يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 536|ئىنكاس: 10
go

خەتلىك تەگلىكلەر(2)

Rank: 8Rank: 8

توردا
78 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 
نادىر
يازما
160 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىرىنچى قىسمىنى بۇيەردىن كۈرۈڭ !
رەببىم
ئىنسان ھەمىشە ئۈزىنى قالتىس -ياراملىق چاغلايدۇ .دۇنيادا ھېچكىمنى ئۈزىگە تەڭ قىلمايدۇ .دىشۋارچلىققا يۇلۇقسا <<كىملەردىن ياردەم كىلەركىن>> دەپ كىچىك بالىغىمۇ تەلمۈرۈپ باقىدۇ . رەببىم ئېيتىدۇ <<مەن سىلەرنىڭ بۇيان تۇمۇرۇڭلاردىنمۇ يېقىنمەن>>   ئەمما اللە قا يالۋۇردىغان ئۇنىڭغا ئېسىلىدىغان . كىچىلەردە بىدار بۇلۇدىغان كىملەر بار؟
بىر كىشى اللە قا ئىلتىجا قىپتۇ <<ئېي اللە سەن ئۇخلىمامسەن ! >>اللە جاۋاپ بىرىپ دپتۇ   <<سەن بىرقۇلىڭدا بىر چىنە سۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇخلاپ باققىن !>>

رەسىم چوڭلۇقى 1600x1000
بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ

قەلبىم
ئۇنىڭغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلى بەك تۈۋەن . شۇنىڭغا قارىماي يۈرۈگۈم شۇنىڭغىلا سۇقۇدۇ ! دائىم ئەسلەپ قالىمەن . سېغىنىپ قالىمەن . ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرشىپ قېلىشنى  كۈرۈشۈپ قېلىشنى ئويلىسام ھاياجانلىنىپ كىتىمەن . ئەمما بولمايدۇ  زادى بولمايدۇ  شۇنداق ئىكەن يۈرۈگۈمگە بولدى قىل ! دىگۈم يوق .ئۇنىڭ ئۈچۈن سۇقۇشتىن   ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياجانلىنىشتىن توختىتىپ قويغۇم يوق.

رەسىم چوڭلۇقى 1600x1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز  
ھاياتلىق
كۈڭۈل تۇلىمۇ نازۇك نەرسە. ئۇنىڭغا تىگىپ كەتتىڭمۇ بولدى، تىزلىنىپ تۇرۇپ چاي تۇتساڭمۇ ئەسلىگە كەلمىكى تەس .ئەمما پايدا-مەنپەئەت ئالدىغا كەلگەندە ئۆزگىلەردە بىزنىڭكىگە ئوخشاشلا نازۇك بىر كۈڭۈلنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتۇپ قالىمىز . ئۇنىڭ ياش تۈكۈپ قېلىشىنى ئويلىمايمىز .ياكى پەرۋا قىلمايمىز . باشقىلار بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تەككەندە بولسا نەچچە كۈنگىچە قاقشايمىز .

رەسىم چوڭلۇقى 1600x1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز
ئۈمۈت
ئادەم ھاياتىدا مىنۇت -سىكونىت ئۈمىتتىن خالى بۇلالمايدۇ . بۈگۈن قىلغىنىڭ ئەتە ئۈچۈن. ئەتە قىلماقچى بولغىنىڭ كىيىنلىلىڭ ئۈچۈن .
ھەرنەرسىدىن ئۈمۈت كۈتىمىز ئادەملەردىن ،تەبىئەتتىن ،ھادىسىلەردىن ،ھەتتا ھايۋانلاردىن . ئەمما ئەڭ ياخشى ئۈمىتكار ھەمىشە بىزگە قۇلىنى چوڭ ئېچىپ تۇرۇدۇ . تىلىگىن بىرەي .سورىغىن ئاڭلاي . تەڭلە تۇتقۇزۇپ قۇياي  دەپ . ئەمما بۇنىڭغا پەرۋا قىلىدىغانلار بەك ناھايىتى بەك ئاز . ھېچكىمدىن ئۈمۈت كەلمىگەندە ئاندىن رەببىگە يېقىلىدۇ    خۇددى زۈلەيخاغا ئوخشاش .

رەسىم چوڭلۇقى 1600x1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز
ئېنساپ
ئۈزۈمنى چىڭ تۇتۇپ باقىمەن . گېلىمنى ،قۇلۇقۇمنى ،كۈزۈمنى تىزگىنلەپ شەيتاننىڭ نوقتا سېلىۋېلىشىدىن ساقلىماقچى بۇلىمەن . بىراق بەزى ۋاقىتلاردا شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئەتتىگەندە ئېغىر بېسىپ قالىدۇ .نامازلارنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپ كىتىپ قالىدۇ . قۇرئان كەرىم تاشلىنىپ قالىدۇ . ئۈزۈمنى رەببىمدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقاندەك ،شەيتانغا قۇل بۇلۇپ قېلىۋاتقاندەك  ھېس قىلىپ قالىمەن ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بۇلىمەن  .شۇنداق ۋاقىتلاردا اللەقا ئىلتىجا قىلىمەن !

رەسىم چوڭلۇقى 1600x1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز
يۈرۈگۈم
يۈرۈگۈم كىرەكمۇ ؟مەن «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر»نىڭ «ئانا» داستانىدىكى بىۋاپا ئۇغۇلنىڭ ئانىسى ئەمەسمەن. ئەتىراپىمدىكىلەرمۇ ھەم شۇنداق .لېكىن نۇرغۇن ئۇغۇللارنىڭ قىز دوستى ئۈچۈن ،نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئۇغۇل دوستى ئۈچۈن ئۈلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن . ئەڭ قاملاشمىغىنى سىز ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئىھتىياجلىق بولغاندائۇ سىزگە ھەرگىز تەڭلىمەيدۇ بەلكى «قوغلىغاندىن قاچقۇلۇق» دەپ  سىزنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىشقا تىرىشىدۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز ئۇنىڭدىن ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزۈپ نازۇك كۆڭلىڭىزنى زەنجىر بىلەن باغلاپ ياۋىشىتىپ ئۇ بىۋاپاغا نەپرەت ياغدۇرغاندا ئاندىن كەينىڭىزدىن «قاچقاننى قوغلۇغۇلۇق»دەپ يۈگۈرەشكە باشلايدۇ .

رەسىم چوڭلۇقى 1600x1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز
ئائىلە
ئائىلە ئۇ شەخىسنىڭ بىرىكمىسى . ئائىلە مۇكەممەل ئەلدە مىللەت مۇكەممەل بۇلىدۇ . مىللەت مۇكەممەل بولسا ۋەتەن مۇكەممەل بۇلىدۇ . ئائىلە بۇزۇلغان ئەلدە مىللەت مۇنقەرىز ،ۋەتەن مۇنقەرىز . ئائىلىنىڭ ئورنىنى تۇنۇمىغان جەمىيەت يېقىندا بۇراندا قالىدىغان جەمىيەتتۇر .

رەسىم چوڭلۇقى 1024x768
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز
پۇرسەت
ھەربىركۈننى ساق تاڭ ئاتقۇزغان ئىكەنمىز شۇكۇنكى قۇياشنىڭ نۇرىنى كۆرگىنىمىز  بىرقېتملىق پۇرسەتتۇر. بۇنداق پۇرسەت تىرىك يۈرگەن ئادملەرنىڭ ھەممىسىگە يۇلۇقۇدۇ. لېكىن ئۇنى تۇنۇيدىغان قەدىرلەيدىغانلار بەك ئاز !  شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتىن ئىسراپ قىلغان ۋاقىت كۆپ !شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە بايلاردىن نامراتلار كۆپ ،بىلىملىكلەردىن جاھىللار كۆپ   ھەممىسى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ نەتىجىسى .بىزدە «دالى گارنىگ »دەك ساق تاڭ ئاتقۇزغان كۈنى ئۈچۈن تەڭرى ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ تەشەككۈر ئېيتىدىغانلار بارمىدۇ ؟

رەسىم چوڭلۇقى :1600x1158
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز
يەتتە كۈن
ئۈلۈمنىڭ مەنزىلى 7كۈن . بۇ ئانچە ئالاھىدە گەپمۇ ئەمەس.  لېكىن بەزىلەر بەك چوڭقۇر ئويلاپ كىتىپ نىمە گەپلىكىنى چۈشۈنەلمەي قالىدىكەن . ئۇ نىمە دىگەن گەپ ؟
ئۇ <<سەن ئۈلىدىغان كۈن بىرھەپتىدىن ئىبارەت 7كۈننىڭ بىرىگە توغرا كىلىدۇ >>دىگەن گەپ .دىمىسىمۇ شۇغۇ   جاھاندا سەككىزىنچى كۈن بارمىدى ؟

رەسىم چوڭلۇقى :1600x1200
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز
رەسىم
بۇ شۇنداقلا بىر رەسىم ئارتۇق گەپ يوق !

رەسىم چوڭلۇقى :1600x1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز
تەشنالىق
بۇرەسىم ھەققىدە توپلامنىڭ بىرىنچى قىسمىدىمۇ توختالغان ئەمدى ئارتۇقچە گەپ قىلماي !
مەن شۇ قەھۋەگە  سەل ئامراق    شۇڭا تۇلىراق قەھۋەنىڭ گىپىنى قىلىپ سالىمەن .

رەسىم چوڭلۇقى 1600x1000
بۇيەردىن چۈشۈرەلەيسىز
2- قىسىم مۇشۇيەردە ئاياقلاشتى .  ھەزىرچە بار رەسىم مۇشۇ . كىيىنچە يەنە تۇلۇقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن .
مىنىڭ پىكىرلىرىم ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى خالىسىڭىز   ئويلىغانلىرىڭىزنى كەڭ-كۇشادە دەۋىرىڭ ! مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن ..

[ rohqin بۇ يازمىنى  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:18  دە تەھرىرلىگەن. ]


Rank: 2

توردا
7 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 
نادىر
يازما
89 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
روھچىننىڭ تەگلىك رەسىملىرىگە رەھمەت!
رەسىم بەك چوڭمۇ قانداق، خەتلىرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۆرگىلى بولمىدى
مۆمكىن بولسا سەل- پەل كىچىكلەتكىلى بولۇرمۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
78 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 
نادىر
يازما
160 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كىچىكلەتكىلىغۇ بۇلۇدۇ .
مەن تەھرىرلەپ باقاي .

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 
نادىر
يازما
224 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەگلىك قىلىۋالغۇدەك رەسىملەركەن .
تەكلىپ - پىكىر : پۇرسەت دېگەن ئەسىرىڭىزنىڭ خېتىنى سەل چوڭايتسىڭىز بولغۇدەك ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
86 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 
نادىر
يازما
560 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
روھچىننىڭ تەگلىك رەسىملىرىگە رەھمەت!

Rank: 8Rank: 8

توردا
78 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 
نادىر
يازما
160 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باغرىم بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:23 دە يوللىغان
تەگلىك قىلىۋالغۇدەك رەسىملەركەن .
تەكلىپ - پىكىر : پۇرسەت دېگەن ئەسىرىڭىزنىڭ خېتىنى سەل چوڭايتسىڭىز بولغۇدەك ...



شۇنداق قىلسام بولغۇدەك.ھازىر راۋان ئۇقۇشقا تەسىر يىتىدىكەن .كۈڭۈل بۆلگۈنۈڭىزگە رەھمەت !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەسىملەر ئالدىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇغاچ رەسىمنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسە، رەسىمدىن نۇرغۇن مەنالار چىقىدىكەن. روھچىننىڭ رەسىملەرگە قوشۇپ يازغان ئۈنچىلىرىگە رەھمەت.
"ئېلتىپاتىڭ" ئەمەس "ئىلتىپاتىڭ"  "ئۈلۈمىنىڭ" ئەمەس "ئۆلۈمنىڭ" دوست يىغلىتىپ ئېيتار دەپتىكەن خاتا كەتكەن يەرلەرنى كۆرسۈتۈپ بەرسەك كېيىنكى قېتىملىق ئەسىرىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ.
كېيىنكى ساننى ساقلاي.



ما رەسىمنى مۇنبەردىكى قەھۋەگىلا سوۋغا قىلىڭە.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
253 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
726 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ شۇنىلا ئالاي، دەپ تۇرغان. روھچىننىڭ قايتىدىن قەدەم تەشرىپ قىلغىنىغا كۆپ تەشەككۇر. ھەپتە يوقاپ كەتسەم خېلى يېڭىلىقلار بوپتۇ، شۇنداق ئېسىل ئەزالار كىرىپتۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
78 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 
نادىر
يازما
160 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جۇلالىق بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:49 دە يوللىغان
"ئېلتىپاتىڭ" ئەمەس "ئىلتىپاتىڭ"  "ئۈلۈمىنىڭ" ئەمەس "ئۆلۈمنىڭ" دوست يىغلىتىپ ئېيتار دەپتىكەن خاتا كەتكەن يەرلەرنى كۆرسۈتۈپ بەرسەك كېيىنكى قېتىملىق ئەسىرىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ ...


رەھمەت  تۈزۈتۈپ  قايتا يوللاپ قۇياي !

Rank: 8Rank: 8

توردا
78 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 
نادىر
يازما
160 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جۇلالىق بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:49 دە يوللىغان
ما رەسىمنى مۇنبەردىكى قەھۋەگىلا سوۋغا قىلىڭە. ...


قەھۋەگە مەن تەشنا تۇرسام ! ماڭا سوۋغا قىلماي   مەن سوۋغا قىلامدىم ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 03:11 , Processed in 0.030400 second(s), 8 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.