يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ketmenbay

دۇنياۋىي 100 مەشھۇر ئەسەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 16:10:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتمەنباينىڭ مىننەتسىز مېھنىتىگە ھەشقاللا! نادىر تېما دىگەن مانا.

كىتاپ ئوقۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالغان ھەم قېلىۋاتقانلارنى ئويغاتقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! شەخسەن مەن، نۇرغۇن زامان بولۇپ كەتتى، سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىز بىلەن ئەسلىمنى تېپىۋالسام ئەجەپ ئەمەس.
   كەتمەنبايغا كۆپ رەھمەت!

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 17:20:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(2) «ئىنجىل» -ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ئىلاھىي كىتاب.


«ئىنجىل» دېگەن سۆزگە چۈشەنچە

«ئىنجىل»- ئېيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھتىن نازىل بولغان كىتابنىڭ ئىسمى.
اﷲ دىن نازىل بولغان ئەسلى نۇسخىسى ھازىر كىشىلەر قولىدا مەۋجۇت ئەمەس.
بەلكى خرىستىئانلاردا ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن خېلىلا كېيىنكى دەۋرلەردە باشقىلار تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان نۇرغۇن «ئىنجىل»لار بار بولۇپ، بۇلاردىن تۆۋەندىكى تۆت «ئىنجىل» مەشھۇردۇر:
«ئىنجىل مەتتا»،  «ئىنجىل مورقۇس»،  «ئىنجىل لوقا»،  «ئىنجىل يۇھەننا».
ھازىر يۇقىرىقى تۆت «ئىنجىل» بىلەن بىللە جەمئىي 27 ئىنجىيل «يېڭى ئەھدە» دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇلاردىن بىرىمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان «ئىنجىل» ئىكەنلىكى ئىلمىي يول بىلەن سابىت بولمىغان.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(مەنبە: http://www.hakiket.com/quran-hadis/quxanqa/2010-07-23/277.html)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ئىسا ئەلەيھىسالام ھەققىدە

ئىسا ئەلەيھىسالام ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ئىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىبى «مەسىھ»دۇر. «مەسىھ»- ئىبرانچە سۆز بۇلۇپ، «مۇبارەك» مەنىسىدە. ئىسا ئەلەيھىسسالام «ئىنجىل»دا «يەسۇ» دىيىلىدۇ.
ئىسا ئەلەيھىسالام «قۇرئان كەرىم»دە 25 جايدا «ئىسا» سۆزى بىلەن،11 جايدا «مەسىھ» سۆزى بىلەن 23 جايدا «ئىبنى مەريەم» سۆزى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ھەزرىتى مەريەمگە ئىلقا قىلىنغان روھتۇر.
ئىسا ئەلەيھىسسالام قەيسەر ئوغۇستۇسنىڭ زامانىدا ،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىدىن 600 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن، 24-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى دۇنياغا كەلگەن.
ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ سەككىز كۈنلۈك بولغان چاغدا ئانىسى مەريەم ئىبادەتخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرغان، خەتنە قىلدۇرۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى بولۇپ، بىراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدە يولغا قويۇلۇپ كەلگەن.
ئىسا ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ناسىرە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن، ئاللا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا «تەۋرات»، «ئىنجىل» ۋە «ھېكمەت»نى بىلدۈرگەن. ئىسا ئەلەيھىسسالام كىچىك ۋاقتىدىلا يەھۇدى ئۆلىمالىرىنىڭ ئىلمىي سۇرۇنلىرىغا باراتتى، ئۇلار بىلەن مۇنازىرلىشەتتى، مۇنازىرىدە غالىپ كېلەتتى.
ھەزرىتى مەريەم ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈمەكچى بولغان زالىم ھېردوستىن قورقۇپ، يېقىنى يۇسۇف نەجار بىلەن بىللە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىسىرغا ئېلىپ بارغان، ھىردوس ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن.
«قۇرئان كەرىم»دە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە يېشىدا پەيغەمبەر بولغانلىقى تىلغا ئېىلىنمىغان، لېكىن «ئىنجىل» نۇسخىلىرىنىڭ ئىباراتلىرىدىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 يېشىدا پەيغەمبەر بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ...
تارىخچىلار ۋە مۇپەسسىرلەر «ئىنجىل»نىڭ بۇ توغرىدىكى بايانىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، تەۋھىد ئۆلىمالىرىنىڭ ئىيتىشىچە، كۆپىنچە پەيغەمبەرلەر 40 يېشىدا پەيغەمبەر بولىدۇ، ئەمما ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 يېشىدا پەيغەمبەر بولۇشى ئالاھىدە ئەھۋال. چۈنكى ئۇ 40 ياشقا يەتمەي تۇرۇپ ئاللاھ تەرىپىدىن ئاسمانغا ئېىلىپ چىقىپ كېتىلگەن.
ئاللاھتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ كىشىلەرنى ئاللانىڭ توغرا دىنىغا دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. ئاللاتائالا كىشىلەرنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى مۇيەسسەر قىلىپ بەردى. ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، كورلارنى كۈرۈدىغان قىلىش، كىسەللەرنى ساقايتىش ئەنە شۇ مۆجىزىلەردىن ئىدى.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى يەھۇدىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىلارنىڭ دىنىي باشلىقلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنىڭ ئاساسسىز سۆزلىرىگە كۈچلۈك دەللىلەر بىلەن رەددىيە بېرەتتى، ئۇلارنى توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندەيتى، ئۇلارنىڭ يولىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى بايان قىلاتتى. يەھۇدىلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۆلىمالىرى مەسلىھەتلىشىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى، ئۇلار ئەينى زاماندا پادىشاھ قەيسەر تەرىپىدىن يەھۇدىلارغا قويۇلغان ھاكىم بىلاتىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى، يەھۇدىلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغانلارنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈشتەك ئەينى ۋاقىتلاردىكى قائىدىسى بويىچە ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئېسىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى، ئىسا ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ يۇشۇرۇنىۋالدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەۋارىيۇنلاردىن بولغان يەھۇزا ئىسىملىك بىر شاگىرتى خائىنلىق قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇشۇرۇنغان جايىنى ھاكىمنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ قويدى. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالام بار جايغا كىرگەن چاغدا، ئاللاتائالا يەھۇزانىڭ شەكلىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىگە كىرگۈزدى- دە، ئۇلار يەھۇزانى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ ئېسىپ ئۆلتۈردى، ئاللاھتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېىلىپ چىقىپ كەتتى.
بۇ چاغدا ئىسا ئەلەيھىسسالام 33 ياشتا ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ بەنى ئىسرائىلنى دىنغا دەۋەت قىلغان مۇددىتى 3 يىل بولدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شاگىرتلىرى بار بۇلۇپ، ئۇلار «ھەۋارىيۇن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ساھابىلىرى»گە ئوخشايدۇ، ھەۋارىيۇنلارنىڭ سانى 12 ئىدى.
ئاللاتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا «ئىنجىل»نى نازىل قىلغان. «ئىنجىل» دىگەن سۆز ئىبرانىچە سۆز بۇلۇپ، «بىشارەت» مەنىسىدە. كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ۋە سەھىھ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قىيامەت بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈپ، دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ.
مەككە مۇكەررەمە شەرىئەت ۋە ئىسلام تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ پراففىسسورى، «سەھۋەتۇتتەپاسىر»نىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد ئېلى سابۇنى ئۆزىنىڭ «ئەننۇبۇۋەتۇۋەلەنبىيا» دىگەن ئەسىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگۈگىنى يوق. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ، ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات، ئاللاتائالا ئۇنى ھايات ھالدا ئاسمانغا ئۆز دەرگاھىغا ئېىلىپ چىقىپ كەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەھۋالنى مۇشۇ يۇسۇندا يەتكۈزگەن . بىز ‹قۇرئان›نىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ۋە راستچىل رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسىگە ئىشىنىمىز، رەسۇلۇللاھ: ‹سىلەرگە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا چۈشۈپ، ئادىل ھۆكۈمران بۇلۇپ، سەلبىنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ› دىگەن» دەيدۇ.

(«قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. ئىزاھ قىسمى.629-630-بەتلەر)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «Wapedia»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


«ئىنجىل» بابلىرى(27 ئىنجىيل):

(1) مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر
(2) ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر
(3) لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر
(4) يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر
(5) ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى
(6) رىملىقلارغا يېزىلغان خەت
(7) كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت
(8) كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت
(9) گالاتىيلىقلارغا يېزىلغان خەت
(10) ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت
(11) فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت
(12) كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت
(13) سالونىكىلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت
(14) سالونىكىلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت
(15) تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت
(16) تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت
(17) تىتۇسغا يېزىلغان خەت
(18) فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت
(19) ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت
(20) ياقۇپ يازغان خەت
(21) پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت
(22) پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت
(23) يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت
(24) يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت
(25) يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت
(26) يەھۇدا يازغان خەت
(27) ۋەھىيلەر
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «Wapedia»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:11:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(3) «ماتىماتىكا قائىدىلىرى»-نيۇتۇن-ئەنگىلىيە.

«ماتىماتىكا قائىدىلىرى»-نيۇتۇننىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نيۇتۇن بۇ كىتابنى 1687-يىلى ئىلان قىلغان. بۇ كىتابتا ئۇ «ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى» بىلەن «ھەرىكەت قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ قانۇنلارنى تەتبىق قىلىش ئارقىلىق قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان ھەر قايسى پلانېتىلارنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا ئۆلچەپ چىقىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.



ئىساك نىيۇتۇن(ISAAC NEWTON)

(1642 -1727)

نيۇتۇن  1642-يىلى مىلاد بايرىمى كۈنى ئېنگلاندنىڭ ۋولىستوپ دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلدى، نيۇتۇننىڭ بالىلىق دەۋرىدىلا قولى ناھايىتى ئەپچىل بولۇپ، مېخانىك قۇرۇلمىلارنى ياساش قابىلىيىتى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغانىدى. گەرچە ئۇ ناھايىتى زېرەك بالا بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپتە چېچىلاڭغۇ بولۇپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئانچە قوزغىيالمىغانىدى. ئۇ ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئاپىسى ئوغلىنى كاتتا دېھقان قىلىپ چىقىش ئارزۇسى بىلەن ئۇنى مەكتەپتىن توختىۋالدى. بەختكە يارىشا، ئاپىسى ئوغلىنىڭ ئاساسلىق تالانتى باشقا جەھەتتە ئىكەنلىكىگە قايىل بولدى. ئۇ 18 ياشقا كىرگەندە، كامبىرىج ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان تەبىئەت ۋە ماتىماتىكا بىلىملىرىنى تېزدىن ئىگىلەپ بولۇپلا، ئۆزىنىڭ مەخسۇس تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى، نيۇتۇن 21 يېشىدىن 27 يېشىغىچە ئۆزىگە لازىملىق پەنلەرنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسىنى سېلىۋالدى. نەتىجىدە بۇ ئۇنىڭ كېيىن دۇنيادا بىر قېتىملىق ئىلىم پەن ئىسلاھاتىنى قوزغىشىغا سەۋەبچى بولدى.
نيۇتۇننىڭ تەتقىقات خىزمىتى توغرىسىدىكى كۆپلىگەن ئاساسلىق ئوي پىكىرلىرى 1669-يىلىلا شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نەزىرىيەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
نيۇتۇننىڭ ئېلان قىلىنغان تۇنجى بايقىشى--نۇرنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى بۆسۈش خاراكتېرلىك خىزمەت ئىدى. بىر يۈرۈش ئىنچىكە تەجرىبىلەر ئارقىلىق، نيۇتۇن ئادەتتىكى نۇرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان يەتتە خىل رەڭلىك نۇردىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ يەنە نۇرنىڭ قايتىش ۋە سۇنۇش قانۇنىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل يۈرگۈزدى. ئاخىر مۇشۇ قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، 1668-يىلى تۇنجى رېفلىكتورلۇق تېلىسكوپنى لايىھىلەپ ياساپ چىقتى. بۇ ئاستىرونومىيىلىك تېلىسكوپ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كۆپلىگەن رەسەتخانىلاردا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
نيۇتۇننىڭ دىففېرېنسىئال -ئىنتېگرالنى كەشىپ قىلىشى ئۇنىڭ ماتىماتىكا جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ چاغدا نيۇتۇن 23-24 ياشلاردا ئىدى. بۇ كەشپىيات ھازىرقى زامان ماتىماتىكىسىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجە بولۇپ، كۆپلىگەن ھازىرقى زامان ماتىماتىكا نەزىرىيلىرى ئەنە شۇ ئاساستا بارلىققا كېلىپ، مۇكەممەللىشىپ باردى.
ئەمەلىيەتتە، نيۇتۇننىڭ ئەڭ مۇھىم كەشپىياتى--مېخانىكا ساھەسىدە ئىدى، مېخانىكا-جىسىملارنىڭ مېخانىكىلىق ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. گالېلىي كەشىپ قىلغان «بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنى»-جىسىمنىڭ تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان چاغدىكى ھەرىكەت ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شەك-شۈبھىسىزكى، رېئاللىقتىكى بارلىق جىسىملار سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ، شۇڭلاشقا مۇشۇنداق شارائىتتا جىسىمنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىشى مېخانىكىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىدى. نيۇتۇن ئۆزىنىڭ مەشھۇر «ئىككىنچى قانۇنى» ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلدى. بۇ كىلاسسىك مېخانىكىدىكى ئەڭ مۇھىم نېگىزلىك قانۇن دەپ قارىلىدۇ. نيۇتۇننىڭ «ئىككىنچى ھەرىكەت قانۇنى»-بىر جىسىمنىڭ تېزلىنىشىنىڭ جىسمغا چۈشكەن يىغىندا كۈچ بىلەن ماسسىنىڭ بۆلۈنمىسىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. نيۇتۇن بۇ ئىككى قانۇننىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە «ئۈچىنچى ھەرىكەت قانۇنى» ھەمدە ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئىلمىي قانۇنى «ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تۆت قانۇن بىرلىشىپ بىرلىككە كەلگەن سېستىمىنى شەكىللەندۈردى. كىشلەر بۇ سېستىمىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەرىكىتىدىن تارتىپ پلانېتلارنىڭ ئۆز ئوربىتاسىنى بويلاپ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىشىغىچە بولغان ئەمەلىيەتتىكى ماكرو مېخانىكىلىق سېستىمىنىڭ بارلىق مەسلىلىرىنى تەتقىق قىلالايدۇ ھەمدە ھالىتىنى ئالدىن بىلەلەيدۇ.
نيۇتۇن يەنە بۇ مېخانىكا قانۇنىيەتلىرىنى شەرھلەپلا قالماستىن، بەلكى شەخسەن ئۆزى دىففېرىنسىئال-ئىنتېگرال قاتارلىق ماتىماتىكىلىق قورالنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ نېگىزلىك قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ مەسلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.
نيۇتۇننىڭ ھەرىكەت قانۇنى ئىلىم-پەن ۋە قۇرۇلۇش مەسلىلىرىدىكى ھەر قايسى ساھەلەردە كەڭ تۈردە تەتبىق قىلىنىدۇ. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بۇ قانۇنلىرى ئاستىرونومىيە ساھەسىدە تەتبىق قىلىنىپ، كىشلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغانىدى. ئۇ بۇ ساھەدىمۇ تەتقىقات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلدى.
1687-يىلى نيۇتۇن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»نى ئېلان قىلدى. بۇ كىتابتا ئۇ «ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى» بىلەن «ھەرىكەت قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ قانۇنلارنى تەتبىق قىلىش ئارقىلىق قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان ھەر قايسى پلانېتىلارنىڭ ھەرىكىتىنى توغرا ئۆلچەپ چىقىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭا ئاسىترونومىيىدىكى ئاساسىي مەسىلە، يەنى تۇرغۇن يۇلتۇزلار بىلەن پلانېتلارنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكىتىنى توغرا ئۆلچەش مەسلىسىنى نيۇتۇن ئەپچىللىك بىلەن بىر يولىلا ھەل قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇبارەك زات «ئەڭ ئۇلۇغ ئاسترونوم» دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، بىز نيۇتۇننىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە تۇتقان مۇھىم ئورنىغا قانداق باھا بېرىمىز؟
مۇبادا سىز ئىلىم-پەن ھەققىدىكى بىرەر قامۇسنىڭ ئىندېكىسىنى ئاختۇرۇپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، نيۇتۇن ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرى، شۇنىڭدەك كەشپىياتلىرىغا ئائىت ماتىرىياللارنىڭ ھەر قانداق بىر ئالىمنىڭكىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. تېخىمۇ مۇھىمى، باشقا ئالىملارنىڭ نيۇتۇنغا بەرگەن باھاسى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بېقىشىڭىز كېرەك.
گېرمانىيەلىك تەبىئىي پەن ئالىمى لېيىبنىز نيۇتۇننىڭ ئۇنچىلىك يېقىن ئاغىنىسى ئەمەس، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن كەسكىن كۈرەشلەر بولۇپ ئۆتكەنىدى. ئەمما لېيىبنىز: «ئالەم بىنا بولۇپ تا نيۇتۇن ياشىغان دەۋىرگىچە، ماتىماتىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى تۆھپىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى نيۇتۇن ياراتقان» دەپ يازدى.
فرانسىيەلىك ئۇلۇغ ئالىم لاپلاس «‹تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى›-- ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىچىدىكى كارامەت مەشھۇر ئەسەر» دەپ يازدى.
لاگرانژې دائىم: «نيۇتۇن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ تالانت ئىگىسى» دېگەن.
ئاۋىستىرالىيەلىك فىزىكا ئالىمى، ئىدېئالىست، پەيلاسوپ ماخ 1901-يىلى: «ئۇ ياشىغان دەۋىردىن بۇيانقى ماتىماتىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق نەتىجىلەر نيۇتۇننىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرى ئاساسىغا ئورنىتىلغان مېخانىكىنىڭ دېدۇكسىيە، شەكىل ۋە ماتىماتىكا جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىدۇر» دەپ يازغانىدى.
دىمەك، نيۇتۇن بىرلىككە كەلگەن قانۇنلار سېستىمىسىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتتى، بۇ قانۇنلار سېستىمىسى ئارقىلىق نۇرغۇن فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرگىلى ھەم توغرا مۆلچەرلەپ چىققىلى بولىدۇ.
نيۇتۇن تېرمودىنامىكا ۋە دىنامىكا ۋە ئاكوستىكا قاتارلىقلارغىمۇ تۆھپە قوشقان، ئۇ يەنە فىزىكىدىكى ھەرىكەت ۋە بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىشىدىن ئىبارەت فىزىكىلىق پىرىنسىپى شەرھلەپ بەرگەن. ماتىماتىكىدىكى ئىككى ئەزالىق تېئورىمىنى تاپقان، نۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا كىشلارنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە تۇنجى قېتىم چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
نيۇتۇن ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىلىم-پەن نەزەرىيىسى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن كاتتا پېشىۋا.
نيۇتۇن 1727-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىتى ۋېستېمىنىستېر چېركاۋى ئىچىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ بۇ خىل پەۋقۇلئاددە شەرەپكە نائىل بولغان تۇنجى ئالىم.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(«دۇنياۋىي 100 مەشھۇر شەخس» دېگەن كىتابتىن قىسقارتىپ ئېلىندى)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(4) «قۇرئان»-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ئىلاھىي كىتاب.


«قۇرئان كەرىم»

ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان «قۇرئان كەرىم»-- اللە تەئالانىڭ ئاخىرقى كىتابى بولۇپ، نازىل قىلىنغاندىن باشلاپ تا قىيامەت قايىم بولغۇچە پۈتكۈل ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەر زامان، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇ، ھىدايەت رەھبىرى، سائادەت بۇلىقى ۋە ئادالەت دەستۇرىدۇر. «ئۇ، ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان» (فۇسسىلەت 41/41- ۋە 42- ئايەتلەر). «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر» (تارىق 86/13، 14). ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار دۇنيادا بەخت ۋە ھۆرلۈككە ، ئاخىرەتتە ئىززەت ۋە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار بولسا، دۇنيادا بەختسىزلىك ۋە خورلۇققا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

1--«قۇرئان كەرىم» بۇيرۇغان ئىبادەتلەر

(1) ناماز
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى بىر كېچە-كۈندۈزدە مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا، مۇئەييەن سۈپەتلەر بىلەن بەش ۋاقىت ناماز، ھەپتىدە بىر جۈمە نامىزى، يىلدا ئىككى ھېيت نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا ماھىيىتىدە بىر خىل ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/238؛ نىسا 4/103؛ تەۋبە 9/84؛ جۇمۇئە 62/9-11؛ ئەئلا 87/14، 15؛ كەۋسەر 108/2؛).
(2) زاكات
«قۇرئان كەرىم» مال-مۈلكى مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەن دېھقان، چارۋىچى ۋە تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنى مەخسۇس شەرتلەر ئاستىدا بىر يىلدا بىر قېتىم زاكات بېرىشكە (ئۆز مەھسۇلات ۋە پۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ تېگشلىك شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىشكە) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/267؛ ئەنئام 6/141؛ تەۋبە 9/103؛ مۇززەممىل 73/20).
(3) روزا
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى ھىجرىيە يىلىنىڭ 9- ئېيى بولغان رامىزان ئېي داۋامىدا ھەر كۈنى روزا تۇتۇشقا (سۈبھىدىن كۈن پاتقۇچە- پۈتۈن كۈن- يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇشقا) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/183- 185، 187).
(4) ھەج
«قۇرئان كەرىم» ھەج قىلىش شارائىتىگە ئىگە بولغان مۇسۇلمانلارنى ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشقا (بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ ئەرەفاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىفەدە قونۇش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، سافا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيە قىلىش، شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئورۇنداشقا) بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/158، 189، 196، 197، 198؛ ئال ئىمران 3/97؛ ھەج 22/26- 37).

2--«قۇرئان كەرىم» بۇيرۇغان ئەخلاقلار

(1) سەۋرچان بولۇش
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى دىن يولىدا يولۇققان ئېغىرچىلىقلارغا چىداشقا، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/45، 155- 157؛ ئال ئىمران 3/200؛ نەھل 16/127، 97؛ سەجدە 32/24؛ لوقمان 31/17).
(2) تەۋەككۇل قىلىش
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى اللەغا تەۋەككۇل قىلىشقا (بىر غايىگە يېتىش ئۈچۈن، اللە تەئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن ئىش قىلىش بىلەن بىرگە ئاقىۋەتنى اللەغا تاپشۇرۇشقا) بۇيرۇيدۇ. (ئال ئىمران 3/122؛ مائىدە 5/23؛ فۇرقان 25/58).
(3) باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى ئالدى بىلەن باشقىلارنى (مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ) ئويلاشقا، ئۆز مەنپەتىنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (ھەشر 59- 9؛ مۇززەممىل /7320؛ فاتىر 35/29، 30).
(4) ئادىل بولۇش
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى ئېتىقادىدا ۋە پۈتكۈل سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ھەققانىيەتنى ئاساس قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (نىسا 4/58؛ ئەنئام 6/152؛ نەھل 16/90؛ ھۇجۇرات 49/9).
(5) مەرھەمەت قىلىشىش
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشىشقا (بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە) بۇيرۇيدۇ. (بەلەد 90/17،18).
(6) ئېھسان قىلىش
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، يېتىم-يېسىر، پېقىر-مىسكىن، قولۇم-قوشنا ۋە غېرىب-مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئىنسانلارغا ياخشى سۆز قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/83، 195؛ نىسا 4/36؛ نەھل 16/90).
(7) راستچىل بولۇش
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى ئېتىقاددا سەمىمىي، گەپ-سۆزدە راستچىل، تائەت-ئىبادەتتە ئەستايىدىل، مۇئامىلىدە دۇرۇس بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/177؛ تەۋبە 9/119؛ ئەھزاب 33/23، 35؛ زۇمەر 39/33).
(8) سېخىي بولۇش
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى سېخيلىققا يەنى ياخشى يوللاردىن ھېچ نەرسىسىنى ئايىماسلىققا بۇيرۇيدۇ. (بەقەرە 2/272؛ ھەدىد 57/10؛ ھەشر 59/9؛ مۇنافىقۇن 63/10؛ مەئارىج 70/19- 25؛ لەيل 92/5- 11).
(9) كەمتەر بولۇش
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىگە كەمتەر بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. (مائىدە 5/54؛ ئىسرا 17/37؛ شۇئەرا 26/215؛ قەسەس 28/83).

3--«قۇرئان كەرىم» چەكلىگەن ئىش-ھەرىكەتلەر

(1) زۇلۇم
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى زۇلۇمدىن يەنى اللەغا شېرىك كەلتۈرۈش- چۈنكى اللەغا شېرىك كەلتۈرۈش بۈيۈك بىر زۇلۇمدۇر- (لوقمان 31/13)، گۇناھ-مەئسىيەت ۋە پىسىق-فۇجۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى بۇلغاش ۋە باشقىلارغا ھەقسىزلىك قىلىش يەنى كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش، ئۇلارغا جىسمانىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك زۇلۇمدىن چەكلەيدۇ. (بەقەرە 28/279؛ نەھل 16/160؛ فۇرقان25/19؛ ھۇد 11/102).
(2) ھەسەت
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى ھەسەتخورلۇقتىن يەنى باشقىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ئويلاشتىن چەكلەيدۇ. (نىسا 4/54؛ زۇخرۇف 43/32؛ فەلەق 113/5).
(3) سۇخەنچىلىك
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى سۇخەنچىلىك قىلىشتىن يەنى بىراۋنىڭ گېپىنى باشقىلارغا يامان غەرەزدە يەتكۈزۈشتىن چەكلەيدۇ. (ھۇمەزە 104/1).
(4) ھۇرۇنلۇق
«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى اللەنىڭ مەغپىرىتى ۋە جەننىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىشكە بۇيرۇيدۇ. (ھەدىد 57/21؛ مۇتەففىفىين 83/26). بۇ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇسۇلمانلارنى بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىك ۋە ھۇرۇنلۇق قاتارلىق يامان ئەخلاقلاردىن چەكلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى بۇلاردىن باشقا بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلىش، بىر-بىرىنى ئەيىبلەش، بىر-بىرىنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىش، گۇمانخورلۇق قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، بىر-بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. (ھۇجۇرات 49/11، 12). «قۇرئان كەرىم» يەنە بېخىللىق قىلىش، ئىسراپ قىلىش، زىناغا يېقىنلىشىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئۆلچەمنى كەم تۇتۇش، بىلمىگەننى بىلىمەن دېيىش، گىدىيىپ مېڭىش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ئەۋلاتقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك قاتارلىق قەبىھ ئىشلاردىن توسىدۇ. (ئىسرا 17/29-38). شۇنىڭدەك، ئوغرىلىق قىلىش، جازانىخورلۇق قىلىش، مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش، مال-دۇنيانى بۇزۇپ چېچىش قاتارلىق ئىشلاردىن مەنئى قىلىدۇ. (مائىدە 5/38، 90 ۋە 91؛ بەقەرە 2/275- 278؛ ئال ئىمران 3/130؛ نىسا 4/161؛ رۇم 30/39؛ ئىسرا 17/26 ۋە 27).
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: Wikipedia
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:39 , Processed in 0.044402 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش