يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 636|ئىنكاس: 4

ئۈچ خىل تەسەللى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ خىل تەسەللى

تۇرسۇن تۇردى

بىر ئامېرىكىلىق، بىر فىرانسىيىلىك، بىر گېرمانىيىلىك بىلەن نەسىرىددىن ئەپەندى پويىزدا سەپەرداش بوپقاپتۇ.ئۇلار تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئامېرىكىلىق:
ــ قوشنامنىڭ بىر قېتىملىق كۆز ئوپىراتسىيىسىدە ئىككىلا كۆز كۆرمەس بوپقالغان. بىر كۈنى ئۇ ھاسا تايىقى بىلەن پىيادىلەر يولىنىڭ گىرۋىكىگە ياتقۇزۇلغان سېمۇنت تاختىنى ياقىلاپ تىمىسىقىلاپ كېتىۋاتقاندا، توساتتىن كونتىروللىقىنى يوقاتقان بىر تاكسى يولدىن قاڭقىپ چىقىپ ئۇنى سوقۇپ، ئىككى پۇتىدىنمۇ ئايرىۋەتتى. لېكىن ئۇ بۇ كېلىشمەسلىككە پىسەنت قىلماي قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتقۇچىلارغا  گەرچە مەن كۆزۈم بىلەن پۇتۇمدىن ئايرىلغان بولساممۇ، لېكىن ئىككى قولۇم ساق، بىر ئامال قىلىپ ياشىيالايمەن دەيتتى. بىراق تەقدىر ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم رەھىمسىزلەرچە  چاقچاق  قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئورلېئان شىتاتىغا ھۇجۇم قىلغان قارا بوران كاترىننا  ئۇنىڭ ئىككى قولىنىمۇ كاردىن چىقاردى... ئويلاپ بېقىڭلار› ئۇنىڭ ئەمدى ئۈمۈدلەنگىدەك نېمىسى قالدى؟ــ دەپ سۆزلەپ كېلىپ يىغلاپ ساپتۇ.
ــ كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ،ــ دەپتۇ فىرانسىيىلىك ئامېرىكىلىققا تەسەللى بېرىپ،ــ گېپىڭىزدىن قارىغان ئۇ بالىنىڭ تېخى كاللىسى ساقكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكمۇ قەيسەركەن. شۇڭا ئۇ كاللىسىدىكى ئوي-خىياللىرى، تەپەككۇر-تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپمۇ يەنىلا ھاياتتىن مەنە تاپالايدۇ.
ــ خيالىي دۇنيادا ياشىغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ــ دەپتۇ گېرمانىيىلىك فىرانسىيىلىكنىڭ قارشىنى كەسكىن رەت قىلىپ، ــ ئەڭ ياخشىسى، ئۇنىڭ مېيىپ بولغان ئەزالىرىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك!
ــ ھېي ئاغىنىلەر، ئۇ بىچارىنىڭ ئارانلا قالغان جېنىنى قىيناپ نېمە قىلىسىلەر دەيمەن؟ ــ دەپتۇ ئەپەندىم دېمىقىنى قېقىپ، ــ مەن دەپ قوياي، ئوپىراتسىيىگىمۇ ئاز پۇل كەتمەيدۇ جۇما! ئۇنىڭدىن كۆرە، ئۇ بىچارىنى ماڭىلا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. مەن ئۇنى ئۈرۈمچىگىلا ئېپكېتەي. ئۈرۈمچىگە بارسا ئوپىراتسىيىنىڭ پۇلىمۇ ھەل بولىدۇ ھەم ئۆزىمۇ بەگزادىلەردەك باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ!
ــ نېمىدەپ يۈرىدىغانسىز بۇرادەر، ــ دەپتۇ ئامېرىكىلىق تەئەججۈپلىنىپ، ــ سىز ئۇنى قانداق قىلىپ بەگزادىلەردەك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرمەكچىسىز؟
ــ ماڭا ئىشىنىڭ دەيمەن، ــ دەپتۇ ئەپەندىم ئالقىنىنى بىر-بىرىگە سۈركىگىنىچە ئېڭىكىنى تاسقاپ تۇرۇپ، ــ ئۇنىڭدەك كاللىسىلا ئامان قالغان مېيىپلارنى ئۈرۈمچىنىڭ  خەلقئارا چوڭ بازار›› دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ تىلەمچىلىككە سالىدىغان بولساق ــ زە، ۋاھ - ۋاھ - ۋاھ! پۇل-پىچەككە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ دەيمەن!...


شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى.

مەشغۇلاتتا: جۇلالىق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:07:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ــ ئۇنىڭدەك كاللىسىلا ئامان قالغان مېيىپلارنى ئۈرۈمچىنىڭ  خەلقئارا چوڭ بازار›› دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ تىلەمچىلىككە سالىدىغان بولساق ــ زە، ۋاھ - ۋاھ - ۋاھ! پۇل-پىچەككە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ دەيمەن!...

نىمىدىگەن ئاچچىق كىنايە بۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:18:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىردىن ئەپەندىنىڭ شەنىگە قىلىنغان ھاقارەت بوپتۇ.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى ئېيتسام شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى قۇبۇل قىلىدىغان ئەسەرلەرگە بولغان چەكنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن. ئازراقمۇ ھۇزۇرلانمىدىم.
ھازىرقى ھېسياتىم يۇمۇرغىمۇ تەۋە ئەمەس، ئەپەندىمنىڭمۇ كىنايىسىگە تەۋە ئەمەس، مۇجمەللا بىرخىل ھېسيات !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 08:41:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا ئىپادىلىمەكچى بولغىنى بىزدىكى ساپا مەسىلىسى.
باش پىرسۇناژغا ئەپەندىمنى ئالماي يازسىمۇ بولار ئىكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:10 , Processed in 0.054008 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش