يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 2

2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog قا بېلەت تاشلاڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:37:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





ئۇدا 1 ئايغا سوزۇلغان << 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> قا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە تولۇق 10 كۈن سەرپ قىلىنغان كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى ئۆلچەملەر بويىچە نومۇر قويۇپ، باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇشلار ئاخىرلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 20 بلوگ تاللىۋېلىنىپ، 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى بېلەت تاشلاپ بېكىتىشكە رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى يەنى بۈگۈندىن باشلاپ بۇ 20 بلوگقا بېلەت تاشلاپ ، 10 چوڭ بلوگنى تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ 20 نامزات بلوگنى بېلەت تاشلاش قاتارىغا تىزىشتا، بلوگلارنىڭ باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن نومۇرىنىڭ يۇقىرىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ قاراپ تىزىلدى.

بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : جەمئىي 22 كۈن ( 9- دېكابىردىن 31 دېكابىرغىچە ) بولۇپ ، بېلەت تاشلاش پەقەت ۋە پەقەت يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلىسىلا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا جەمئىي 10 بلوگقا بىرلا ۋاقىتتا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
3. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكى تىزىملىك ئارقىلىق نامزات بلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، قالدۇرۇلغان ئۇلانما مەنزىلى ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ كۆرۈپ، بىر قەدەر ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز!
4. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
5. بېلەت تاشلاش ئورنى :  يۈكسەل بلوگ ئوڭ ئاسما بۆلەك << راي سىناش كۆزنىكى >> دە. ( مەشغۇلات تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، بېلەت تاشلىماقچى بولغان بلوگ ئىسمى يېنىدىكى كاتەكچىنى يېنىككىدە بىر چېكىپ تاللاپ، ئەڭ ئاستىدىكى بېلەت تاشلاش دېگەننى بېسىپ قويساقلا كۇپايە! ) .
6. بېلەت تاشلاشتا تورداشلار سەمىمىي ، ھەققانىي ، ئادىل بولۇشى كېرەك. پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ . ھەرگىز تەكرار بېلەت تاشلاشقا بولمايدۇ. بىز 2008 – يىلى بېلەت تاشلاش جەريانىدىكى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، بۇ قېتىم بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ IP سى، جۇغراپيىلىك ئورنى، بېلەت تاشلىغان ۋاقتى قاتارلىق بارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەپ قالدۇرۇشتەك ئىقتىدارى كۈچلۈك ، ساختا بېلەت تاشلاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان بېلەت تاشلاش قورالىنى ئىشلەتتۇق.
بېلەت تاشلاش جەريانىنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن بىلىك تورىدىكى كۆك كەپتەر، نۇرقۇت ئەترىتىدىكى نۇرقۇت، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت قاتارلىق ھەيئەتلەر نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ساختىلىق بايقالغان ھامان بلوگ ئىسمىنى ئاتاپ ئەلگە سازايى قىلىپ، نامزاتلىق ھوقۇقى شۇ ھامان ئېلىپ تاشلىنىدۇ ( ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى ).
2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت ئەپەندى.
شىنجاڭ ئىزباسار ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىدىن ئىزباسار ئەپەندى.
بىلىك تورى ۋە كۆك كەپتەر بلوگىدىن كۆك كەپتەر ئەپەندى.
نۇرقۇت دۇنياسى – نۇرقۇت ئەترىتىدىن نۇرقۇت ئەپەندى.
بەكتۇر ئېنگلىز تىلى كۇلۇبىدىن بەكتۇر ئەپەندى.
يەتتە قىزلىرىم تورىدىن جۇلالىق (قىز).
يۈكسەل بلوگىدىن كەمىنە يۈكسەل.

10 چوڭ بلوگقا نامزات قىلىنغان بلوگلار


بلوگ ئىسمى ۋە مەنزىلى

ئومۇمىي ئېرىشكەن نومۇرى
1
تەدبىركار بلوگى
www.tedbirkar.net
191.5
2
80خالتا بلوگى
www.80halta.com
189
3
تورخۇمار
www.torhumar.com
185
4
ئۇيغۇربەگ بلوگى
www.uyghurbeg.net
184
5
جېك بلوگى
www.jeckblog.com
175
6
ئابدۇرېشىت ئېلى ئەدەبىيات بلۇگى
abdurxiteli.blogbus.com
172
7
ئىلقۇت بلوگى ئادرىسى
blog.ilqut.com
171
8
ئۆركەش بلوگى
www.orkax.net
163
9
شاھ ئۇيغۇر بلوگى
shah.blogbus.com
160
10
ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى.
ilkitap.blogbus.com
160
11
تارىم بلوگى
tarim68.blogbus.com
158
12
ئىلىم-پەن بىلوگ
www.ilimpen.com
148
13
باي دادام تور خاتىرىسى
baydadam.blogbus.com
143
14
ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى
tanhaburkut.blogbus.com
138
15
تارىمى تور خاتىرىسى
tarimi.blogbus.com
138
16
تەكلىماكان بلوگ
baliq.blogbus.com
138
17
چەۋەندازلار بلوگى
qawandazlar.blogbus.com
137
18
ئايشەم بلوگى ئادرېسى
www.ayxam.com
136
19
ھونزادە تارىخ بلوگى
honzada.blogbus.com
135
20
بىلىم-كۈچ بلوگى
bilim-kuq.blogbus.com
134


مەزكۇر پائالىيەتنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلار
شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
«ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى باش شىركىتى
ئۈرۈمچى ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
XJCFAN شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى
قەشقەر 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي ، ھەسەل دۇكىنى
890 ئېلان بىرلەشمىسى
يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ ئۈزۈپ چىققان 10 چوڭ Blog نى زادى قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، ماۋۇ ‹‹2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار ›› تېمىسىغا نەزەر سېلىڭ!

يۈكسەل بلوگىدىكى يازما مەنزىلى: http://www.yuksel.me/1141.html

جۇلالىق: ئۇيغۇر بلوگگىرچىلىقىنى قوللاش يۈزىسىدىن بلوگلارغا بېلەت تاشلاپ قويۇڭلار.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە بىلوگلارنى تەپسىلىي كۈرۈپ چىققاندىن كىيىن ، بىر نىمە دىسەك بولغۇدەك .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:37:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن بېلەت تاشلايلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:05 , Processed in 0.057030 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش