يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 997|ئىنكاس: 13

مايماق دوختۇرخانىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:28:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاغرىغاچقا ئۇدا ئۈچ كۈن چىشلىرىم،
پەقەت ئازاپ ئىچرە ئۆتكەچ كۈنلىرىم.
بېرىپ قالدىم ئاخىرى بارماي دىگەن تۈگمەنگە،
ئاغرىققا سەۋەپ پەرز دىگەچ مىنىڭ دوسلىرىم.

تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆچىرەت ئالدىم ئاران نومۇرنى،
شۈكرى ئاللا قىينالماي تاپتىم مەسئۇل دوختۇرنى.
دىدى دوختۇر چىشىڭنى يەپتۇ قۇرۇت،
چىدا!ئامبۇر بىلەن ئالىمەن يۇلۇپ.

ئاھ پالاكەت شۇنداق باشلاندى،
چۈنكى دوختۇر چۈشكۈرۈپ سالدى.
يامىنى بوشىغان قۇرتلىغان چىش،
يامان نەپسىمگە يۇتۇلۇپ قالدى.

چىش گېلىمدا دوختۇر يېنىمدا،
ئۈنۈم چىقماس ئاھىم دىلىمدا.
دوختۇر دىدىكى  داۋالايمەن چىش،
سۆزلەي دىسەڭ بار كاناي بۆلۈمگە.


بارسام دىدى نومۇرۇڭ قېنى؟
بىكارغا ئىش يوق بىلمەمسەن شۇنى؟
خەلق ئۈچۈن دىگەن بىكار گەپ،
گويا بۆرىنىڭ يېپىنغان تونى.

يۈگۈردۈم نۇمۇرغا،مەندە نە چارە؟
بويتاخمەن ،سۆزلىمىسەم كەلمەس گۈل-لالە.
شەرەتلەپ ئالدىم نۇمۇر،قىينىلىپ،
دوختۇرنى يەنە تاپتى مايماق بىچارە!

موچىننى ئېلىپ تىقتى زۇۋانغا،
مەيلىغۇ تىلىم كەلسىلا كارغا.
لىكىن قېرىنداشلار تۈگىمىدى ئىش،
چۈنكى دوختۇر دەپ سالدى ئاپلا.

چۈنكى ئالماق تۇرماق زۇۋاندىن چىشنى،
ئاشقازانغا تىقىپتۇ ،تەتۈرلەپ ئىشنى.
بولدى دىدىم سۆزمۇ كەلدى ئەسلىگە.
توختىتاي ئازاپخانىدا داۋالىنىشنى.

دىدى دوختۇر كەتسەڭمۇ مەيلى،
لىكىن يىنىك ئەمەس ئىشنىڭ ئاخىرى.
سېسىغان چىش ياللۇغلىسا ئاشقازىنىڭنى،
ئۇزاق ئۆتمەي كۆرىسەن ۋەسلى باقىنى.

دىسەڭ بولمىسۇن خازان ياشلىق باھارىم،
ئىتتىك كىسەلنى كۆرسەتمەك لازىم.
قايغۇرما لىكىن خازان بولدۇم دەپ.
سېنى قۇتقۇزالايدۇ بۆلۈمى ھەزىم.

باردىم يەنە ھەزىم بۆلۈمگە،
چىشىم قىستىغاچ مىنى ئۆلۈمگە.
مەيلىلا چىداپ كۆرۈنۈپ قوياي،
ساۋاپىم ئاز،ھازىر كىرمەي گۆرۈمگە.

ئىچ دىدى ئاق رەڭلىك مەلۇم چۆكمىنى،
تەمى بەك لاۋزا، يۇندا تۆكمىنى.
دىدىكى ،ئۆتۈپتۇ ئاشقازىنىڭدىن،
تېز بولمىساڭ يېرتىدۇ مەقئەت بۆكىنى.

ئۈچەي مەقئەت بۆلۈمى بىركەن ئەسلىدە،
كىردىم نومۇر ئەپ شىپا قەستىدە.
كۆر باشقا كەلگەننى قايت دىدى ۋىجدان،
كەتمىدىم چۈنكى قوڭمۇ مۇھىمدە!

ئەمدى ماڭا كەلگەندە نۆۋەت،
تولغىدى قوساق ،ئاغرىدى قەۋەت.
چىقىپ كۆرۈنەي دىسەم قايتىدىن،
قىلىقسىز دىدى،قايتا تۇردۇم ئۆچىرەت.

ساقلىدىم يەنىلا ،قىلماي ئۇڭا دوق،
داۋالاش ئاستا،پۇل ئېلىش لوق لوق.
لىكىن پېقىرنىڭ يەنە كۆڭلى توق.
چۈنكى چىشنىڭ ئەمدى بارار يېرى يوق.

كۆرۈپ دوختۇر دىدىكى پۇلۇڭ كۆپمىدى؟
ساق تۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگەن نىمىسى؟
تىلىسەڭ تاپارسەن تىلىمىسەڭ يوق،
دەپ بار ئىدىغۇ ئۇيغۇر تەمسىلى.

ئويلانسام ئەسلى ئىشنىڭ سىرىنى،
بالاخور چىشىم قەيەرگە كەتتى؟
خالاغا كىرگەندە نۆۋەتتىن كىچىپ،
تۇتۇپتۇ ماكان ئەۋرەز يولىنى.

شۇنىڭ بىلەن <<شىپا>>مۇ تاپتىم،
كەچمىشىمنى قوشاققا قاتتىم.
دوختۇرلار دىيشەر مىنى يالغانچى،
ۋە لىكىن بىمارلارنىڭ كۆڭلىگە ياقتىم.


----مايماق


Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:58:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا ...ما مايماق بوش ئادەم ئەمەسكەن جۇمۇ .....
بىردىن- بىر تەلەپ .... ماقول دىسىڭىز ........ تېمىڭىزغىمۇ يۈرەكلىك ئىنكاس يازىلى ئۇنداق قىلماي ، ئاۋۇ سۈرەتنى يوقۇتۇڭ

Rank: 2

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايماق شئېىر مايماق خەت،
مايماق سۆرەت مايماق بەت.
مايماق سۆڭەك مايماق ئەت،
پېقىر مايماق شۇنداق سەت.

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېقىر مايماق شۇنداق سەت،
دەپلا ئىشنى باشلامسىز.
يۈرەك كېسەل ، قار باسسا،
كېلىپ بىزنى ئاشلامسىز ؟؟؟ئ

ئەر دىگەن سۇمبات كېلۇر،
سۇر بەدەن ئالۋاستىدۇر.
ئۇنداق قىلماي يەنە شۇ ،
مايماق ئۆزى پەلۋانىدۇر.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:09:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمۇ شۇنداق سەت مايماق تۇرسا، شۇڭا ئاشۇنداق باش شەكلى ئىشلىتىدۇ.
جىلۋە، مايماقنىڭ ئۆزىنى كۆرسە كەينىگە ئۇچۇپلا چۈشكىدەك.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:11:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە بۇ سۆرەت شۇنداق چىرايلىق.....سىلەر ئۇنى قانداق كۆرۈشنى ئۇقمايسلەر...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىشىڭنى ئوڭشىتىمەن دەپ تاس قاپسەن ئاشقازىنىڭغا چىش تۇرۇپ قېلىپ ئاشقازىنىڭ سېسىپ كەتكىلى ھېلىمۇ خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ.
ھە راست ئىۋۇ دوختۇرلار سېنى كۆرۈپ قېچىپ كەتمىدىما؟
شېئىرنى يامان ئەمەس يېزىپسەن. يەنىمۇ دىققەت قىلىپ ياز. بەزى يەرلىرى سەل باغلاشماپتۇ.
------------------------------------
موچىننى ئېلىپ تىقتى زۇۋانغا،
مەيلىغۇ تىلىم كەلسىلا كارغا.
لىكىن قېرىنداشلار تۈگىمىدى ئىش،
چۈنكى دوختۇر دەپ سالدى ئاپلا.
-----------------------------------
ئەڭ ئاخىرىدىكى مىسرا ياخشى چىقماپتۇ. كېيىنكى شېئىرىڭدا ئىلگىرلىگىىنىڭنى كۆرەي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي... مەن ئىشقىلىپ قەتتى قارشى ، ھەر بىر ئىنكاسىمغا رەسىم يەڭگۈشلەڭ دەپ يازىمەن ، سىز تاكى رەسىم ئالماشتۇرغۇچە ..............

Rank: 2

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:17:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىققا رەھمەت.........مەن چوقۇم تۇزىتىمەن . يەنە تەنقىدلەر بولسا جامائەت كۆرسىتىپ
بېرىڭلار.
شاھقا تەخىت لازىم،
ئەدىبكە تەنقىد دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكمەت خاتىرەڭنى مۇنبەرگە تۆكسەڭ دەيمەن، بەك ئېسىل نەرسىلىرىڭ بار.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:26 , Processed in 0.050236 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش