يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 753 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 620|ئىنكاس: 1

ھەقىقەت، ئالتۇن، گۈزەللىك، ئۈمىد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:24:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەقىقەت، ئالتۇن، گۈزەللىك، ئۈمىد
      
(نەسىرلەر)


ساداقەتجان ھاجى





(1) ھەقىقەت ۋە ئالتۇن

ھەقىقەت- ئالتۇندۇر، ئالتۇنمۇ- ھەقىقەتتۇر.
مەرتلەر بايلىقنى دوست تۇتمىسا، بايلىق نامەرتلەرنى تاپىدۇ.
پۇل قارا نىيەتلەرنىڭ قولىدا بولسا، مۇھتاجلىق ئاق كۆڭۈللەرنى مەسخىرە قىلىدۇ.
ياخشىلار قانائەتچان بولسا، ئاچكۆزلۈك- يامانلارنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەبۇدقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.ھەقىقەت مەڭگۈ ھەقىقەت بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئالتۇن تاج كىيىپ، ئالتۇن تەختتە ئولتۇرىشى كىرەك.



(2) ھەقىقەت ۋە گۈزەللىك

گۈزەللىك- دەرەخنىڭ يوپۇرمىقىدا...
ھەقىقەت- دەرەخنىڭ يىلتىزىدا...
ئەگەر يىلتىز قۇرۇسا يوپۇرماق تۆكۈلەر، لېكىن يوپۇرماق تۆكۈلسە يىلتىز يەنە كۆكلەر.
گۈزەللىكنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرار، چۈنكى ئۇ ئاشكارىدۇر.
ھەقىقەتنى كۆڭلىمىز سېزىپ تۇرار، چۈنكى ئۇ مەخپىدۇر.
گۈزەللىك چىرايلىق خوتۇنغا ئوخشايدۇ، ناز- كەرەشمە بىلەن كۈلۈپ تۇرىدىغان.
ھەقىقەت بوينى قاتتىق ئەرگە ئوخشايدۇ، دائىم قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرىدىغان.
شۇڭلاشقا گۈزەللىك ئاسان خاتالىشىدۇ. ھەقىقەت چىرايلىق بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ.
ئەگەر گۈزەللىك ھەقىقەت بىلەن توي قىلسا، يىلتىزى مەڭگۈ قۇرىماس. خۇددى دەرەختەك ياپ- يېشىل تۇرار. ھەقىقەتمۇ گويا گۈزەللىك كەبى كۆز ئالدىمىزدا ئاشكارا بولار.ھەقىقەتنىڭ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشى- پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەللىكىدۇر.



(3) ئۈمىد

جەننەت- بىزنىڭ ئۈمىدىمىزدۇر.
ئۈمىد- بىزنىڭ جەننىتىمىزدۇر.
ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار مۇقەددەس كىتاپلارنى ئوقۇپ بېقىڭلار.
ئارىمىزدا پەرىشتىدەك ئادەملەر بار. ئۇلار بىزدىن پاكىز، بىزدىن ساغلام، بىزدىن خۇشھال، بىزدىن ئۇزاق ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قاردەك ئاپئاق ساقىلى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە. تەۋرەنمەس ئىتىقاد مانا مۇشۇنداق مۆجىزىلەرنى ياراتقان.
مەن سىلەرگە بىر ئېغىز ئۇلۇغ سۆزلەي: ئۈمىد- ماھىيەتتە بىزنىڭ ئىمانىمىزدۇر.


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(مەنبە: «تۇرپان گېزىتى» 1997-يىل 12-نويابىر)
http://ketmenbay.blogbus.com/
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:02:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەت ئاچچىق بولىدۇ. بىرەر ئىشنى قىلىشتا ھەقىقەت تەرەپتە تۇرىمەن دېسەڭ ئۆزۈڭگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىدىكەنسەن. ھەقىقەت تەرەپتە ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرىمەن دەيدىكەنسەن نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ياشىغان ئىنسان، ئۆزىگە تەۋە بولغان نۇرغۇنلىغان بەخىت ۋە خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 14:44 , Processed in 0.048678 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش