)
سىز ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىمەن دەيدىكەنسىز، سىز ئۈچۈن زادى قايسى ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا سىز تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىسىز.
مەن ئەتە قىلىدىغان ھەر بىر ئىشىمنى تەپسىلىي تىزىملاپ، ئۇنى بۆلەكلەرگە ئايرىپ چىقىمەن، مۇشۇنداق قىلالىساملا مەن ئەتىكى ۋاقتىمدىن %100 تولۇق پايدىلىنالايمەن.
تەكىتلەشكە تىگىشلىك يەنە بىر نوقتا: كۆرۈش سىزىمىدىكى سېھرىي كۈچ. ئومۇمەن ۋاقتنى ياخشى باشقۇرماسلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى سۆرەلمىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. سىز "دەرھال ھەرىكەتلىنىش" ىڭىز ئۈچۈن ئالغان شۇ پىلانىڭىزنى كۆزىڭىز چېلىقىدىغان جايغا قويۇپ قويسىڭىز،  كۆرۈش سىزىمىڭىزنىڭ غىدىقلىنىشى تۈپەيلىدىن مېڭىڭىزدە بىر خىل ئاكتىپ ئاكتىپ ھەرىكەت تەرتىپى شەكىللىنىپ، سىزنى بىرەر ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭا سىز چوقۇم ئىش ئۈستىلىڭىزگە "دەرھال ھەرىكەت قىل" دىگەن ئۈچ سۆزنى چاپلاپ قويۇڭ.
ۋاقىتنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم پىلان كونكىرىت بولۇش كېرەك، پىلان قانچە كونكرىت بولسا، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش شۇنچە ئاسان بولىدۇ.

4. ھالقا: ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە "تاشقى تەسىرلەدىن خالىي"  ۋاقتىڭىز بولسۇن
ئەگەر سىز كۈندە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ سىرتقى ھەر قانداق تەسىرلەردىن خالىي ھالدا ئۆزىڭىنىڭ ئايرىم خانىسىدە بەزى ئىشلارنى تەپەككۈر قىلغاچ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ موھىم دەپ قارىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلالىسىڭىز، ئېھتىمال بۇنىڭ ئۈنۈمى سىزنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت ئۈنۈمىڭىزدىن يوقىرى بولۇشى، ھەتتا ئۈچ كۈنلۈك خىزمەت ئۈنۈمىڭىزدىنمۇ يوقىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا قەتئىي ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى: ھەر كۈنى ئەڭ بولمىغاندىمۇ 30 مىنۇت، مۇمكىن بولغىنىدا 60 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ھەر قانداق ئىشىڭىزنى قويۇپ ئۆزىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشكە ئاجرىتىڭ.
ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، مېڭىڭىزنى تەخمىنەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا تىنچلاندۇرالايسىز، كەيپىياتمۇ مۇقىملىشىدۇ. ئەگەر ئاجراتقان ۋاقتىڭىز 30 مىنۇت بولسا، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتمەك تەس. شۇڭا كۈندە 1 سائەت ۋاقىت ئاجرىتىش ئەڭ ئاقىلانە ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
بۇنىڭغا ئاجرىتىدىغان ۋاقتىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەھەر سائەت 5:00 ~6:00 گىچە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى بۇ زېھنىڭىزنىڭ ئەڭ سەگەك ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا سىز مېڭىڭىزنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيسىز. ئەگەر بۇنى قىلىشقا ئىمكان بولمىسا، چۈشلۈك تاماق يەيدىغان ۋاقىت ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00~4:00 بولسىمۇ بولىدۇ، ئەمما مەن بۇ ئىشنى ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قىلىمەن.

5. ھالقا: سىزنىڭ نىشانىڭىز بىلەن سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز چوقۇم بىر-بىرىگە ماس كەلسۇن، زىددىيەتلىك بوپ قالمىسۇن
سىز ئۆزىڭىزگە خاس قىممەت قارىشى تىكلىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغىنىدا، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ موھىم ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە بايقىۋالالمايسىز. قىممەت قارىشىڭىز ئېنىق بولمىغىنىدا ۋاقتىنى ياخشى تەقسىملىيەلمەيسىز. شۇڭا سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ساغلاملىقمۇ، كەسپمۇ، ئائىلمۇ، دوستلارمۇ.... ۋە ياكى باشقىسىمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزگە خاس قىممەت قارىشى بەلگىلىۋېلىشىڭىز، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى ماسلاشتۇرىشىڭىز كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى: "ۋاقىتنى باشقۇرۇش" نىڭ موھىم نوقتىسى ۋاقىتنى باشقۇرۇشتا ئەمەس، بەلكى بەلكى ۋاقىتنى قانداق تەقسىم قىلىشتا.

6. ھالقا: ھەر كۈنى بىر سائەت جىمجىت ئولتۇرۇڭ
بىر دانە ئۇرۇندۇق تېپىپ، ھەر قانداق تاشقى تەسىرلەر، مەسىلەن، مۇزىكا، شاۋقۇن... نى قۇبۇل قىلمىغان ئاساستا ئۇنىڭدا جىمجىت ئولتۇرۇڭ. ئەلۋەتتە دەسلەپتە باشلىغاندا كۆنمەك تەسراق، ئەمما سىز ئۆزىڭىزگە تىپتىنچ ئولتۇرۇشنى ئەسكەرتكەچ بىر سائەت جىمجىت ئولتۇرۇپ بېقىڭ. ھەركۈنى مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز، خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى چوقۇم يوقىرى كۆتىرەلەيسىز.

7.ھالقا: ھەر قانداق ئىشىڭىزنى باشلىنىشىدىنلا ئەڭ مۇكەممەل قىلىپ مېڭىڭ
ھەر قانداق ئىشنى باشلىنىشىدىنلا ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ياخشى قىلىپ مېڭىڭ. شۇنداق قىلغاندىلا سىز بىر ئىشنى تەكرار قىلىش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىنالايسىز.

8. تېلېفۇندا سۆزلىشىش ۋاقتىڭىزنى مۇتلەق كونترول قىلىڭ
سىز بىرسى بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشمەكچى ياكى گەپ قالدۇرۇپ قويماقچى بولسىڭىز، قايسى ۋاقىتنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك. قارشى تەرەپ يوق بولۇپ قېلىش سەۋەپلىك ئىشىڭىز ئاقساپ قالمىسۇن. يەنى بارلىق ئالاقىلىشىش ۋاقىتلىرىنى مۇۋاپىق بىر پەيتكە يىغىپ، ئۇلار  بىلەن سۆلىشىپ چىقىڭ.

9. ھالقا: ئوخشاش ئىشنى چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا پۈتتۈرىۋېتىڭ
ئوخشاش تۈردىكى ئىشلارنى  تەكرا قىلىۋەرسىڭىز، سىزمۇ بۇ ئىشقا بارغانسىرى ئۇستا بوپ قالىسىز، ئۈنۈمىمۇ ناھايتى ياخشى بولىدۇ.

10.ھالقا: "ۋاقىت خاتىرىسى" تۇتۇڭ
قانداق ئىشلارنى قىلدىم، نېمىلەرنى قىلدىم دىگەندەك ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ھەر كۈنى نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزنى خاتىرلەپ ماڭسىىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتلارنى ئىسراپ قىلىۋاتكەنلىكىڭىزنى بايقىيالايسىز ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا مەلۇم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تەدبىر قوللىنالايسىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 15:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھالقىلارغا ئىرادىسى كۈچلۈك ، قەتئىي ئادەم رىئايە قىلالايدۇ ، مەسىلەن :
جەۋلانىي ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ھالقا: ئېنىق نىشان بولۇش كېرەك
-----------------------------------
ھازىرغىچە نىشانسىز مېڭىپ كەپتىمەن.
-----------------------------------
2. ھالقا: سىزنىڭ چوقۇم بىر "شەخسىي تىزىملىك" ىڭىز بولۇشى كېرەك
----------------------------------------------------------------
ئايلىق پىلان تۈزەش بىر ياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن، ھەپتىلىك پىلان تۈزەشمۇ خېلى تەسكە توختىغىدەك.
-------------------------------------
3. ھالقا: كۆپچىلىككە تونۇش بولغان 20 ۋە 80 قانۇن  (بۇ ھەقتە ئايرىم يازما تەييارلىنىدۇ)
------------------------------------
بۇنداق مۇكەممەل پىلان تۈزمەك بەكلا تەس.
----------------------------------------
4. ھالقا: ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە "تاشقى تەسىرلەدىن خالىي"  ۋاقتىڭىز بولسۇن
--------------------------------------------
ئۆزۈم ھەققىدە خېلى ئويلىنىمەن. بىرەر سائەت تەنھا ئولتۇرسا كەيپىيات خېلى ياخشىلىنىدۇ.
-----------------------------------------
5. ھالقا: سىزنىڭ نىشانىڭىز بىلەن سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز چوقۇم بىر-بىرىگە ماس كەلسۇن، زىددىيەتلىك بوپ قالمىسۇن
----------------------------------------
ھازىرقى ۋاقىتتا ماڭا ئەڭ مۇھىمى كەيپىياتىمنى ياخشى تەڭشەپ خۇشال ياشاش.
----------------------------------------
6. ھالقا: ھەر كۈنى بىر سائەت جىمجىت ئولتۇرۇڭ
-------------------------------------
بەزىدە بىر سائەت ئەمەس ئىككى ئۈچ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن.
--------------------------------------------
7.ھالقا: ھەر قانداق ئىشىڭىزنى باشلىنىشىدىنلا ئەڭ مۇكەممەل قىلىپ مېڭىڭ
-------------------------------------------
بىر ئىشلارنى قىلغاندا خېلى مۇكەممەل قىلاي دەيمەنيۇ يەنىلا چاتاق چىقىرىپلا يۈرۈيمەن.
----------------------------------------
8. تېلېفۇندا سۆزلىشىش ۋاقتىڭىزنى مۇتلەق كونترول قىلىڭ
--------------------------------------
بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقاي.
-----------------------------------
9. ھالقا: ئوخشاش ئىشنى چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا پۈتتۈرىۋېتىڭ
----------------------------------------
بۇنى قىلىش ئۈچۈن تەدبىر كېتىدىغاندەك.
----------------------------------------
10.ھالقا: "ۋاقىت خاتىرىسى" تۇتۇڭ
------------------------------------
بۇنداق قىلىش قىيىنغا توختايدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىمەن دىسە ئادەم ئۈزىنى قېلىپتىن بىرگە سالسا بولىدىغاندەك قىلىدۇ . تەسكە توختايدۇ جۇمۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشچىراي بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:52 دە يوللىغان
بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىمەن دىسە ئادەم ئۈزىنى قېلىپتىن بىرگە سالسا بولىدىغاندەك قىلىدۇ . تەسكە توختايدۇ جۇمۇ .

دەسلەپتە شۇنداق ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرىۋالسىڭىز ھەرگىز ئۇنداق ھېس قىلمايسىز. جاھاندا ئاسان ئىش نەدە دەيسىز؟
دۇنيادا بىرلا بىرئاز ئاسان ئىش بار ئۇ  بولسىمۇ تاماق يىيىش،  لېكىن ئۇنىمۇ ئاسان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. يەنى ئاۋايلاپراق يىمىسە شۇنداق گىلىدە تۇرۇپ قالسا ئۇ دۇنياغا يولغا سالىدىغان گەپ.
ئەمما راست بۇنداق بولىۋىلىش ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بىر بىمەنىلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما قۇبۇل قىلىۋىلىشقا تېگىشلىك ئۆزىگە پايدىلىق بولغانلىرىنى قۇبۇل قىلىۋالسا ، ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرسا تامامەن بولىدۇ. چۇنكى ئۇ سىزگە خۇشاللىق ئىلىپ كىلىدۇ.

[ Jewlaniy بۇ يازمىنى  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:54  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:51:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jilwe بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 15:36 دە يوللىغان
بۇ ھالقىلارغا ئىرادىسى كۈچلۈك ، قەتئىي ئادەم رىئايە قىلالايدۇ ، مەسىلەن :
جەۋلانىي ...

مەندىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى يوق. لېكىن بەش - ئالتە ھالقا بولۇشى مۇمكىن.
لېكىن ئۆز - ئۆزۈمدىن خوش بولىدىغان، مەن قىلالماسمەنمىكى دەپ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالىغىنىم، 4- ھالقا.
بۇ ئادەمگە ئاجايىپ بىر ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى بىرىدىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 11:57 , Processed in 0.061177 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش