يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 755 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 1

ھەقىقىي يىلتىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:35:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ھەقىقىي يىلتىز

(نەسىر)


ساداقەتجان ھاجى


ئەي قېرى دەرەخ، قۇرىغان شاخلىرىڭنى چاتىۋەت. سارغايغان يوپۇرماقلىرىڭنى تۆكۈۋەت. نادانلىق- سېنىڭ شېخىڭ ئەمەس. رەزىللىك- سېنىڭ يوپۇرمىقىڭ ئەمەس. چۈشكۈنلۈك- سېنىڭ مىۋەڭ ئەمەس. ئەگەر سەندە قايتىدىن كۆكلەش ئارزۇسى بولسا، ئىشىنىمەنكى يۈرىكىڭ يەنە كۆكلەيدۇ. چىرايلىق چېچەكلىرىڭ يەنە ئېچىلىدۇ. مىۋىلىرىڭ يەنە جىلۋە قىلالايدۇ. چۈنكى سېنىڭ چۇڭقۇر يىلتىزىڭ بار.
سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتسەن. چۈنكى سېنىڭ تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقان قان ئانا زىمىننىڭ يۈرىكىدىن كەلگەندۇر. سېنىڭ يۈرىكىڭدىن كۆلەۋاتقان ئارزۇ-ئارمان شاخلىرى بولسا بىپايان ئاسمانغا ئىنتىلگەندۇر ۋە ئۇنىڭ باغرىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئەركىن قۇشلارغا ھەۋەس قىلغاندۇر.
سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتسەن. چۈنكى سەن ئەسىرلەردىن بىرى بۇ چۆل-باياۋاندا بىر مۆجىزىدەك ياشاپ كەلدىڭ. تالاي-تالاي بورانلار سانسىز قىتىم قەددىڭنى ئېگىپ، شاخلىرىڭنى سۇندۇرغان چاغدىمۇ يىلتىزىڭنى قۇرۇتالمىدى. سەن بۇ زىمىندا تۇرۇپ مۇقەددەس قۇياشنىڭ نۇرغۇن قىتىم زۇلمەت قەپىزىدىن ئۇچۇپ چىققانلىقىغا شاھىد بولدۇڭ. سېنىڭ غازاڭ دوزىخىغا چۈشكەن چاغلىرىڭمۇ بولغان ئىدى. لېكىن چۇڭقۇر يىلتىزىڭ ھامان پىنھان ياشنىغان. ئۈمىدۋار يۈرىكىڭ ھامان چېچەكلەشكە تەييار تۇرغان... خۇددى بۈگۈنكىدەك ھايات-ماماتلىق تاللاش سېنىڭ بېشىڭغا نۇرغۇن قىتىم كەلگەن...
ئەي قېرى دەرەخ، بۇ زىمىن، بۇ ئاسماننىڭ تارىخى سېنىڭ ھەقىقىي يىلتىزىڭدۇر. بۇنداق يىلتىزنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس!
لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى،ئەگەر سەن چۇڭقۇر يىلتىزىڭغا ئىشىنىپ ھارام شاخلىرىڭنى پۇتاپ تۇرمىساڭ، بۇ بىپايان زىمىن ۋە چەكسىز ئاسماندىن زىيادە ئۈمىد كۈتسەڭ، چۇقۇم قۇرۇپ قاخشال بولىسەن. ئاندىن پەقەت ياشاش ئىستىكىدىلابولىۋاتقانلارنىڭ ئوتىنى ئۇلغايتىدىغان ئوتۇن، قازىنىنى قاينىتىدىغان ئوت بولىسەن...


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(1997-يىل 2-ئاي. قەشقەر)
«تۇرپان» ژورنىلى 1999-يىللىق 1-سان
http://ketmenbay.blogbus.com/

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:11:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرى دەرەخ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ قويسا ھەمدە ئىرادىسىزلىك قىلسا ئاسانلا قۇرۇپ قالىدۇ. قېرى دەرەخنىڭ ھامان كۆكلەپ ياشنايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:12 , Processed in 0.070628 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش